نامازدا سۈرە فاتىھەنى مۇنداق ئوقۇپ باقتىڭىزمۇ؟

ئەبۇ ھۇرەيرە رضي الله عنه دىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن پەيغەمبەر ﷺ نىڭ مۇنداق دېگىنىنى ئاڭلىغان ئىدىم:

رەسۇلۇللاھ ﷺ ھەدىس قۇددىسىدا الله تَبَارَكَ ‌وَتَعَالَى نىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلغان:

«الله تَبَارَكَ ‌وَتَعَالَى شۇنداق دەيدۇ: مەن نامازنى بەندەم بىلەن ئۆزۈمنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئىككىگە بۆلدۈم، ئۇنىڭ يېرىمى مەن ئۈچۈن، يېرىمى بەندەم ئۈچۈندۇر، بەندەم تىلىگىنىگە ئېرىشىدۇ»

ئاندىن، رەسۇلۇللاھ ﷺ (ھەدىسنىڭ داۋامىدا) شۇنداق دېگەن: ئەگەر بەندە: {الْحَمْدُ لِلَّـهِ رَبِّ الْعَالَمِينَ} (جىمى ھەمدۇسانا ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھقا خاستۇر) دېسە، الله تَبَارَكَ ‌وَتَعَالَى: <بەندەم ماڭا ھەمدۇ ئېيتتى> دەيدۇ. ئەگەر بەندە: {الرَّحْمَـٰنِ الرَّحِيمِ} (ئۇ ئەڭ شەپقەتلىكتۇر، ئەڭ مېھرىباندۇر) دېسە، <الله: بەندەم مېنى مەدھىيەلىدى> دەيدۇ. ئەگەر بەندە: {مَالِكِ يَوْمِ الدِّينِ} (قىيامەت كۈنىنىڭ ئىگىسىدۇر) دېسە، الله: بەندەم مېنى ئۇلۇغلىدى ۋە ئۆزىنى ماڭا تاپشۇردى، دەيدۇ .ئەگەر بەندە {إِيَّاكَ نَعْبُدُ وَإِيَّاكَ نَسْتَعِينُ}  (ساڭىلا ئىبادەت قىلىمىز ۋە سەندىنلا ياردەم تىلەيمىز) دېسە، الله: <بۇ بەندەم بىلەن مېنىڭ ئارامدىكىسىدۇر، بەندەم تىلىگىنىگە ئېرىشىدۇ> دەيدۇ. ئەگەر بەندە: {اهْدِنَا الصِّرَاطَ الْمُسْتَقِيمَ صِرَاطَ الَّذِينَ أَنْعَمْتَ عَلَيْهِمْ غَيْرِ الْمَغْضُوبِ عَلَيْهِمْ وَلَا الضَّالِّينَ} (بىزنى توغرا يولغا باشلىغىن؛ غەزىپىڭگە يولۇققانلارنىڭ ۋە ئازغانلارنىڭ يولىغا ئەمەس، سەن ئىنئام قىلغانلارنىڭ يولىغا باشلىغىن) دېسە، الله: <بۇ بەندەم ئۈچۈندۇر. بەندەم تىلىگىنىگە ئېرىشىدۇ> دەيدۇ» [سەھىھۇل مۇسلىم].

ھەدىسنىڭ مەتنى:

فَإِنِّي سَمِعْتُ رَسُولَ اللَّهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ يَقُولُ: ‌قَالَ ‌اللَّهُ ‌تَبَارَكَ ‌وَتَعَالَى: “‌قَسَمْتُ ‌الصَّلَاةَ ‌بَيْنِي ‌وَبَيْنَ ‌عَبْدِي ‌نِصْفَيْنِ، فَنِصْفُهَا لِي وَنِصْفُهَا لِعَبْدِي، وَلِعَبْدِي مَا سَأَلَ، قَالَ رَسُولُ اللَّهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ: اقْرَءُوا يَقُولُ الْعَبْدُ: {الْحَمْدُ لِلَّهِ رَبِّ الْعَالَمِينَ} [الفاتحة: 2]، يَقُولُ اللَّهُ تَبَارَكَ وَتَعَالَى: حَمِدَنِي عَبْدِي. وَيَقُولُ الْعَبْدُ: {الرَّحْمَنِ الرَّحِيمِ} [الفاتحة: 1]. يَقُولُ اللَّهُ: أَثْنَى عَلَيَّ عَبْدِي، وَيَقُولُ الْعَبْدُ: {مالِكٍ يَوْمِ الدِّينِ} يَقُولُ اللَّهُ: مَجَّدَنِي عَبْدِي، يَقُولُ الْعَبْدُ: {إِيَّاكَ نَعْبُدُ وَإِيَّاكَ نَسْتَعِينُ} [الفاتحة: 5]، فَهَذِهِ الْآيَةُ بَيْنِي وَبَيْنَ عَبْدِي وَلِعَبْدِي مَا سَأَلَ، يَقُولُ الْعَبْدُ: {اهْدِنَا الصِّرَاطَ الْمُسْتَقِيمَ صِرَاطَ الَّذِينَ أَنْعَمْتَ عَلَيْهِمْ غَيْرِ الْمَغْضُوبِ عَلَيْهِمْ وَلَا الضَّالِّينَ} [الفاتحة: 7]، فَهَؤُلَاءِ لِعَبْدِي وَلِعَبْدِي مَا سَأَلَ”