«بىدئەتنىڭ ياخشىسى بار» دېگۈچىلەرگە رەدىيە

«بەسىرە ئاكادېمىيەسى» تەرىپىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ تارقىتىلغان، شەيخ سەلىم ھىلالىنىڭ «بىدئەت ۋە ئۇنىڭ ئۈممەتكە سالغان زىيانلىرى» دېگەن كىتابىدىن ئېلىندى.

«ھەرقانداق بىدئەت ئازغۇنلۇقتۇر» دېگەن ماقالىنى ئوقۇش ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئۇلانمىنى بېسىڭ:

ئاندىن:

بىدئەتنى «ياخشى بىدئەت» ۋە «يامان بىدئەت» دەپ ئايرىغۇچىلار بەزى مىساللارنى دەلىل قىلىپ تۇرۇپ كىشىلەرنىڭ دىللىرىغا شۈبھە سالماقتا. ئەمەلىيەتتە، بۇ مىساللارنى ئىنچىكە تەھلىل قىلغاندا، بۇلارنىڭ پەقەت «ياخشى بىدئەت» تەرغىباتچىلىرىنىڭ زىيىنىغا ھۆججەت بولىدىغانلىقى ئايدىڭلىشىدۇ. شۇ مىساللاردىن بەزىلىرى:

  1. ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رضي الله عنه نىڭ «بۇ نېمە دېگەن ياخشى بىدئەت» دېگەن سۆزى.

يېقىنقى زامان كىشىلىرىدىن بەزىلىرى ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رضي الله عنه نىڭ تەراۋىھ نامىزىنىڭ جامائەت بولۇپ ئوقۇلۇۋاتقانلىقىنى كۆرگەندە ئېيتقان: «بۇ نېمە دېگەن ياخشى بىدئەت» دېگەن سۆزىنى رەسۇلۇللاھ ﷺ نىڭ: «ھەرقانداق بىدئەت ئازغۇنلۇقتۇر» دېگەن سۆزىنىڭ ئام ھۆكمىدىن ئايرىپ چىقىرىلىدىغان خاس ھۆكۈم دەپ دەلىل قىلىشماقتا.

بۇ خاتا ئىجتىھادتۇر. چۈنكى، تەراۋىھ نامىزىنى جامائەت بولۇپ ئوقۇش رەسۇلۇللاھ ﷺ نىڭ زامانىدىلا بار ئىش ئىدى. سەھىھۇل بۇخارى ۋە سەھىھۇل مۇسلىمدا ئائىشە ئانىمىز رضي الله عنها رىۋايەت قىلغان ھەدىستە بىر تۈركۈم ساھابىلەرنىڭ رەسۇلۇللاھ ﷺ بىلەن تەراۋىھ نامىزى ئوقۇغانلىقى بايان قىلىنغان.

يەنى ساھابىلەر تەراۋىھ نامىزىنى ئۈچ كۈن پەيغەمبەر ﷺ بىلەن بىللە ئوقۇغان. ئەمما، رەسۇلۇللاھ ﷺ بۇ ئىشنىڭ ئۇممىتىگە پەرز بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، ئۇلارنى بۇنىڭدىن توسقان. ئائىشە ئانىمىزدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستىكى رەسۇلۇللاھ ﷺ نىڭ «پەقەت سىلەرگە (كېچىلىك نامازنى جامائەت بولۇپ ئوقۇش) پەرز قىلىنىپ قالسا، كۈچۈڭلارنىڭ يەتمەي قېلىشىدىن ئەنسىرىدىم» دېگەن سۆزى بۇنىڭغا دالالەتتۇر.

رەسۇلۇللاھ ﷺ ۋاپات بولغاندىن كېيىن، اللە تعالى دىن كېلىدىغان ۋەھىيمۇ توختىدى – دە، تەراۋىھنى جامائەت بولۇپ ئوقۇغان تەقدىردە، ئۇممەتكە پەرز قىلىنىپ قېلىش ئېھتىماللىقىمۇ يوق بولدى. شۇنىڭ بىلەن، ئۆمەر رضي الله عنه نىڭ زامانىسىغا كەلگەندە، ئۇ تەراۋىھ نامىزىنى سۈننەتكە ئۇيغۇن شەكىلدە 11 رەكئەت (سەككىز رەكئەت تەراۋىھ، ئۈچ رەكئەت ۋىتىر) ئوقۇشقا بۇيرۇق قىلدى ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ بۇ سۈننىتىنى ئەھيا قىلدى [ئىمام شاتىبى «ئەلئىتسام» 195-193/1؛ ئىمام ئەلبانى «تەراۋىھ نامىزى» 52 ~ 54 – بەت].

مۇنازىرە نۇقتىسىدىن، ئۇلارنىڭ ئۆمەر رضي الله عنه نىڭ بۇ سۆزىنى «ياخشى بىدئەت» بارلىقىغا دەلىل قىلىشىنى توغرا ئىجتىھاد دەپ قارىغان تەقدىردىمۇ (گەرچە بۇنداق دەلىل قىلىشنىڭ ھېچقانداق ئاساسى بولمىسىمۇ)، كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھەرقانداق ئادەمنىڭ سۆزى رەسۇلۇللاھ ﷺ نىڭ سۆزىگە قارشى دەلىل بولالمايدۇ.

ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رضي الله عنهما شۇنداق دېگەن: «بېشىڭلارغا ئاسماندىن تاش يېغىشىغا ئاز قالدى. مەن سىلەرگە <پەيغەمبەر ﷺ مۇنداق دېگەن> دېسەم، سىلەر ماڭا <ئەبۇ بەكرى بىلەن ئۆمەر مۇنداق دەيدۇ> دەۋاتىسىلەر».

ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز رحمه الله مۇنداق دېگەن: «رەسۇلۇللاھ ﷺ دىن سابىت بولغان سۈننەت بار يەردە، ھېچكىمنىڭ كۆز قاراش بىلدۈرۈش ھوقۇقى يوق» [ئەللامە ئىبن قەييىم رحمه الله نىڭ «ئىللامۇل مۇۋەققىيىن» 2 – جىلىد 282 – بەت].

ئىمام شافىئىي رحمه الله مۇنداق دېگەن: «بىر ئىشتا رەسۇلۇللاھ ﷺ نىڭ سۈننىتى ئوچۇق بايان قىلىنغاندىن كېيىن، ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئۆز كۆز قارىشى سەۋەبلىك رەسۇلۇللاھ ﷺ نىڭ سۈننىتى تەرك ئېتىشىنىڭ دۇرۇس بولمايدىغانلىقىدا مۇسۇلمان (ئالىم)لار ئىجمائقا كەلگەن» [ئەللامە ئىبن قەييىم رحمه الله نىڭ «ئىئلامۇل مۇۋەققىيىن» 2 – جىلىد 282 – بەت].

ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل رحمه الله مۇنداق دېگەن: «پەيغەمبەر ﷺ نىڭ ھەدىسىنى رەت قىلغۇچى ھالاكەتنىڭ بوسۇغىسىدىدۇر» [«تەبەقاتۇل ھەنەبىلە» 15/2؛ «ئەلئىبانە» 260/1].

ئۆمەر رضي الله عنه قىلغان ئىش بىدئەت ئەمەس، بەلكى سۈننەت ئىدى. ئۇنداقتا ئۇ زاتنىڭ «بۇ نېمە دېگەن ياخشى بىدئەت» دېگەن سۆزىدىكى بىدئەتنىڭ مەنىسى نېمە؟

ئۆمەر رضي الله عنه بۇ سۆزىدە شەرئىي مەنىدىكى بىدئەتنى ئەمەس، بەلكى (ئەرەب تىلىدىكى) لۇغەت مەنىسىدىكى بىدئەتنى مەقسەت قىلغان.

تەراۋىھ نامىزىنىڭ ئەبۇ بەكرى رضي الله عنه نىڭ خەلىپىلىك دەۋرىدە ۋە ئۆمەر رضي الله عنه نىڭ خەلىپىلىك دەۋرىنىڭ دەسلىپىدە جامائەت بولۇپ ئوقۇلمىغانلىقىنى نەزەردە تۇتقاندا، ئۆمەر رضي الله عنه نىڭ خەلىپىلىك دەۋرىدە قايتىدىن جامائەت بولۇپ ئوقۇلۇشى لۇغەت مەنىسىدىن ئېيتقاندا بىدئەت (يەنى ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايدىغان ئىش) ھېسابلىنىدۇ.

ئەمما، شەرئىي نۇقتىدىن ئېيتقاندا، بۇ بىدئەت ھېسابلانمايدۇ. چۈنكى، بۇ ئىش (يەنى تەراۋىھ نامىزىنى جامائەت بولۇپ ئوقۇش) رەسۇلۇللاھ ﷺ نىڭ سۈننىتىدە بار. (يەنى جامائەت بولۇپ تەراۋىھ نامىزى ئوقۇش سۈننىتى ئارىلىقتا بىر مەزگىل ئۈزۈلۈپ قالغان بولسىمۇ، ئەسىل ئېتىبارى بىلەن بىدئەت ئەمەس، سۈننەتتۇر، ت).

ئىلىم ئەھىللىرىمۇ بۇ نۇقتىدا ئىتتىپاققا كەلگەن. تۆۋەندە شۇلاردىن بەزىلىرىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز:

  1. شەيخۇلئىسلام ئىبن تەيمىييە رحمه الله شۇنداق دېگەن: «بۇ جەھەتتە ئەڭ كۆپ مۇلاھىزە قىلىنىدىغىنى ئۆمەر رضي الله عنه نىڭ (جامائەت بولۇپ ئوقۇلغان تەراۋىھ نامىزى ھەققىدىكى) «بۇ نېمە دېگەن ياخشى بىدئەت» دېگەن سۆزىدىكى «بىدئەت» ئىبارىسىدۇر. بۇ يەردىكى «بىدئەت» شەرئىي بىدئەتنى ئەمەس، بەلكى لۇغەت مەنىسىدىكى «بىدئەت»نى كۆرسىتىدۇ. يەنى، لۇغەت مەنىسىدىكى «بىدئەت» ئىلگىرى ئۆرنىكى يوق ھالەتتە تۇنجى قېتىم قىلىنغان ھەرقانداق ئىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شەرئىي مەنىدىكى «بىدئەت» بولسا، شەرئىي دەلىلى يوق ئىشلاردۇر» [«اقتضاء الصراط المستقيم» 276 – بەت].
  2. ھافىز ئىبن كەسر رحمه الله مۇنداق دېگەن: «بىدئەت (شەرئىي مەنە ۋە لۇغەت مەنىسى جەھەتتىن) ئىككىگە بۆلۈنىدۇ. بەزى بىدئەتلەر شەرئىي بىدئەت بولۇپ، بۇلار پەيغەمبەر ﷺ نىڭ «(دىندا) يېڭىدىن پەيدا قىلىنغان ھەرقانداق ئىش بىدئەتتۇر ۋە ھەرقانداق بىدئەت ئازغۇنلۇقتۇر» دېگەن سۆزىدىكى بىدئەتلەردىندۇر. بەزى ئىشلار لۇغەت مەنىسى جەھەتتىن بىدئەت ھېسابلىنىدۇ. مەسىلەن، مۇئمىنلەرنىڭ ئەمرى ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رضي الله عنه نىڭ مۇسۇلمانلارنى تەراۋىھ نامىزىنى جامائەت بولۇپ ئوقۇشقا بۇيرۇغاندىن كېيىنكى «بۇ نېمە دېگەن ياخشى بىدئەت» دېگەن سۆزىدىكى «بىدئەت» ئىبارىسىگە ئوخشاش. [«تەپسىر ئىبنى كەسر» 1 – جىلىد 166 – بەت].
  3. ھافىز ئىبن رەجەب رحمه الله مۇنداق دېگەن: «سەلەفنىڭ بەزى ئىشلار ھەققىدە «گۈزەل – ياخشى بىدئەت» دېگەن سۆزلىرىدىكى «بىدئەت» شەرئىي بىدئەتنى ئەمەس، لۇغەت مەنىسىدىكى بىدئەتنى كۆرسىتىدۇ. ئۆمەر رضي الله عنه نىڭ «بۇ نېمە دېگەن ياخشى بىدئەت» سۆزىدىكى «بىدئەت» ئىبارىسى دەل مۇشۇ تۈردىن ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ مەقسىتى شۇ پېئىلنىڭ ئۇنىڭدىن بۇرۇن (يەنى ئەبۇ بەكرى رضي الله عنه نىڭ خەلىپىلىك دەۋرىدە ۋە ئۆزىنىڭ خەلىپىلىك دەۋرىنىڭ بېشىدا) بۇ شەكىلدە قىلىنمىغانلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈندۇر. ئەمما، بۇ پېئىلنىڭ (تەراۋىھ نامىزىنى جامائەت بولۇپ ئوقۇشنىڭ) شەرىئەتتە ئەسلى بار [«جامع العلوم والحكم» 402 – بەت].
  1. «كىمكى ئىسلامدا بىر ياخشى ئىشنى يولغا قويسا…» دېگەن ھەدىس.

بىدئەتلەرنى «ياخشى – يامان بىدئەت» دەپ تۈرگە ئايرىيدىغان بىدئەتچىلەرنىڭ بۇ ھەدىسنىڭ دالالىتىگە ئاساسلانغانلىقىنى دەۋا قىلىدىغانلىقىدىن ئىبارەت ئازغۇنلۇقىغا رەدىيە بېرىشتىن ئىلگىرى، بۇ ھەدىسنىڭ تولۇق نۇسخىسىنى بايان قىلىشنى مۇۋاپىق كۆردۇق.

جەرىر ئىبنى ئابدۇللاھ رضي الله عنه نىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: بىز بىر كۈنى چۈش ۋاقتىدا پەيغەمبەر ﷺ نىڭ قېشىدا ئىدۇق. ئۇنىڭ قېشىغا يالاڭ ئاياق، كىيىملىرى جۇل – جۇل، يەڭسىز جىلىتكە كىيىۋالغان ۋە قىلىچ ئېسىۋالغان بىر قەۋم كەلدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى مۇزەر قەبىلىسىدىن ئىدى. پەيغەمبەر ﷺ ئۇلارنىڭ (بەكلا) يوقسۇل ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، چىرايى ئۆزگىرىپ كەتتى ۋە ئۆيىگە كىرىپ كېتىپ قايتىپ چىقتى- دە، بىلالنى ئەزان ئوقۇشقا ۋە نامازغا تەكبىر ئېيتىشقا بۇيرۇدى. پەيغەمبەر ﷺ نامازنى ئوقۇدى. ئاندىن خۇتبە سۆزلەپ مۇنداق دېدى: ﴿ئى ئىنسانلار! سىلەرنى بىر ئىنساندىن (يەنى ئادەم ﷺ دىن) ياراتقان اللە تىن قورقۇڭلار﴾ (سۈرە نىسا 1 – ئايەت) ۋە: ﴿ئى مۇئمىنلەر! اللە تىن قورقۇڭلار، ھەر ئادەم ئەتە (يەنى قىيامەت كۈنى) ئۈچۈن نېمىلەرنى تەييارلىغانلىقىغا قارىسۇن﴾ (سۈرە ھەشر 18 – ئايەت) دېگەن ئايىتىنى ئوقۇغاندىن كېيىن، ساھابىلەرنى سەدىقە قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، سىلەر بىر دىناردىن، دىرھەمدىن، بۇغدايدىن ۋە خورمىدىن سەدىقە قىلىڭلار» دېدى ئارقىدىن «يېرىم خورما بولسىمۇ (سەدىقە قىلىڭلار)» دېدى.

ئەنسارىلاردىن بىر ئادەم بىر خالتا نەرسىنى ئاران كۆتۈرۈپ ئەكېلىپ سەدىقە قىلدى. كىشىلەر ئارقا – ئارقىدىن سەدىقە بېرىشكە باشلىدى. مەن ئاشلىق ۋە كىيىم – كېچەكتىن توپلانغان ئىككى دۆۋىنى كۆردۈم. بۇنىڭ بىلەن، پەيغەمبەر ﷺ نىڭ چىرايىنىڭ ئېچىلىپ، (مەمنۇنىيەت سەۋەبلىك) ئالتۇندەك پارىلداپ كەتكەنلىكىنى كۆردۈم. پەيغەمبەر ﷺ مۇنداق دېدى: «كىمكى ئىسلامدا بىر ياخشى يول ئاچسا، ئۇنىڭغا ئۇ ئىشنىڭ ساۋابى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن شۇ ئىشقا ئەمەل قىلغانلارنىڭ ئەجىرلىرىدىن ھېچ نەرسە كېمەيتىۋېتىلمەستىن بىر كىشىلىكتىن ساۋاب يېزىلىدۇ. كىمكى ئىسلامدا بىر يامان يول ئاچسا، ئۇنىڭغا ئۇ ئىشنىڭ گۇناھى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن شۇ ئىشقا ئەمەل قىلغانلارنىڭ گۇناھىدىن ھېچ نەرسە كېمەيتىۋېتىلمەستىن بىر كىشىلىكتىن يېزىلىپ تۇرىدۇ» [ئىمام مۇسلىم/نەۋەۋى 104 – 102/1].

بۇ ھەدىستىكى «كىمكى ئىسلامدا بىر ياخشى يول ئاچسا» دېگەن جۈملىنى ھەدىسنىڭ تولۇق تېكىستىنىڭ ئىچىگە قويۇپ چۈشەنمەي، ئۆزىنىڭ باتىل قاراشلىرىغا دەلىل قىلغۇچى خۇددى «فَوَيْلٌ لِّلْمُصَلِّينَ ﴿٤﴾ الَّذِينَ هُمْ عَن صَلَاتِهِمْ سَاهُونَ ﴿٥﴾» (سۈرە مائۇن) [(ۋاي ناماز ئوقۇغۇچىلارغا (4) ئۇلار نامازلىرىنى غەپلەت بىلەن ئوقۇيدۇ (5)] دېگەن ئايەتلەرنى تولۇق ئوقۇماي، «فَوَيْلٌ لِّلْمُصَلِّين» [ناماز ئوقۇغۇچىلارغا ۋاي] دېگەن ئايەتنىلا ئوقۇپ، بۇ ئايەت «پۈتۈن ناماز ئوقۇغۇچىلارغا قارىتىلغان» دەپ تۇرۇۋالغان كىشىگە ئوخشايدۇ. چۈنكى، ئايەت – ھەدىسلەرنىڭ بىر بۆلۈكىنى يۇلۇپ ئېلىپلا ئۆز قارىشىغا دەلىل قىلغاندا ھەقىقەتلەر ئاستىن – ئۈستۈن بولۇپ كېتىدۇ. يۇقىرىقى ئايەتتە، اللە تعالى ناماز ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسىنى تەنقىدلىگىنى يوق. دېمىسىمۇ اللە ئۆزى بەندىلىرىنى ناماز ئوقۇشقا بۇيرۇپ، قانداقمۇ يەنە ناماز ئوقۇغانلارنى تەنقىد قىلسۇن؟ اللە تعالى بۇ يەردە پەقەت ناماز ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىر قىسمىنى، يەنى «ئۇلار نامازنى غەپلەت بىلەن ئوقۇيدۇ (5) نامازنى رىيا بىلەن ئوقۇيدۇ (6) ئۇلار قولقا بەرمەيدۇ (7)» دېگەن سۈپەتلەرگە چۈشىدىغان كىشىلەرنى تەنقىد قىلماقتا.

ياكى بولمىسا، يۇقىرىقى ھەدىسنىڭ شۇ بىر جۈملىسىنىلا دەلىل قىلغۇچى، سۈرە نىسا 43 – ئايەتنىڭ بېشىدىكى «يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تَقْرَبُوا الصَّلَاةَ» (ئى مۇئمىنلەر! ناماز يېقىنلاشماڭلار) دېگەن جۈملىنى يۇلۇپ ئېلىپلا، ئۇنىڭ كەينىدىكى «وَأَنتُمْ سُكَارَىٰ» (ئەگەر سىلەر مەست بولساڭلار) دېگەن جۈملىنى تاشلاپ قويغان ئادەمگە ئوخشايدۇ.

قۇرئان – ھەدىستە بۇنىڭغا ئوخشاش مىساللار ناھايىتى كۆپ. ئالىملار مۇشۇ خىل ئايەت – ھەدىسلەرنى ئەڭ توغرا شەكىلدە چۈشىنىش ئۈچۈن «ئىپادە شەكلى ۋە باغلىنىش» ئۇسۇلىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

بىدئەتچىلەر بۇ ھەدىستىكى «كىمكى ئىسلامدا بىر ياخشى يول ئاچسا» دېگەن جۈملىنى رەسۇلۇللاھ ﷺ نىڭ «ھەرقانداق بىدئەت ئازغۇنلۇقتۇر» دېگەن سۆزىنىڭ ئام ھۆكمىنى خاسلاشتۇرىدىغان، يەنى «ھەرقانداق بىدئەت ئازغۇنلۇقتۇر» دېگەن ھۆكۈمنىڭ سىرتىدا «بەزى ياخشى بىدئەتلەر بار» دېگەن قاراشقا يول ئاچىدىغان دەلىل دەپ دەۋا قىلىشىدۇ.

ئەمما، يۇقىرىقى ھەدىسنى ئوقۇپ چىققۇچىلارغا شۇ نەرسە ئايان بولىدۇكى، ھەدىستە ئەنسارىلاردىن بىر ساھابە رضي الله عنه نىڭ قىلغىنى پەقەتلا «سەدىقىنى ئەڭ ئاۋۋال بېرىش» بولدى. سەدىقە ئۇنىڭدىن ئىلگىرىلا شەرئىي دەلىللەر بىلەن يولغا قويۇلغان بىر ئىبادەتتۇر. ئەھۋال شۇنداق تۇرسىمۇ، بۇ ساھابىنىڭ «سەدىقىنى ئاۋۋال بېرىشى»نى «ياخشى بىدئەت» پەيدا قىلغانلىق دەپ تۇرۇۋالامسىز؟؟؟

شۇ ۋەقەنىڭ ئۆزىدە، پەيغەمبەر ﷺ مۇ ئۇ ساھابىنىڭ ئارقىسىدىن سەدىقە بەرگەن.

ئىمام شاتىبى رحمه الله مۇنداق دەيدۇ: «ھەدىستىكى <كىمكى ئىسلامدا بىر ياخشى يول ئاچسا> دېگەن سۆزدىكى مەقسەت ئىسلامدا يېڭى بىر ئىش پەيدا قىلىش ئەمەس. بۇ يەردىكى مەقسەت رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىدە بار بولغان ئەمەلنى باش بولۇپ قىلىشتۇر. چۈنكى:

بىرىنچىدىن، جەرىر ئىبنى ئابدۇللاھ رضي الله عنه دىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە كۆرسىتىلگىنىدەك، رەسۇلۇللاھنىڭ «كىمكى ئىسلامدا بىر ياخشى يول ئاچسا» دېگەن سۆزنى قىلىشىغا سەۋەب بولغان ئىش بىر ساھابىنىڭ باش بولۇپ سەدىقە بەرگەنلىكىدۇر. رەسۇلۇللاھ ﷺ نىڭ «كىمكى ئىسلامدا بىر ياخشى يول ئاچسا» دېگەن سۆزىنى قانداق ئەھۋالدا دېگىنىنى ياخشى چۈشىنىڭ!!! رەسۇلۇللاھ بۇ سۆزنى ئاز بولسىمۇ، كۈچىنىڭ يېتىشىچە ياخشى ئىش قىلغۇچىلارغا قارىتىپ ئېيتقان. «ئەنسارىلاردىن بىر ساھابىنىڭ بىر خالتا نەرسىنى ئېلىپ كېلىپ سەدىقە قىلىشى» بىلەن سەدىقە ئىشىكى ئېچىلدى، كىشىلەر ئارقا – ئارقىدىن سەدىقە بېرىشكە باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن، پەيغەمبەر ﷺ «كىمكى ئىسلامدا بىر ياخشى يول ئاچسا…» دېدى.

دېمەك، رەسۇلۇللاھ ﷺ بۇ سۆزنى سۈننەتتە ئورنى بولغان «سەدىقە بېرىش»تىن ئىبارەت ئەمەلنى ئادا قىلغان ساھابە ئۈچۈن ئېيتقانىكەن، بۇ سۆز پەقەت ۋە پەقەت سۈننەتتە ئەسلىدىلا بار بىر ئىشنى باش بولۇپ قىلغۇچىغا قارىتىلغان بولىدۇ.

يۇقىرىقىلاردىن شۇنىسى مەلۇمكى، بۇ ھەدىستىكى «ئىسلامدا بىر ياخشى يول ئېچىش» جۈملىسىدىكى «ياخشى ئىش» ھەرگىزمۇ بىدئەتنى كۆرسەتمەيدۇ.

مەزكۇر مەنا ھەدىستە ئوپئوچۇق كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. چۈنكى، پەيغەمبەر ﷺ ساھابىلەرنى سەدىقە بېرىشكە تەشۋىق قىلىۋىدى، ھېلىقى ئەنسار ساھابە چىقىپ بىر خالتا سەدىقە بەردى، ئارقىدىنلا سەدىقىلەر يامغۇردەك يېغىشقا باشلىدى. گويا ئاشۇ ئەنسار ساھابىنىڭ باش بولۇپ سەدىقە بېرىشى (سەدىقە قىلىشتىن ئىبارەت) بىر سۈننەتنى جانلاندۇردى. بۇ يەردە يوق بىر ئىشنى پەيدا قىلىش ئەھۋالى قەتئىي مەۋجۇت ئەمەس.

ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەك رحمه الله نىڭ «زۇھد ۋە رەقائىق كىتابى» دېگەن ئەسىرىدە، ھۇزەيفە ئىبنى يەمانى رضي الله عنه دىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىسمۇ، بۇ ھەدىسكە ئوخشايدۇ. مەزكۇر ھەدىستە شۇنداق دېيىلگەن:

رەسۇلۇللاھ ﷺ نىڭ زامانىدا، بىر كىشى ئورنىدىن تۇرۇپ باشقىلاردىن بىر نەرسە تەلەپ قىلدى. لېكىن، ھېچكىمدىن سادا چىقمىدى. بىر ئازدىن كېيىن، بىر ئادەم ئۇنىڭغا مەلۇم مىقداردا بىر نەرسە بەردى. ئۇنىڭ ئارقىدىن يەنە بىرىمۇ سەدىقە بەردى. شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ ﷺ: «كىم ياخشى بىر يول ئاچسا ۋە شۇ يولغا مۇۋاپىق ئىش قىلسا، ھەم ئۆز ئەمەلىنىڭ، ھەم ـــ ئەجرىدىن ھېچنەرسە كېمەيتىۋېتىلمىگەن ھالدا ـــ مۇشۇ يولغا ئەگەشكەنلەرنىڭ ئەجرىنى ئالىدۇ. كىم ناچار بىر يول ئاچسا ۋە شۇنىڭغا لايىق ئىش قىلسا، ھەم ئۆز ئەمەلىنىڭ، ھەم ـــ گۇناھلىرىدىن ھېچنەرسە كېمەيتىۋېتىلمىگەن ھالدا ـــ مۇشۇ يولغا ئەگەشكەنلەرنىڭ گۇناھىنى ئۈستىگە يۈكلىۋالىدۇ» دېگەن [«زۇھد ۋە رەقائىق كىتابى» 1462 – نومۇردا ھەسەن سەنەد بىلەن رىۋايەت قىلىنغان. بۇ ھەدىسنىڭ ئەبۇ ھۇرەيرە ۋە جەرىر رضي الله عنهما تەرىپىدىن رىۋايەت قىلىنغان شاھىدلىرى بولغاچقا، ھەدىس سەھىھلىك دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلىدۇ].

شۇنداق بولغانىكەن، «كىم بىر يول ئاچسا» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى «كىم بىر سۈننەت پەيدا قىلسا» ئەمەس، بەلكى «كىم سۈننەتكە ئەمەل قىلسا»دۇر.

ئىككىنچىدىن، «كىم ياخشى بىر يول ئاچسا… كىم ناچار بىر يول ئاچسا…» ھەدىسىنى يېڭى بىر سۈننەت پەيدا قىلىش دەپ ئىزاھلاش قەتئىي توغرا ئەمەس. چۈنكى، بىر ئىشنىڭ ياخشى – يامان بولۇشى پەقەتلا شەرىئەت ئارقىلىق مەلۇم بولىدۇ. چۈنكى، بىر ئىشنىڭ ياخشى ياكى يامان ئىكەنلىكى پەقەتلا شەرىئەت تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. بۇ جەھەتتە، ئەقىلنىڭ نوپۇزى يوق. ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائەت مەزھىپىنىڭ مەنھەجى مۇشۇدۇر. پەقەت بىدئەتچىلەرلا نېمىنىڭ ياخشى ۋە نېمىنىڭ يامان ئىكەنلىكىنىڭ (قۇرئان – سۈننەتتىن ئىبارەت ئىلاھىي دەلىل ئارقىلىق ئەمەس) ئەقىل ئارقىلىق بەلگىلىنىدىغانلىقىنى دەۋا قىلىشىدۇ.

ھەدىستە تىلغا ئېلىنغان «يول» (سۈننەت) ئىبارىسىنىڭ شەرئىي نۇقتىدىن يا ياخشى، يا يامان بولۇشى كېرەك بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، «ياخشى يول» ئۇقۇمى پەقەت ئاشۇ ھەدىستە تىلغا ئېلىنغىنىدەك، سەدىقە بېرىشكە ئوخشاش شەرىئەتتە بەلگىلەنگەن سۈننەتلەر ئۈچۈنلا قوللىنىلىدۇ.

«ناچار يول» ئىبارىسىمۇ شەرئىي نۇقتىدىن گۇناھ ئىكەنلىكى ئېنىق بولغان قىلمىشلارنى ئىپادىلەيدىغان ئومۇمىي ئۇقۇمدۇر. ئادەم عليه السلام نىڭ ئوغلى توغرىسىدىكى ھەدىستە زىكىر قىلىنغان قاتىللىق قىلمىشىمۇ بۇنىڭغا دەلىلدۇر. بۇ ھەدىستە رەسۇلۇللاھ ﷺ «چۈنكى قاتىللىق يولىنى (سۈننىتىنى) تۇنجى بولۇپ ئاچقان كىشى شۇدۇر» دېگەن [سەھىھۇل بۇخارى 3335 – ھەدىس؛ سەھىھۇل مۇسلىم 1677 – ھەدىس].

بۇنىڭدىن سىرت، «ناچار يول» ئىبارىسى بىدئەتلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. چۈنكى، بىدئەتلەرنىڭ شەرىئەتتە ئەيىبلەنگەنلىكى مەلۇمدۇر.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، «ياخشى يول» (سۈننەت)نىڭ ئېچىلىشى سۈننەتلەرنىڭ تەرك ئېتىلىشى سەۋەبلىك ئۇنتۇلغان بىر ئەمەلنىڭ ئىنسانلار ئارىسىدا قايتىدىن تىرىلدۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ.

مەسىلەن، دەۋرىمىزدە ھەرقانداق بىرەيلەن تەرك ئېتىلگەن بىر سۈننەتنى تىرىلدۈرسە، بۇنىڭ ئۈچۈن «ياخشى بىدئەت قىلدى» دېيىلمەستىن، «بىر ياخشى يول ئاچتى (يەنى بىر سۈننەتنى تىرىلدۈردى)» دېيىلىدۇ.

شۇ ۋەجىدىن، گۈزەل يول (سۈننەت) ئەسلى سەھىھ دەلىللەر ئارقىلىق شەرىئەتتە بەلگىلەنگەن بولسىمۇ، كىشىلەر تەرىپىدىن تەرك ئېتىلگەن ۋە كېيىن تىرىلدۈرۈلگەن ئىشلاردۇر. ئۆمەر رضي الله عنه نىڭ 11 رەكئەتلىك تەراۋىھ نامىزىنى جامائەت بىلەن ئوقۇش سۈننىتىنى تىرىلدۈرۈشى بۇنىڭ بىر مىسالىدۇر.

تاكى يېقىنقى يىللارغىچە، شام زېمىنلىرىدا كىشىلەر ھېيت نامازلىرىنى مەسجىدتە ئوقۇش ياخشى دەپ قاراپ، مەسجىدتىلا ئوقۇيتتى. شۇ سەۋەبتىن، سۈننەت بايرىقىنى كۆتۈرگەن كىشىلەر ئوتتۇرىغا چىقىپ، ھېيت نامازلىرىنى (ئوچۇقچىلىقتىكى) نامازگاھلاردا ئوقۇشنىڭ سۈننەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلەشتى.

يەنە شۇنىڭدەك، بۇ دىياردىكى ئاۋام ۋە تەقلىدچى كىشىلەر تەراۋىھ نامىزىنى يىگىرمە رەكئەت دەپ قارايتتى. لېكىن، رەسۇلۇللاھ ﷺ يولغا قويغان ۋە ساھابە رضي الله عنهم لار ئەگەشكەن سۈننەت تەكىتلەنگەندىن كېيىن، بۇ دەۋەتچى ئالىملار ھەققىدە «ئىسلامدا ياخشى بىر يول ئاچتى (يەنى بىر سۈننەتنى تىرىلدۈردى)» دېيىلدى.

اللە نىڭ شەرىئىتى، تەرك ئېتىلگەن، ھاياتقا ئەمەلىي تەدبىقلىنىش ئارقىلىق مۇسۇلمانلار دۇنياسىنى نۇرلاندۇرۇشى كۈتۈلۈۋاتقان سۈننەتلەردىندۇر. اللە نىڭ شەرىئىتى بەزى زالىملار تەرىپىدىن تۇرمۇشتىن يىراقلاشتۇرۇلۇپ، غەربنىڭ ئېشىندىلىرى، شېرىك ئەھلىنىڭ پىكىر داشقاللىرى تەرىپىدىن چەتكە قېقىلغان، ئەمەلىيەتتە بولسا مەيلى شەخس، مەيلى جەمئىيەتنىڭ چوڭ – كىچىك بارلىق ئىشلىرىغا تەدبىقلىنىدىغان قانۇندۇر. ئىنسانىيەتنى شۇئان پېتىپ قالغان بۇ چىركىن پاتقاقلىقتىن، (ئاللىكىملەر تەرىپىدىن تۈزۈپ چىقىلىپ، اللە نىڭ شەرىئىتىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىلگەن) بۇ پۇچەك قانۇن – تۈزۈملەردىن قۇتۇلدۇرۇپ، اللە بېكىتكەن نىزاملارنى كۈچكە ئىگە قىلغان كىشى ئۈچۈن «ئىسلامدا ياخشى بىر يول ئاچتى» دېيىلىدۇ. شۇنداقلا، باشقىلار ئۇ ئاچقان بۇ يولدا ماڭسا، ئۇلارنىڭ ـــ ئەجىرلىرىدىن ھېچنەرسە كېمەيتىۋېتىلمەستىن ـــ ئەجرىگە ئوخشاش ئەجىر ئالىدۇ. مۇسۇلمان ھۆكۈمدارلار بۇنى بىر پۇرسەت دەپ تونۇشى كېرەك.

مەھمەت ئەلى پاشا فىرانسىيە قانۇنلىرىنى ئىمپورت قىلىپ، رىفائە تەھتاۋىغا تەرجىمە قىلغۇزۇپ، ئۇنى مىسىردا ئىجرا قىلىشقا باشلىغاندا، باشقا ھۆكۈمدارلارمۇ ئۇنى دوراشقا باشلىغان. مەھمەت ئەلى پاشا بۇ قىلىقى ئارقىلىق ئىسلامدا ناچار بىر يول ئاچقان ھېسابلىنىدۇ.

جاۋابنىڭ تۈرلۈك نۇقتىلاردىن تېخىمۇ روشەنلىشىشى ئۈچۈن، شۇلارنى قىستۇرما قىلماقچىمىز:

(1) «ئىسلامدىكى ياخشى بىر يول ئاچقان كىشى…» دېگەن سۆزنى قىلغان زات (يەنى رەسۇلۇللاھ ﷺ) «ھەرقانداق بىدئەت ئازغۇنلۇقتۇر» دېگەن سۆزنىمۇ قىلغان. سەمىمىي، توغرا سۆزلۈك، سۆز – ھەرىكەتلىرىنىڭ راستلىقى دەلىللەنگەن رەسۇلۇللاھ ﷺ نىڭ بىر – بىرىنى ئىنكار قىلىدىغان گەپلەرنى قىلىشى مۇمكىن ئەمەس. رەسۇلۇللاھ ﷺ نىڭ سۆزلىرى ئارىسىدا ھەرگىز ئۆزئارا زىتلىق يوقتۇر[1]. شۇ ۋەجىدىن، بىر ھەدىسنى قوبۇل قىلىپ يەنە بىرسىدىن يۈز ئۆرۈش جائىز ئەمەس. بۇنداق پوزىتسىيە (قۇرئان كەرىمدە قاتتىق تەنقىد قىلىنغىنىدەك) قۇرئاننىڭ بىر قىسمىغا ئىمان كەلتۈرۈپ، بىر قىسمىنى ئىنكار قىلىشقا ئوخشايدۇ.

(2) رەسۇلۇللاھ ﷺ «كىم بىدئەتنى ئوتتۇرىغا چىقارسا» دېمەستىن، «كىم يول (سۈننەت) ئاچسا» دېگەن. بۇنىڭدىن سىرت، «ئىسلامدا» دېگەن شەرتنىمۇ قوشقان. ئەمما، بىدئەت ئىسلامغا تەۋە ئەمەس. رەسۇلۇللاھ ﷺ «ياخشى يول» دېگەن، ئەمما بىدئەت ياخشى ئەمەس[2].

(3) سەلەفتىن ھېچبىرى (مەزكۇر ھەدىستىكى) «ياخشى يول (سۇننەتى ھەسەنە)»نى «ئىنسانلار ئۆز خىيالىغا كۆرە پەيدا قىلىۋالغان بىدئەت» دەپ ئىزاھلىغان ئەمەس. شۇ سەۋەبتىن، بىدئەت ئەھلىنىڭ ئۆز بىدئەتلىرىنى «ياخشى بىدئەت» دەپ ئاتىۋېلىش جەھەتتە ئىلگىرى سۈرگەن ھۆججەتلىرى ئىناۋەتسىز بولماقتا.

[1] شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن «ئەلئىبدا فى كەمالىششەر ۋە خاتارىل ئىبتىدا» 19 – بەت.

[2] شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن «ئەلئىبدا فى كەمالىششەر ۋە خاتارىل ئىبتىدا» 20 – بەت.