ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىن | «تائام يېگۈزۈڭلار» دېگەن ھەدىسنىڭ شەرھى

رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ‌ مۇنداق دېگەن:«يَا ‌أَيُّهَا ‌النَّاسُ ‌أَفْشُوا ‌السَّلَامَ، ‌وَأَطْعِمُوا ‌الطَّعَامَ ‌وَصَلُّوا ‌بِاللَّيْلِ ‌وَالنَّاسُ ‌نِيَامٌ، ‌تَدْخُلُوا ‌الْجَنَّةَ ‌بِسَلَامٍ»

«ئى ئىنسانلار! سالامنى ئومۇملاشتۇرۇڭلار، تائام يېگۈزۈڭلار، كېچىدە كىشىلەر ئۇخلاۋاتقاندا ناماز ئوقۇڭلار، (شۇنداق قىلساڭلار) سالامەت ھالدا جەننەتكە كىرىسىلەر» [«ياخشىلار باغچىسى» 1166 – ھەدىس. ئىمام ئىبنى ماجە ۋە ئىمام تىرمىزى توپلىغان، ئىمام ئەلبانى «سەھىھ» دەپ باھالىغان].

ئەللامە، مەشھۇر فەقىھ، ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مەزكۇر ھەدىسنى شەرھلەپ مۇنداق دېگەن:
پەيغەمبەر ﷺ «وَأطْعِمُوا الطَّعَامَ» «تائام يېگۈزۈڭلار» دېگەن. ئۇنداقتا، كىمگە تاماق يېگۈزىمىز؟ كىمنىڭ ئېھتىياجى بولسا شۇ كىشىگە.
ئەڭ باشتا ئايالىڭىز، بالىلىرىڭىز، قىسىقىسى ئائىلىڭىز ۋە ياكى بېقىش مەسئۇلىيتىڭىز بولغان كىشىلەرنى يېگۈزۈپ – ئىچكۈزۈشىڭىز ئەڭ پەزىلەتلىك ئىشتۇر. بۇ بىر مىسكىننى يېگۈزۈپ – ئىچكۈزۈشىڭىزدىن ئەۋزەلدۇر. چۈنكى، ئائىلىڭىزدىكىلەرنى تائاملاندۇرۇشىڭىز، بىر پەرزنى ئادا قىلغانلىقتۇر. پەرز بولغان بىر ئىشنى ئادا قىلىش نەپلە ئەمەلنى ئادا قىلىشتىن ئەۋزەلدۇر. شەكسىزكى، ئاللاھ تەئالا ھەدىس قۇددۇسىيدا: «بەندەم ماڭا مەن ئۇنىڭ ئۈچۈن پەرز قىلىپ بېكىتكەن ئەمەللەردىنمۇ سۆيۈملۈكرەك ئىش بىلەن يېقىنلىشالمايدۇ» دېگەن. شۇ سەۋەبتىن ئائىلىدىكىلەرنى تائاملاندۇرۇش بىر مىسكىننى تائاملاندۇرۇشتىن پەزىلەتلىكتۇر. چۈنكى بىرىنچىسى پەرز، ئىككىنچىسى مۇستەھەبتۇر. ئائىلىسىدىكىلەرنى يېگۈزۈپ ــ ئىچكۈزگەن، بۇ جەھەتتە قۇسۇر سادىر قىلمىغان ھالدا بۇ پەرزنى ئادا قىلغان كىشى (ھەدىستە كۆرسىتىلگىنىدەك) «تاماق يېگۈزگەن» بولىدۇ. كىم شۇنىڭدىن ئېشىنىپ، باشقىلارنىمۇ تائاملاندۇرسا، تېخىمۇ ياخشى ئىش قىلغان بولىدۇ.

ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ «ياخشىلار باغچىسى» 1166- ھەدىس شەرھى