ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىننىڭ ئىمام نەۋەۋىيگە ۋە «ياخشىلار باغچىسى»غا بەرگەن باھاسى

ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىننىڭ ئىمام نەۋەۋىيگە بەرگەن باھاسى:

ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىن (ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن) مۇنداق دېگەن:

«ھافىز نەۋەۋىي — ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن — شافىئىي مەزھىپىدىكى سۆزى ئېتىبارغا ئېلىنىدىغان مەشھۇر كىشىلەردىن بىرىدۇر. ئۇ شافىئىيلارنىڭ ئىچىدە كىتاب يېزىشقا ئەڭ ھېرىسمەن ئالىملارنىڭ بىرى بولۇپ، ھەدىس ۋە ھەدىسشۇناسلىق قاتارلىق كۆپلىگەن ساھەلەردە ئەسەرلەرنى يازغان. تىلشۇناسلىق ئىلمىدە «تهذيب الأسماء واللغات» دېگەن كىتابنى يازغان. ئۇ ھەقىقەتەن كىشىلەرنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ بىلىملىك زاتلارنىڭ بىرىدۇر. ئاشكارە بولغىنى شۇكى — ئاللاھ ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر — ئۇ كىتاب يېزىشتا كىشىلەرنىڭ ئەڭ ئىخلاسمەنلىرىدىن بىرىدۇر. چۈنكى ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئىسلام دۇنياسىغا كەڭ تارقالدى؛ سىز ئىچىدە «ياخشىلار باغچىسى» ئوقۇلمايدىغان بىرەر مەسجىدنى تاپالمايسىز. ئۇنىڭ كىتابلىرىنىڭ دۇنيادا (يەنى مۇسۇلمانلار ئارىسىدا) شۇنچە مەشھۇر ۋە كەڭ تارقالغان بولۇشى ئۇنىڭ نىيىتىنىڭ دۇرۇسلىقىغا دالالەت قىلىدۇ.» [ئىبنى ئۇسەيمىن ئەسەرلىرى — شرح الأربعين النووية، 2/254]

 

ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىننىڭ «ياخشىلار باغچىسى»غا بەرگەن باھاسى:

ئۇ مۇنداق دېگەن:

«ھەقىقەت شۇكى، بۇ <ياخشىلار باغچىسى> كىتابى ئىنتايىن ئەتراپلىق، پايدىلىق كىتابتۇر. ئۇنىڭغا <ياخشىلار باغچىسى> دەپ نام بېرىلىشى تولىمۇ مۇناسىپ بولغان. ئۇنىڭدا ھەر خىل گۈزەل تۈرلەر بار؛ ئۇنىڭدا ئىلىم مەسىلىلىرى ۋە ئەدەپ – ئەھكام مەسىلىلىرىدىن شۇنداق كۆپ نەرسىلەر باركى، ئۇلارنى باشقا كىتابلاردا ئۇچرىتىش تەس.» [«ياخشىلار باغچىسى شەرھى» 2/597)

ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن:

«بۇ شۇنى كۆرسىتىدۇكى، بۇ كىتاب — يەنى «ياخشىلار باغچىسى» — ئىنتايىن مۇكەممەل ۋە ئەتراپلىق كىتابتۇر. ھەر بىر مۇسۇلمان بۇ كىتابنى سېتىۋېلىشى، ئوقۇشى ۋە ئىچىدىكى مەزمۇنلارنى چۈشىنىشى لازىم.» [«ياخشىلار باغچىسى شەرھى»، 2/653]

ھەتتا ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىن ساۋابقا بولغان زىيادە ھېرىسمەنلىكى سەۋەبلىك، ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزىگىمۇ «ياخشىلار باغچىسى شەرھى»دەك مۇسۇلمانلار تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان بىر كىتاب بېرىشىنى ئارزۇ قىلىپ، مۇنداق دېگەن:

«ھازىر <ياخشىلار باغچىسى> كىتابى ھەربىر سورۇندا، ھەر بىر مەسجىدتە ئوقۇلماقتا، كىشىلەر ئۇنىڭدىن بۈيۈك مەنپەئەتلەرگە ئېرىشمەكتە. مەن ئاللاھنىڭ ماڭىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش، ھەممە ئادەم ئۆيىدە ۋە مەسجىدتە پايدىلىنىدىغان بىر كىتاب نېسىپ قىلىشىنى ئارزۇ قىلىمەن.» [لقاءات الباب المفتوح — 43 – سۆھبەت]