رەسۇلۇللاھ ﷺ نىڭ خۇپتەن نامىزىدا سۈرە «تىن»نى ئوقۇغانلىقى

بەرا ئىبنى ئازىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ شۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ:
مەن پەيغەمبەر  نىڭ خۇپتەن نامىزىدا «ۋەتتىنى ۋەززەيتۇن» («تىن») سۈرىسىنى ئوقۇغانلىقىنى ئاڭلىدىم ۋە ھېچكىمنىڭ ئۇنىڭدىن چىرايلىق قىرائەت قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ باقمىدىم.
سەھىھۇل بۇخارى 7546 – ھەدىس

عَنْ عَدِيِّ بْنِ ثَابِتٍ، أُرَاهُ عَنِ الْبَرَاءِ، قَالَ سَمِعْتُ النَّبِيَّ صلى الله عليه وسلم يَقْرَأُ فِي الْعِشَاءِ ‏{‏وَالتِّينِ وَالزَّيْتُونِ‏}‏ فَمَا سَمِعْتُ أَحَدًا أَحْسَنَ صَوْتًا أَوْ قِرَاءَةً مِنْهُ