ئەبۇھۇرەيرە رضي الله عنه مۇنداق دەيدۇ. پەيغەمبەر ﷺمۇنداق دېگەن: «ئىمان ئاتمىش نەچچە شاخچىدۇر، ھايامۇ ئىماننىڭ بىر شاخچىسىدۇر.» سەھىھۇل بۇخارى 9 – ھەدىس.
«پەيغەمبەر ﷺ بۇ يەردە نېمىشقا يالغۇز ھايانىلا تىلغا ئالغان؟» دەپ سورالسا، جاۋابىمىز شۇدۇر: «ھايا ئىماننىڭ قالغان شاخچىلىرىنى ئادا قىلىشقا تۈرتكە بولىدىغان ئامىلدۇر. چۈنكى، ھايالىق كىشى دۇنيا – ئاخىرەتتە رەسۋا بولۇشتىن قورققان ھالدا ئاللاھ تائالانىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئادا قىلىدۇ، چەكلىگەن نەرسىلىرىدىن يانىدۇ.» ھافىز ئىبنى ھەجەر رحمه الله نىڭ «فەتھۇل بارى» ناملىق ئەسىرىدىكى شۇ ھەدىسنىڭ شەرھىسىدىن ئېلىندى.
* ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتلىك دىنىي ئىلىملەرنى ئىگىلەپ ۋە شۇ بويىچە ئەمەل قىلىپ، دۇنيا – ئاخىرەتتە سائادەتمەنلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، بۇ بەتنى ۋە تور بېتىمىزدىكى باشقا ماقالە – پەتىۋالارنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە تارقىتىپ قويغايسىز.
