ئاللاھ تەئالا كىمگە ياخشىلىق ئىرادە قىلسا…

«ئۇيغۇر ئىسلام تورى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى.
ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە پەيغەمبەر ﷺ شۇنداق دېگەن: «مَنْ يُرِدِ اللَّهُ بِهِ خَيْرًا يُفَقِّهْهُ فِي الدِّينِ» «ئاللاھ كىمگە ياخشىلىق ئىرادە قىلسا، ئۇنى دىندا فەقىھ (يەنى ئىسلامنى چۈشىنىدىغان) قىلىدۇ» [روى البخاري (71) ، ومسلم (1037)].
بۇ ھەدىس شۇنى كۆرسىتىدۇكى، بىر شەخسكە، مىللەتكە، دۆلەتكە نېسىپ بولغان ياخشىلىق ۋە بەختنىڭ ئالامىتى ئاللاھ تەئالانىڭ ئۇلارنى ئىسلامنى چۈشىنىدىغان قىلىشىدۇر. چۈنكى، ئىسلامنى چۈشىنىش، ئىسلامىي ھۆكۈملەرنى بىلىش، ھازىر ۋە كېلەچەكتە نېمىلەرنى قىلىش كېرەكلىكىنى (ئىسلام دىنىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە) بىلىش مۇسۇلماننىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىلىرىدىن بىرى، شۇنداقلا ئاللاھ تەئالانىڭ ئۇلارغا ياخشىلىق ئىرادە قىلغانلىقىنىڭ ئىپادىسىدۇر.[ئەللامە شەيخ بىن باز رەھىمەھۇللاھنىڭ پەتىۋا ۋە ماقالىلەر توپلىمى 5 – توم 104 – بەت]

شەيخ بىن باز رحمه الله مۇ بۇ ھەقتە يەنە شۇنداق دېگەن:

«ومن أعرض عن الفقه في الدين فذلك من العلامات على أن الله ما أراد به الخير»

«كىم دىننى چۈشىنىشتىن يۈز ئۆرۈسە (يەنى زۆرۈر دىنىي ئىلىملەرنى ئۆگىنىش خۇسۇسىدا لايىقىدا تىرىشچانلىق كۆرسەتمىسە)، بۇ ئاللاھنىڭ ئۇنىڭغا ياخشىلىق ئىرادە قىلمىغانلىقىنىڭ ئالامىتىدۇر».

شەيخ بىن باز رحمه الله نىڭ ماقالە – پەتىۋالار توپلىمى 7 – جىلىد 202 – بەت.

تابىئىن ئىمام مۇھەممەد ئىبنى كەئىب ئەلقۇرەزى رەھىمەھۇللاھ شۇنداق دېگەن: «ئەگەر ئاللاھ بىر بەندىگە ياخشىلىق ئىرادە قىلسا، ئۇنىڭغا ئۈچ خىسلەتنى ئاتا قىلىدۇ. (1) ئۇنى دىندا فەقىھ قىلىدۇ (2) دۇنيادا ئاز نەرسىگە قانائەت قىلىدىغان قىلىدۇ (3) ئۇنى ئۆزىنىڭ ئەيىبلىرىنى كۆرەلەيدىغان قىلىدۇ» [ئىمام ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەك رەھىمەھۇللاھنىڭ «كىتابۇز زۇھد» 282 – نومۇر؛ ئىمام ئىبن جەۋزى «سىفەتۇس سەفۋا» 1 – جىلىد 374 – بەت].