تۆت تۈرلۈك ئىنسان

(ھىجرىيە 100 – يىلى تۇغۇلۇپ، ھىجرىيە 170 – يىلى ۋاپات بولغان) خەلىيل ئىبنى ئەھمەد رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: مۇنداق تۆت تۈرلۈك ئادەم بىلەن ئۇچراشتىم.

(1) بۇلاردىن بىرى مەندىن بەكرەك ئالىم بولغان كىشىدۇركى، ئۇنى ماڭا پايدىسى تېگىدىغان كىشى، دەپ قارىدىم.

(2) يەنە بىرى، ئىلىمدە مەن بىلەن ئوخشاش سەۋىيەدە بولغان كىشىدۇركى، ئۇنى (ئۆگەنگەن ئىلىملىرىمنى) ئۇنتۇغىنىمدا، ئېسىمگە سالىدىغان كىشى، دەپ قارىدىم.

(3) يەنە بىرى، ئىلىم ئۆگىنىشنى خالايدىغان كىشىدۇركى، ئۇنى (ئىلىم ئۆگىتىش ئارقىلىق) ساۋابقا ئېرىشىشىمگە ۋە (ئاللاھ تەئالا تەرىپىدىن) مۇكاپاتلىنىشىمغا ۋەسىلە بولىدىغان كىشى، دەپ قارىدىم.

(4) يەنە بىرى ئىلمىنىڭ مەندىن ئاز ئىكەنلىكىگە قارىماستىن، ئۆزىنى مەندىن ئۈستۈن چاغلايدىغان كىشىدۇركى، بۇنداق بىرىگە قاراپمۇ قويمايمەن.

مەنبە: ئىمام بەيھەقى «شۇئبۇل ئىمان» 2/569