ئەدى ئىبنى ئەبى ھاتىم رضي الله عنه شۇنداق دېگەن: مەن بوينۇمدا ئالتۇن كرېست بار ھالدا رەسۇلۇللاھ ﷺ نىڭ يېنىغا كەلگەنىدىم. رەسۇلۇللاھ ﷺ: «ئى ئەدى، بوينۇڭدىكى بۇتنى تاشلا!» دېدى. مەن ئۇنى (يەنى بوينۇمدىكى رەسۇلۇللاھ ﷺ تەرىپىدىن بۇت دەپ ئاتالغان كرېستنى) تاشلىۋېتىپ بولۇپ، رەسۇلۇللاھ ﷺ نىڭ يېنىغا كەلسەم، ئۇ {اتَّخَذُوا أَحْبَارَهُمْ وَرُهْبَانَهُمْ أَرْبَابًا مِّن دُونِ اللَّهِ وَالْمَسِيحَ ابْنَ مَرْيَمَ} «ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ھىبرىلىرىنى، راھىبلىرىنى (يەھۇدىيلار بىلەن ناسارالارنىڭ دىنىي باشلىقلىرىنى، ئۆلىمالىرىنى) ۋە مەريەم ئوغلى مەسىھنى مەبۇد قىلىۋالدى» دېگەن ئايەتنى ئوقۇدى [سۈرە تەۋبە31- ئايەت].
ئاندىن مەن: «بىز ئۇلارغا ئىبادەت قىلمايتتۇق ئەمەسمۇ؟» دېۋىدىم، رەسۇلۇللاھ ﷺ: «يەھۇدىي – ناسارالار راھىبلارغا ئىبادەت قىلمىغان بولسىمۇ، راھىبلار بىرەر نەرسىنى ھالال دەپ بەرسە، خەلق ھالال دەپ بىلدى. راھىبلار بىرەر نەرسىنى ھارام دەپ بەرسە، خەلق ھارام دەپ بىلدى. مانا شۇ ئۇلارنىڭ ئىبادەت قىلغىنىدۇر» دېدى. [بۇخارىي: تارىخ كەبىر 471- ھەدىس؛ سۇنەن تىرمىزىي 3095- ھەدىس؛ تەبرانىي: مۇئجەم كەبىر 218- ھەدىس؛ ئىبنى جەرىر: تەپسىر تەبەرىي 16632- ھەدىس؛ ئەلبانىي: سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى 3293- ھەدىس].
