سوئال: (تارلىقىدىن ئەۋرەتنى بىلىندۈرۈپ قويىدىغان) ئىشتان كىيىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟
ئىمام ئەلبانى رَحِمَهُ اللَّهُ: (تارلىقىدىن ئەۋرەتنى بىلىندۈرۈپ قويىدىغان) ئىشتان كىيىش بۇ دەۋردە مۇسۇلمانلارنىڭ بېشىغا كەلگەن مۇسىبەتلەردىن بىرىدۇر. بۇنىڭ سەۋەبى، كاپىرلارنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ شەھەرلىرىنى بېسىۋېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۆرپ – ئادەتلىرىنى مۇسۇلمانلار ئارىسىغا ئېلىپ كەلگەنلىكى ۋە بەزى مۇسۇلمانلارنىڭ بۇنىڭغا مايىل بولغانلىقىدۇر.
بۇ تولىمۇ ئۇزۇن بىر تېما، لېكىن مەن قىسقىچە شۇنداق دەيمەنكى، ئىشتان كىيىشتە مۇنداق ئىككى تۈرلۈك ئاپەت بار
بۇنىڭ بىرىنچىسى شۇكى، بۇنداق ئىشتانلار ئەۋرەتنى، بولۇپمۇ كىشىنىڭ كاسىسىنى، ھەتتا سەجدە قىلغاندا كاسىلىرىنىڭ ئارىسىنىمۇ بىلىندۈرۈپ قويىدۇ. بۇ ئەھۋال مۇشۇنداق ئىشتانلاردىن بىلىنىپ قالىدىغان ئەۋرەتلىرىنى ياپالىغۇدەك ئۇزۇنراق كىيىملەرنى كىيمەستىن ناماز ئوقۇغان كىشىلەردە سادىر بولىدۇ.
تولىمۇ ئەپسۇسكى، بۇ جامائەت نامازلىرىدا كۆزگە چېلىقىپ تۇرۇۋاتقان ئىشلاردىندۇر. ئەھۋال شۇ دەرىجىدىكى، ئىنسان سەجدە قىلغاندا ئالدىدا ئىشتان كىيگەن بىرى بار بولسا، ئۇنىڭ كاسىسى ۋە يوتىلىرى ئىككىگە ئايرىلغان ھالەتتە كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. ھەتتا، گاھىدا بۇنىڭدىن ئۇياتلىق جايلارمۇ بىلىنىپ قالىدۇ. مانا بۇ بىرىنچى ئاپەتتۇر.
(بۇ خىل سۈپەتتىكى، تار) ئىشتانلار ئەۋرەتنى بىلىندۈرۈپ قويىدۇ ۋە ـــ ئاياللارنى دېمەيلى تۇرايلى ـــ ئەرلەرنىڭمۇ ئەۋرەتلىرىنى بىلىندۈرۈپ قويىدىغان كىيىملەرنى كىيىشى دۇرۇس ئەمەس. مەن «مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ ھىجابى» دېگەن ئەسىرىمدە بۇ خۇسۇستا تەپسىلىي توختالدىم.
(بۇ جەھەتتىكى) يەنە بىر ئاپەت شۇكى، (بۇ خىل سۈپەتتىكى، تار) ئىشتان كاپىرلارنىڭ كىيىمىدۇر. شۇنچە ئۇزۇن ئەسىرلەر مابەينىدە، ئىشتان بىرەر كۈنمۇ مۇسۇلمانلارنىڭ كىيىمى بولغان ئەمەس.
رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ نىڭ شۇنداق دېگەنلىكى سابىتتۇر: «مەن الله قا ھېچبىر شەيئى شېرىك كەلتۈرۈلمەستىن ئىبادەت قىلىنغانغا قەدەر، قىيامەتكە ئاز قالغاندا قىلىچ بىلەن ئەۋەتىلدىم. رىزقىم نەيزەمنىڭ سايىسى ئاستىدا قىلىندى. بۇيرۇقۇمغا خىلاپلىق قىلغۇچىلار خارلىق ۋە پەسلىككە مەھكۇم قىلىندى. كىم بىر قەۋمگە ئوخشىۋالسا، ئۇ شۇلاردىندۇر».
«سەھىھۇل مۇسلىم»دىكى ھەدىستە مۇنداق دېيىلگەن: بىر ئادەم رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ نىڭ يېنىغا كېلىپ سالام بەردى. شۇنىڭ بىلەن، رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ ئۇنىڭغا: «ئۇچاڭدىكىسى كاپىرلارنىڭ كىيىمىدۇر، ئۇنى كىيمە!» دېدى.
ئەنە شۇ سەۋەبتىن، (ئەۋرەتنى بىلىندۈرىدىغان، تار) ئىشتان بالاسىغا دۇچار بولغان ھەربىر مۇسۇلمان ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇزۇن پەلتو/يەكتەك، ياكى پاكىستانلىق ۋە ھىندىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ كىيگىنىدەك تىزغا كېلىدىغان ئۇزۇن كۆڭلەك كىيىۋېلىشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندا، مۇسۇلماننىڭ ئىشتان سەۋەبلىك ئەۋرىتىنىڭ بىلىنىپ قېلىنىش خەۋپى تۆۋەنلەيدۇ.
سەئۇدىي پەتىۋا كومىتېتى «پەتىۋالار توپلىمى»نىڭ 24 – توم 40 – بېتىدە شۇنداق دېيىلگەن: «ئەگەر ئىشتان (ئەۋرەتنى بىلىندۈرمىگۈدەك دەرىجىدە) كەڭرى بولسا، شۇنداقلا ئۇنى كىيىشتىكى مەقسەت كاپىرلارنى دورىۋېلىش بولمىسا، بۇنداق ئىشتانلارنى كىيىش دۇرۇس».
پەتىۋا بەرگۈچى ئالىملار:
ئابدۇللاھ ئىبنى قائۇد، ئابدۇللاھ ئىبنى غۇدەييان، ئابدۇررازاق ئەفىفىي، ئابدۇلئەزىز بىن ئابدۇللاھ بىن باز.
