يېقىنقى دەۋردىكى ئەڭ مۆتىۋەر ئەھلى سۈننەت ئىماملىرىدىن ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن:
ئاللاھنىڭ ياكى رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ نىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئادا قىلىش ئېغىر كېلىدىغان ياكى بۇ خۇسۇستا ھورۇنلۇق قىلىدىغان كىشىلەر مەلۇم مەنىدىن مۇناپىقلارغا ئوخشايدۇ. دەرۋەقە، ئاللاھ تەئالا مۇناپىقلارنى سۈپەتلىگەندە، ئۇلارنىڭ نامازنى خۇشياقماسلىق بىلەن ئوقۇيدىغانلىقىنى بايان قىلغان. ئۇلار ئاللاھنىڭ ھەرقانداق بىر مەسىلىدىكى بۇيرۇقىنى ياكى ھۆكمىنى ئاڭلىغاندا، بۇنىڭ ئۇلارغا تولىمۇ ئېغىر كېلىدىغانلىقىنى كۆرىسەن. بۇنداق چاغدا، ئۇلار خۇددى دۈمبىسىگە تاغدەك يۈك ئارتىپ قويۇلغاندەك بولۇپ كېتىدۇ – دە، «بەلكى بىر رۇخسەت ياكى ئۆزۈمگە ماس كېلىدىغان پەتىۋا تېپىشىم مۇمكىن» دېگىنىچە ئالىملارنىڭ ھەممىسىدىن پەتىۋا سوراپ چىقىدۇ. ئالىملار بولسا رۇخسەت قوغلىشىش پاسىقلىقتۇر دېيىشكەن. رۇخسەتلەرنى قوغلىشىپ يۈرىدىغان ئادەم پاسىقتۇر. ھەتتا، بەزى ئالىملار ھەردائىم رۇخسەت قوغلىشىپ يۈرىدىغان ئادەم (ۋاقتى كەلگەندە) زىندىقلىشىپ كېتىدۇ. يەنى دىندىن چىقىپ كاپىر بولىدۇ، دېيىشكەن.
مەنبە: «ياخشىلار باغچىسى شەرھى» 798 – ھەدىسنىڭ شەرھىدىن.
