دىنىي ئىلىم ئۆگىنىش پەرز

سەئۇدىي ئىلمىي تەتقىقات – پەتىۋا كومىتېتىنىڭ 21030 – نومۇرلۇق پەتىۋاسىدىكى 3 – سوئال. «ئۇيغۇر ئىسلام تورى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى.

سوئال: دىنىي جەھەتتە ئىلىمسىز كىشىلەردىن ئۆزلىرى بىلمەيدىغان نەرسىلەر توغرىلىق ھېساب ئېلىنامدۇ؟ بۇنداق كىشىلەرگە ئىلىم ئېلىش پەرزمۇ؟

جاۋاب: بىر ئادەمنىڭ ئىلىمسىز ھالەتتە تۇرۇۋېرىشى دۇرۇس ئەمەس. ئۇلار ئۆز دىنىدىكى چوقۇم بىلمىسە بولمايدىغان ئىلىملەرنى ئۆگىنىشى ھەم ئالىملاردىن دىنىي ئىلىم ئېلىشى كېرەك. ئاللاھ سۇبھانەھۇ تائالا «بىلمىسەڭلار، ئىلىم ئەھلىلىرىدىن سوراڭلار» دېگەن.

ئەگەر بىر ئادەمدە ئالىملاردىن دىنىي ئىلىملەرنى سوراش ۋە ئۆگىنىش شارائىتى بار تۇرۇقلۇق، يەنىلا ئىلىمسىز ھالىتىدە تۇرۇۋەرسە، ئۇ گۇناھكار بولىدۇ.

ئاللاھنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى بىزگە يار بولغاي! ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە بەرىكىتى پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە، ئۇنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىگە بولغاي!

 پەتىۋا بەرگۈچى ئالىملار: پەزىلەتلىك شەيخ بەكرى ئەبۇزەيىد، سالىھ ئەلفەۋزان.

ئابدۇلئەزىز ئىبن ئابدۇللاھ ئەل ئەلشەيخ.

 * ئاللاھ تەئالا ئال ئىمران سۈرىسىدە {يَـٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ ٱتَّقُوا۟ ٱللَّهَ حَقَّ تُقَاتِهِ} «ئى ئىمان ئېيتقانلار! ﷲ تىن لايىق رەۋىشتە قورقۇڭلار» دەيدۇ.
ئاندىن، فاتىر سۈرىسىدە {إِنَّمَا يَخْشَى اللَّهَ مِنْ عِبَادِهِ الْعُلَمَاءُ} «ﷲ نىڭ بەندىلىرى ئىچىدە ﷲ تىن پەقەت ئالىملارلا قورقىدۇ» دەيدۇ.
يەنى ئاللاھ تەئالا بىزنى ئۆزىدىن لايىقىدا قورقۇشقا بۇيرۇدى، ئاندىن ئۆز بەندىلىرى ئىچىدە ئۆزىدىن پەقەت ئالىملارنىڭلا ھەقىقىي، لايىق رەۋىشتە قورقىدىغانلىقىنى بىزگە بىلدۈردى.
تەۋھىد – ئەقىدە باشچىلىقىدىكى ساغلام دىنىي ئىلىملەرنى ئۆگىنىشنىڭ نە قەدەر مۇھىملىقى؛ بۇ ئىلىملەرنى ئۆگەنمىگۈچىلەرنىڭ زىيان تارتقۇچىلاردىن بولىدىغانلىقى مۇشۇ ئىككى ئايەتتىن ئوپئوچۇق كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ. شۇڭا، ساغلام دىنىي ئىلىملەرنى سىجىل ئۆگىنىشكە زىنھار سەل قارىمايلى!