نامەھرەم ئاياللارنىڭ سۈرەتلىرى بار تور بەتلەرگە كىرىشكە بولامدۇ؟

دۇنياغا مەشھۇر ئەھلى سۈننەت پەتىۋا تور بېتى «ئىسلام تورى» (islamweb.net)تىكى 180249 – نومۇرلۇق پەتىۋا، «ئۇيغۇر ئىسلام تورى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى.

سوئال:

ھازىرقى تور بەتلەرنىڭ كۆپىنچىسىدە ئاياللارنىڭ سۈرەتلىرى بار. مۇشۇ ئاياللارنىڭ سۈرەتلىرىدىن كۆزنى بۇرىۋېلىش شەرتى بىلەن، بۇنداق تور بەتلەرنى زىيارەت قىلىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟ بۇنداق ئەھۋالدا ئاشۇ سۈرەتلەرگە قاراپ قېلىش (ھەدىستە كەچۈرۈم قىلىنغانلىقى تىلغا ئېلىنغان) «دەسلەپكى قاراپ قېلىش» (نظرة أولى) ھېسابلىنامدۇ؟

تەرجىمىسى

جاۋاب:

بارچە ھەمدۇ – سانا ئاللاھقا خاستۇر، دۇرۇد – سالاملار رەسۇلۇللاھقا، ئۇنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ساھابىلىرىغا بولسۇن. 

شۇنىڭدىن كېيىن:

ھارام قىلىنغان نەرسىلەردىن كۆزنى تۆۋەن قىلىش پەرزدۇر. بۇنىڭ دەلىلى ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ سۆزىدۇر:

{قُلْ لِلْمُؤْمِنِينَ يَغُضُّوا مِنْ أَبْصَارِهِمْ وَيَحْفَظُوا فُرُوجَهُمْ ذَلِكَ أَزْكَى لَهُمْ إِنَّ اللَّهَ خَبِيرٌ بِمَا يَصْنَعُونَ}

«مۇئمىنلەرگە ئېيتقىنكى، كۆزلىرىنى (ھارام قىلىغان بارچە نەرسىلەرگە قاراشتىن) تۆۋەن قىلسۇن، ئەۋرەتلىرىنى (ھارامدىن) ساقلىسۇن، بۇ ئۇلار ئۈچۈن ئەڭ پاكتۇر. ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىدىن تولۇق خەۋەرداردۇر.» (نۇر سۈرىسى 30-ئايەت).

بىز نۇرغۇن پەتۋالىرىمىزدا ھارام نەرسىلەرنى، كالتە – كۆسەي كىيىنگەن، يېرىم يالىڭاچ ئاياللارنىڭ سۈرەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تور بەتلەرنى زىيارەت قىلىشنىڭ ھاراملىقىنى بايان قىلىپ ئۆتكەنىدۇق. مەسىلەن، 139243-نومۇرلۇق پەتىۋاغا قاراڭ.

شۇنداقلا، بىز ئىنتېرنېتنىڭ قوش بىسلىق قورال ئىكەنلىكىنى، شۇڭا مۇسۇلمان كىشىنىڭ ئۇنى (زىيانلىق، ئەخلەت مەزمۇنلار ئۈچۈن ئەمەس) ئىلمىي تەتقىقات ئۈچۈن، شۇنداقلا پايدىلىق ۋە مەنپەئەتلىك تور بەتلەرگە كىرىش قاتارلىق ئۆزىگە پايدىسى بار ئىشلار ئۈچۈن ئىشلىتىشى كېرەكلىكىنىمۇ بايان قىلغان ئىدۇق. ئاللاھ تائالانىڭ پەزلى – كەرىمى بىلەن، مەنپەئەتلىك بىلىملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇنداق تور بەتلەر تولىمۇ كۆپتۇر. بۇ ھەقتە تۆۋەندىكى نومۇرلۇق پەتىۋالارغا مۇراجىئەت قىلىڭ: 3364، 1568، 8254، 9485.

ئەگەر بىر مۇسۇلمان ئۆزىگە پايدىلىق ياكى ئېھتىياجلىق بولغان تور بەتلەرنى كۆرۈۋاتقاندا، ئۇ يەردە (ئويلىمىغان يەردىن) بەزى ئاياللارنىڭ سۈرەتلىرى چىقىپ قالسا، بۇنداق ئەھۋالدا ئۇنىڭ ئۈچۈن پەرز بولغىنى، شۇ يەردىكى ئاياللارنىڭ سۈرەتلىرىدىن كۆزىنى تۆۋەن قىلىپ، ئۆزىگە پايدىلىق ياكى ئېھتىياجلىق بولغان نەرسىگە قاراش بىلەن چەكلىنىشتۇر. بۇ خۇددى بىر كىشىنىڭ بازارغا ياكى ئاممىۋى سورۇنلارغا كىرگەندە كۆزىنى تۆۋەن قىلىشىغا ئوخشايدۇ.

(ھەدىستە تىلغا ئېلىنغان) كەچۈرۈم قىلىنىدىغان «دەسلەپكى قاراپ قېلىش» بولسا ـــ ئۆلىمالار ئېيتقاندەك ـــ تۇيۇقسىز قاراپ قېلىش (نظرة الفجأة) تۇر. يەنى تور بەتكە كىرگەن ھامان تۇيۇقسىز كۆزگە چېلىققان ياكى ئىنساننىڭ كۆزى ھېچقانداق قەستسىز (قەستەن بولمىغان ھالدا) قاراپ قالغان بىرىنچى قېتىملىق قاراشتۇر. ئۇنىڭدىن ساقلىنىش قىيىن بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ قاراش كەچۈرۈم قىلىنغان. سەھىھ مۇسلىمدا جەرىر رضي الله عنه ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن:

«مەن رەسۇلۇللاھ صلى الله عليه وسلم دىن تۇيۇقسىز قاراپ قېلىش ھەققىدە سورىۋېدىم، ئۇ مېنى كۆزۈمنى دەرھال بۇرىۋېلىشقا بۇيرۇدى.»

ئىمام نەۋەۋى «مۇسلىم شەرھى»دە مۇنداق دەيدۇ:

«تۇيۇقسىز قاراپ قېلىشنىڭ مەنىسى: (كىشى بىر دوقمۇشتىن قېيىپ، يېڭى بىر كوچىغا كىرگەن دېگەندەك ئەھۋاللاردا)  كۆزنىڭ يات بىر ئايالغا ھېچقانداق مەقسەتسىز قاراپ قېلىشىدۇر. بۇنداق ئەھۋالدىكى تۇنجى قاراپ قېلىشتا ئۇنىڭغا ھېچقانداق گۇناھ بولمايدۇ. ئەمما ئۇنىڭغا دەرھال كۆزىنى بۇرىۋېلىش پەرز بولىدۇ. ئەگەر دەرھال كۆزىنى بۇرىسا، گۇناھكار بولمايدۇ. ئەگەر قاراشنى داۋاملاشتۇرسا، مۇشۇ ھەدىسكە بىنائەن گۇناھكار بولىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالانىڭ <مۆمىنلەرگە ئېيتقىنكى، كۆزلىرىنى تۆۋەن قىلسۇن> دېگەن سۆزى بىلەن بىرگە،  پەيغەمبەر صلى الله عليه وسلم  بىزنى كۆزىمىزنى باشقا ياققا بۇرىۋېلىشقا بۇيرۇغان.»

پەيغەمبەر صلى الله عليه وسلم يەنە مۇنداق دېگەن:

«لَا تُتْبِعِ النَّظْرَةَ النَّظْرَةَ، فَإِنَّ لَكَ الْأُولَى، وَلَيْسَتْ لَكَ الْآخِرَةُ»

«بىر قاراشنىڭ كەينىگە يەنە بىر قاراشنى ئەگەشتۈرمىگىن. چۈنكى بىرىنچى قاراش سېنىڭ ئۈچۈن (كەچۈرۈم قىلىنغان)دۇر، ئەمما كېيىنكىسى سېنىڭ ئۈچۈن (دۇرۇس) ئەمەستۇر.» (ئىمام ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان، شەيخ ئەلبانى ھەسەن دەپ باھالىغان).

شۇڭا، كىمكى ئۆزى بىلىپ تۇرۇپ، كالتە – كۆسەي كىيىنگەن ئاياللارنىڭ سۈرەتلىرى بار تور بەتلەرگە قەستەن كىرسە، ئۇ تۇنجى قاراشتىن باشلاپلا گۇناھكار بولىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ قارىشى تۇيۇقسىز قاراپ قېلىش ئەمەستۇر. ئەمما پايدىلىق تور بەتلەرگە كىرىپ، ئاياللارنىڭ سۈرەتلىرى چىققان ھامان كۆزىنى بۇرىۋالغان كىشىگە — ئاللاھ تائالا خالىسا — گۇناھ بولمايدۇ.

ئاللاھ ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر.