گۇناھىڭىز ھەرقانچە كۆپ بولسىمۇ، ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ۋە مەغفىرىتىدىن ئۈمىد ئۈزمەستىن، تەۋبىگە ئالدىراڭ

ئەبۇ ھۇرەيرە ‌رَضِيَ ‌اللَّهُ ‌عَنْه دىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ‌ ئۆز رەببى تبارك وتعالى دىن (يەنى الله تعالى دىن) بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «بىر بەندە گۇناھ ئۆتكۈزۈپ <ئى الله، گۇناھىمنى مەغفىرەت قىلغىن> دېسە، الله تبارك وتعالى: <بەندەم بىر گۇناھ ئۆتكۈزدى، ئاندىن ئۇ ئۆزىنىڭ گۇناھىنى مەغفىرەت قىلىدىغان ۋە گۇناھىدىن ھېساب ئالىدىغان رەببى بارلىقىنى بىلدى> دەيدۇ. ئاندىن ئۇ بەندە قايتا گۇناھ ئۆتكۈزۈپ: <ئى رەببىم، گۇناھىمنى مەغفىرەت قىلغىن> دېسە، الله تبارك وتعالى: <بەندەم بىر گۇناھ ئۆتكۈزدى، ئاندىن ئۇ ئۆزىنىڭ گۇناھىنى مەغفىرەت قىلىدىغان ۋە گۇناھىدىن ھېساب ئالىدىغان رەببى بارلىقىنى بىلدى، ھەقىقەتەن مەن بەندەمنى مەغفىرەت قىلدىم، ئۇ خالىغىنىنى قىلسۇن> دەيدۇ». [ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم تەڭ رىۋايەت قىلغان]

مەزكۇر ھەدىس توغرىسىدا، ئىمام ئىبنى قەييىم ئەلجەۋزىييە رەھىمەھۇللاھ «الفوائد» دېگەن مەشھۇر ئەسىرىدە مۇنداق دېگەن:

«بۇ ھەدىستىمۇ ئاشۇ كىشىنىڭ (يەنى ھەدىستە قەيت قىلىنغان، تەكرار گۇناھ سادىر قىلىپ، تەكرار تەۋبە قىلغان بەندىنىڭ) ھاراملارنى ياكى گۇناھلارنى قىلىشىغا رۇخسەت بېرىلگەن ئەھۋال مەۋجۇت ئەمەس. ئەكسىچە، بۇ ھەدىس بەندىنىڭ گۇناھ سادىر قىلغاندىن كېيىن تەۋبە قىلغانلا مۇددەتتە، الله نىڭ ئۇنى داۋاملىق مەغفىرەت قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

بۇ بەندىنىڭ ئاشۇنداق مەغفىرەتكە نائىل بولۇش سەۋەبىگە قارايدىغان بولساق، ئۇ ئۆزىمۇ ھەرقانداق گۇناھنى داۋاملاشتۇرماسلىق كېرەكلىكىنى بىلىدۇ ۋە ھەرقانداق بىر گۇناھ قىلىپ سالسا، دەرھال تەۋبە قىلىدۇ. مۇشۇ خىل ئەھۋالدىكى ھەركىم ئۈچۈن ئوخشاش ھۆكۈم كۈچكە ئىگىدۇر.» [«الفوائد لابن القيم» (ص17)]