تابىئىن ئىمامدىن ياشلارغا خىتاب

بۇ نەسىھەتكە قۇلاق سالسىڭىز ھەرگىز زىيان تارتمايسىز …

أَخْبَرَنَا أَبُو إِسْحَاقَ إِبْرَاهِيمُ بْنُ مُحَمَّدِ بْنِ إِبْرَاهِيمَ، أَنْبَأَنَا أَبُو أَحْمَدَ مُحَمَّدُ بْنُ أَحْمَدَ بْنِ الْغِطْرِيفِ، حَدَّثَنَا يَعْقُوبُ بْنُ إِبْرَاهِيمَ الْحَافِظُ، حَدَّثَنَا عَامِرُ بْنُ رَجَاءٍ، أَنْبَأَنَا دَاوُدُ بْنُ الْمُحَبَّرِ، حَدَّثَنَا سَلَّامُ بْنُ مِسْكِينٍ قَالَ: كَانَ الْحَسَنُ كَثِيرًا مَا يَقُولُ: «يَا مَعْشَرَ الشَّبَابِ، عَلَيْكُمْ بِالْآخِرَةِ فَاطْلُبُوهَا؛ فَكَثِيرًا رَأَيْنَا مَنْ طَلَبَ الْآخِرَةَ ‌فَأَدْرَكَهَا ‌مَعَ الدُّنْيَا، وَمَا رَأَيْنَا أَحَدًا طَلَبَ الدُّنْيَا فَأَدْرَكَ الْآخِرَةَ مَعَ الدُّنْيَا»

ھەسەن ئەلبەسرى رەھىمەھۇللاھ دائىم مۇنداق دەيتتى: «ئى ياشلار جامائەسى! سىلەر ئاخىرەتنى لازىم تۇتۇڭلار ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىڭلار! بىز نۇرغۇن كىشىلەرنى كۆردۇقكى، ئۇلار ئاخىرەت ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتتى ۋە شۇنىڭغا قوشۇپ دۇنياغىمۇ ئېرىشتى. لېكىن، بىز دۇنيا ئۈچۈن پالاقلىغان ھېچكىمنىڭ ئۇنىڭغا قوشۇپ ئاخىرەتكىمۇ ئېرىشكەنلىكىنى كۆرمىدۇق.»

مەنبە: «الزهد الكبير للبيهقي» (ص65)