ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىننىڭ «ئىسلام رۇكۇنلىرىغا ئالاقىدار پەتىۋالار» دېگەن كىتابىدىكى 14 – سوئال، «ئۇيغۇر ئسىلام تورى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى.
سوئال: غەيىبنى بىلىدىغانلىقىنى دەۋا قىلىدىغان كىشىنىڭ ھۆكمى نېمە؟
ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىننىڭ جاۋابى:
غەيىبنى بىلىدىغانلىقىنى دەۋا قىلغان كىشى كاپىردۇر. چۈنكى، ئۇ مەزكۇر دەۋاسى ئارقىلىق ئاللاھ ئەززە ۋەجەللەنى ئىنكار قىلماقتىدۇر. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دېگەن:
{قُل لَّا يَعْلَمُ مَن فِي السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ الْغَيْبَ إِلَّا اللَّهُ ۚ وَمَا يَشْعُرُونَ أَيَّانَ يُبْعَثُونَ}
«ئېيتقىنكى، ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا، ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم غەيىبنى بىلمەيدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قاچان تىرىلدۈرىلىدىغانلىقىنىمۇ بىلمەيدۇ» [نەمل سۈرىسى 65 – ئايەت]
ئاللاھ ئەززە ۋەجەللە رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ نى «ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا ئاللاھتىن باشقا ھېچكىمنىڭ غەيىبنى بىلمەيدىغانلىقى»نى كىشىلەرگە جاكارلاشقا بۇيرۇغان. بۇنىڭغا بىنائەن، غەيىبنى بىلىدىغانلىقىنى دەۋا قىلىدىغان كىشى ئاللاھ تەئالانىڭ مۇشۇ خەۋىرىنى ئىنكار قىلغان بولىدۇ.
غەيىبنى بىلىدىغانلىقىنى دەۋا قىلىدىغانلارغا دەيمىزكى، «رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ مۇ غەيىبنى بىلمەيدىغان تۇرسا، سىلەر قانداقمۇ غەيىبنى بىلەلەيسىلەر؟ رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ سىلەردىن ئۈستۈنمۇ ياكى سىلەر ئۇنىڭدىن ئۈستۈنمۇ؟»، ئەگەر ئۇلار: «بىز پەيغەمبەردىن ئۈستۈنمىز» دېسە، مۇشۇ سۆزى بىلەن كاپىر بولىدۇ. ئەگەر «پەيغەمبەر بىزدىن ئۈستۈن» دېسە، دەيمىزكى، «ئۇنداقتا سىلەر غەيىبنى بىلەلەيدىغان بولساڭلار، رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ نېمە ئۈچۈن غەيىبنى بىلىشكە نائىل بولالمىغان؟» ھالبۇكى، ئاللاھ تەئالا ئۆزى ھەققىدە مۇنداق دېگەن:
{عَالِمُ الْغَيْبِ فَلَا يُظْهِرُ عَلَىٰ غَيْبِهِ أَحَدًا ﴿٢٦﴾ إِلَّا مَنِ ارْتَضَىٰ مِن رَّسُولٍ فَإِنَّهُ يَسْلُكُ مِن بَيْنِ يَدَيْهِ وَمِنْ خَلْفِهِ رَصَدًا ﴿٢٧﴾ }
«ئاللاھ غەيبنى بىلگۈچىدۇر، ھېچكىمنى ئۆز غەيىبلىرىدىن خەۋەردار قىلمايدۇ (26) پەقەت ئاللاھ ئۆزى مەمنۇن بولغان پەيغەمبەرلەرلا بۇنىڭدىن مۇستەسنا (يەنى ئاللاھ پەيغەمبەرلىرىگە بەزى غەيبلەرنى بىلدۈرىدۇ)، ئۇنىڭ ئالدىغا ۋە ئارقىسىغا كۆزەتچى (پەرىشتە) سېلىپ قويىدۇ (27)» [جىن سۈرىسى]. مانا بۇ غەيىبنى بىلىدىغانلىقىنى دەۋا قىلىدىغانلارنىڭ كاپىر ئىكەنلىكىگە دالالەت قىلىدىغان ئىككىنچى ئايەتتۇر.
بۇنىڭدىن سىرت، ئاللاھ تەئالا يەنە ئۆز پەيغەمبىرىنى ئىنسانلارغا مۇنداق دەپ جاكارلاشقا بۇيرۇغان:
{قُل لَّا أَقُولُ لَكُمْ عِندِي خَزَائِنُ اللَّهِ وَلَا أَعْلَمُ الْغَيْبَ وَلَا أَقُولُ لَكُمْ إِنِّي مَلَكٌ ۖ إِنْ أَتَّبِعُ إِلَّا مَا يُوحَىٰ إِلَيَّ}
«ئېيتقىنكى، مەن <مېنىڭ يېنىمدا ئاللاھنىڭ خەزىنىلىرى بار> دېمەيمەن، مەن غەيىبنىمۇ بىلمەيمەن. مەن سىلەرگە <مەن بىر پەرىشتىمەن>مۇ دېمەيمەن. مەن پەقەت ماڭا ۋەھىي قىلىنغانغىلا ئەگىشىمەن» [ئەنئام سۈرىسى 50 – ئايەت]
