ئەبۇقەتادە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئوغرىنىڭ ئەڭ ئەسكىسى ئۆزىنىڭ نامىزىدىن ئوغرىلىغان كىشىدۇر» دېۋىدى، ساھابىلەر: «يا رەسۇلۇللاھ، بىر ئادەم ئۆزىنىڭ نامىزىدىن قانداق ئوغرىلايدۇ؟» دەپ سورىدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئۇنىڭ (يەنى نامازنىڭ) رۇكۇسىنى، سەجدىسىنى ۋە خۇشۇئ (قورقۇش، ئەيمىنىش)سىنى كامىل قىلماسلىق بىلەن (ئوغرىلايدۇ)» دەپ جاۋاب بەردى.
ئىمام ئەھمەد ۋە ئىمام ھاكىم توپلىغان، سەھىھۇل جامى 986 – ھەدىس.
* ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتلىك دىنىي ئىلىملەرنى ئىگىلەپ ۋە شۇ بويىچە ئەمەل قىلىپ، دۇنيا – ئاخىرەتتە سائادەتمەنلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، بۇ بەتنى ۋە تور بېتىمىزدىكى باشقا ماقالە – پەتىۋالارنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە تارقىتىپ قويغايسىز.
