«بەسىرە ئاكادېمىيەسى» تەرىپىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ تارقىتىلغان، شەيخ سەلىم ھىلالىنىڭ «بىدئەت ۋە ئۇنىڭ ئۈممەتكە سالغان زىيانلىرى» دېگەن كىتابىدىن ئېلىندى.
ئى ھىدايەت – سۈننەتكە ئەگەشكەن ئەي قېرىندىشىم! شۇنى بىلىشىڭ كېرەككى، تۆۋەندە قەيت قىلىنىدىغان سەھىھ، ئوچۇق ھەدىسلەر سەۋەبلىك، ھەرقانداق بىدئەت ئازغۇنلۇقتۇر.
ئىرباد ئىبنى سارىيە رضي الله عنه دىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى: پەيغەمبەر ﷺ بىزگە فەجىر نامىزى ئوقۇپ بەردى، ئاندىن بىزگە يۈزلىنىپ، كۆزلەردىن ياش ئاققۇزۇپ، قەلبلەرنى تىترىتىدىغان، ئىنتايىن تەسرلىك تەبلىغ قىلدى. بىر ئادەم: «يا رەسۇلۇللاھ! بۇ ۋىدالاشقۇچىنىڭ سۆزىگە ئوخشاپ كەتتى» دېۋىدى، پەيغەمبەر ﷺ:
«اللە قا تەقۋادارلىق قىلىڭلار! ھەبەشىستانلىق بىر قۇل سىلەرگە باش بولسىمۇ، ئۇنىڭغا ئىتائەتسىزلىك قىلماڭلار! مەندىن كېيىن ياشىغانلار چوقۇم نۇرغۇن ئىختىلاپلارنى كۆرىدۇ. مېنىڭ سۈننىتىمگە ۋە (توغرا يولغا يېتەكلەنگەن) راشد خەلىپىلەرنىڭ سۈننىتىگە ئەگىشىڭلار! ئۇنى ئېزىق چىشىڭلار بىلەن مەھكەم چىشلەڭلار. (دىندا) يېڭىدىن پەيدا بولغان ئىشلاردىن ساقلىنىڭلار. چۈنكى (دىندا) يېڭىدىن پەيدا بولغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى بىدئەت، بىدئەتنىڭ ھەممىسى ئازغۇنلۇقتۇر. [ئەبۇ داۋۇد 4607 –؛ تىرمىزى 2676 –؛ ئىبن ماجە 43 ~ 44 –؛ دارىمى 44 ~ 45/1؛ ئىمام ئەھمەد 126/4؛ ھاكىم مۇستەدرەك 96 ~ 95/1؛ بەيھەقى سۇنەنۇل كۇبرا 114/10؛ مەناكىبۇ شافىئىي 11 ~ 10/1؛ ئىبنى ھىببان 5].
جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رضي الله عنه نىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: «رەسۇلۇللاھ ﷺ ئىنسانلارغا سۆز قىلاتتى. اللە قا لايىق رەۋشتە ھەمدۇ سانا ئېيتقاندىن كېيىن مۇنداق دەيتتى:
«اللە ھىدايەت قىلغاننى ئازدۇرغۇچى، اللە ئازدۇرغاننى ھىدايەت قىلغۇچى يوقتۇر. سۆزلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى اللە عز وجل نىڭ كىتابى، يوللارنىڭ ئەڭ ياخشىسى مُحَمَّدٌ ﷺ نىڭ يولىدۇر. ئىشلارنىڭ ئەڭ يامىنى (دىندا) يېڭىدىن پەيدا بولغان ئىشلاردۇر. يېڭىدىن پەيدا بولغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى بىدئەتتۇر [ئىمام مۇسلىم 153/6. ئىمام مۇسلىم ۋە ئىمام بەيھەقىنىڭ رىۋايىتىدە «ھەر بىدئەت ئازغۇنلۇقتۇر» دېيىلگەن. ئىمام بەيھەقى «ئەسما ۋە سىفات» 137 – نومۇرلۇق ھەدىستە، ئىمام نەسائى 188-189/3 تە سەھىھ ئىسناد بىلەن «ۋە ھەرقانداق ئازغۇنلۇق دوزاختىدۇر» دېگەن جۈملىنى قوشۇپ رىۋايەت قىلغان].
ئابدۇللاھ ئىبن ئامىر رضي الله عنه دىن پەيغەمبەر ﷺ نىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: «ھەر ئەمەلنىڭ قىزغىن بولىدىغان ۋاقتى بولىدۇ. ھەربىر قىزغىنلىقنىڭ بىر پەسىيىشى بار. ئۇ ياكى سۈننەتكە پەسلەيدۇ. ياكى بىدئەتكە پەسلەيدۇ. كىمنىڭ پەسلىشى سۈننەتكە بولسا ھىدايەت تاپقان بولىدۇ. كىمنىڭ پەسلىشى باشقا تەرەپكە بولسا، ھالاك بولغان بولىدۇ» دېگەن [ئىمام ئەھمەد، ئىبنى ھىببان].
ئائىشە ئانىمىز رضي الله عنها نىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: «رەسۇلۇللاھ ﷺ مۇنداق دېگەن: «مَنْ أَحْدَثَ فِي أَمْرِنَا هَذَا مَا لَيْسَ فِيهِ فَهُوَ رَدٌّ» «كىمكى بىزنىڭ بۇ ئىشىمىز (ئىسلام)دا بولمىغان بىر ئىشنى پەيدا قىلىدىكەن، ئۇ رەت قىلىنىدۇ» [ئىمام بۇخارى 301/5، ئىمام مۇسلىم 16/12].
يەنە بىر رىۋايەتتە: «مَنْ أَحْدَثَ فِي أَمْرِنَا هَذَا مَا لَيْسَ مِنْهُ فَهُوَ رَدٌّ» كىمكى بىزنىڭ بۇ ئىشىمىز (ئىسلام)دىن بولمىغان بىر ئىشنى پەيدا قىلىدىكەن، ئۇ رەت قىلىنىدۇ» دېيىلگەن [ئىمام مۇسلىم / ئىمام نەۋەۋى 16/12].
ئى مۇئمىن قېرىندىشىم! ئىرباد ئىبن سارىيە ۋە جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رضي الله عنه م رىۋايەت قىلغان ھەدىسلەردىكى «ھەرقانداق بىدئەت ئازغۇنلۇقتۇر» دېگەن ئىبارە ئومۇمىي (ئام)دۇر. چۈنكى، ھەدىستىكى «كُلَّ» (بارلىق، ھەرقانداق، ھەممە) كەلىمىسى ئومۇمىيلىقنى بىلدۈرىدىغان بولۇپ، مەلۇم بىر بىدئەتنى بۇنىڭدىن مۇستەسنا قالدۇرۇشقا ھېچقانداق دەلىل يوق.
ئىمام شاتىبى رحمه الله بۇ ھەدىسنىڭ شەرھىسىدە مۇنداق دېگەن: «… ئالىملار بۇ ئىپادىنى ئام (ئومۇمىي) دەپ چۈشەنگەن. بۇ ئومۇمىيلىقتىن مۇستەسنا قالىدىغان ھېچنەرسە يوق. دېمەك، بىدئەتلەرنىڭ ئىچىدە ياخشى بىدئەت دەيدىغان نەرسە ئەسلا مەۋجۇت ئەمەس» [ئىمام شاتىبى پەتىۋالىرى 180 ~ 181 – بەتلەر].
ئابدۇللاھ ئىبنى ئامىر ۋە ئائىشە ئانىمىز رضي الله عنهما نىڭ ھەدىسلىرى بولسا «جەۋامۇل كەلىم» (ئىخچام، ئەمما مەنىسى كەڭ)دۇر. بۇ ئىككى ھەدىس زاھىرى ئەمەللەر ئۈچۈن ئۆلچەمدۇر. مۇسۇلماننىڭ ئەمەلى پەقەت تۆۋەندىكى ئىككى شەرتنى ھازىرلىغاندا ئاندىن مەقبۇل بولىدۇ:
بىرىنچى: ئەمەل پەقەت ۋە پەقەت اللە نىڭ رىزاسى ئۈچۈنلا، ئىخلاس بىلەن قىلىنىشى كېرەك. چۈنكى، اللە تعالى مۇنداق دەيدۇ (تەرجىمە مەنىسى) «كىمكى، رەببىگە مۇلاقات بولۇشنى ئۈمىد قىلىدىكەن، ياخشى ئەمەل قىلسۇن. رەببىگە قىلىدىغان ئىبادەتتە ھېچكىمنى شېرىك كەلتۈرمىسۇن» (سۈرە كەھف 110 – ئايەت).
ئىككىنچى، قىلىنغان ئەمەل چوقۇم رەسۇلۇللاھ ﷺ نىڭ سۈننىتىگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك. بۇ شەرت ئائىشە ئانىمىزدىن رىۋايەت قىلىنغان «مَنْ أَحْدَثَ فِي أَمْرِنَا هَذَا مَا لَيْسَ فِيهِ فَهُوَ رَدٌّ» «كىمكى بىزنىڭ بۇ ئىشىمىز (ئىسلام)دا بولمىغان بىر ئىشنى پەيدا قىلىدىكەن، ئۇ رەت قىلىنىدۇ» دېگەن ھەدىستە ناھايىتى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇ ھەقتە، يەنى سۈننەتتە ئاساسى بولمىغان ئەمەل (بىدئەت)نى قىلىش ھەققىدە، ئالىملارنىڭ ئىككى خىل كۆز قارىشى بار.
بىرىنچى خىل قاراشتىكىلەر «سۈننەتتە ئاساسى بولمىغان ئەمەل شۇ ئىشنى قىلغۇچىغا قايتۇرۇلىدۇ. اللە بۇنداق ئەمەللەرنى (قىيامەتتە) تارازىغىمۇ قويمايدۇ» دېيىشكەن.
ئىككىنچى خىل قاراشتىكىلەر شۇنداق دەيدۇ: «سۈننەتتە ئاساسى يوق، بىدئەت ئەمەلنى قىلغۇچى اللە نىڭ بۇيرۇقىنى رەت قىلغۇچىدۇر. چۈنكى، بىدئەتچى ئۆزىنى ھۆكۈم قىلغۇچىلارنىڭ ئەڭ كاتتىسى بولغان اللە قا ئوخشىتىپ، ئۆزىنى اللە نىڭ ئورنىغا قويۇپ، اللە رۇخسەت قىلمىغان ئەھۋالدا، شەرىئەتكە يېڭى شەرىئەت قوشقۇچىدۇر» بۇ ھەقتە ئالدىنقى بابلاردىمۇ توختالغانىدۇق.
يۇقىرىقى قۇرلاردىن ئەقىل ئىگىلىرىگە مەلۇم بولغىنىدەك، بىدئەتنى ياخشى بىدئەت ۋە يامان بىدئەت دەپ ئىككى ئايرىشقا ئۇرۇنۇش خاتادۇر. ھەتتا، مۇشۇنداق ئايرىشنىڭ ئۆزىمۇ بىدئەتتۇر. يەنە كېلىپ، تۆۋەندىكى سەۋەبلەر تۈپەيلى بىدئەتنى ياخشى – يامان دەپ ئىككىگە (ياكى ئۇنىڭدىن كۆپكە) ئايرىش بىدئەتلەرنىڭ ئەڭ قەبىھلىرىدىندۇر:
1) بىدئەتلەرنى ئەيىبلەش مەزمۇنىدىكى شەرئىي دەلىللەر ئومۇمىي ۋە مۇتلەق مەنىدە كەلمەكتە. بۇنىڭدىن ئايرىپ چىقىرىلىدىغان ھېچبىر مۇستەسنالىق يوقتۇر. شەرئىي مەنبەلەردە مەلۇم بىر بىدئەتنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان ھېچقانداق دەلىل يوق. يەنى «ھەرقانداق بىدئەت ئازغۇنلۇقتۇر، ئەمما پالانى – پوكۇنى بىدئەتلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا» دېگەن شەكىلدە ھېچقانداق شەرئىي دەلىل يوق. شەرىئەت نۇقتىسىدىن ياخشى دەپ قارىلىدىغان بىدئەتلەر بار بولسىدى، چوقۇم ئايەت – ھەدىسلەر ئارقىلىق بىزگە بىلدۈرۈلگەن بولاتتى. ئەمما، بۇنداق بىر دەلىل قەتئىي مەۋجۇت ئەمەس. دېمەك، يۇقىرىدا بايان قىلىنغان، بىدئەتنى ئەيىبلىگەن دەلىللەردە، بىرەر بىدئەتمۇ كەم قالماي، ھەممىسى بىردەك ئەيىبلەنگەن. بۇ دەلىللەردىكى ئىپادىلەر ئومۇمىي ۋە مۇتلەق شەكىلدىدۇر. [ئەلئىتىسام 187 – بەت].
2) ئىلمىي ئۇسۇللار ئارقىلىق سابىت بولغان نەرسە شۇكى، ئومۇمىيلىقنى ئىپادىلەيدىغان بىر قائىدە ياكى شەرئىي دەلىل نۇرغۇن يەردە، ئوخشىمىغان ۋاقىت ۋە ئوخشىمىغان ئەھۋاللاردا تەكرارلانسا، شۇنداقلا بۇنىڭغا ھەرقانداق بىر شەرت قوشۇلمىغان بولسا، بۇ ئەھۋال شۇ قائىدە ياكى شەرئىي دەلىلنىڭ ئومۇمىي (ئام) ۋە مۇتلەق لەۋزى تەقەززا قىلغىنىدەك، (قىيامەتكىچە داۋاملىشىدىغان) ئەبەدىي قائىدە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
بىزنى بىدئەتلەر ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان ھەدىسلەر دەل مۇشۇ تۈردىندۇر. رەسۇلۇللاھ ﷺ خىلمۇخىل ۋاقىت ۋە پەرقلىق ئەھۋاللاردا مۇنبەردە ساھابىلەرگە خىتابەن: «ھەرقانداق بىدئەت ئازغۇنلۇقتۇر» دەيتتى. بۇنىڭ ئەكسىدە ھېچقانداق بىر ئايەت ياكى ھەدىستە بۇ ئومۇمىي ھۆكۈمدىن بەزى بىدئەتلەرنى ئايرىپ چىقىدىغان شەرتلەر ئوتتۇرىغا قويۇلمىغان. شۇنداقلا، ھەدىسنىڭ لەۋزىدىكى «كُلَّ» كەلىمىسىنى بارلىق، ھەرقانداق، ھەممە دەپ چۈشەنمەسلىككە ھېچقانداق ئاساس يوق [ئەلئىتىسام 188 – بەت].
3) ساھابە رضي الله عنهم، تابىئىن ۋە ئۇلاردىن كېيىن كەلگەن سەلەف سالىھلار (اللە ئۇلارغا رەھمەت قىلغاي) بىدئەتلەرنى ئەيىبلەش، ئۆچ كۆرۈش، بىدئەتلەردىن ۋە بىدئەتنىڭ ئىزناسى بار ھەرقانداق نەرسىدىن قېچىش كېرەكلىكىدە ئىجمائ (ئورتاق قاراش)قا كەلگەن. بۇ جەھەتتە سەلەفنىڭ ھېچبىرى باشقىچە قاراشتا بولغان ئەمەس. بۇمۇ بىدئەتنىڭ ياخشىسى يوقلۇقىنى، ھەرقانداق بىدئەتنىڭ ناچار بىدئەت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان ئوچۇق دالالەت ۋە كۈچلۈك دەلىلدۇر [ئەلئىتسام 188 – بەت].
4) بىدئەت مۇناسىۋەتلىك بولغان ئىشنىڭ ئۆزىمۇ شۇ نەتىجىنى (يەنى بىدئەتنى ياخشى – يامان دەپ ئايرىشنىڭ بىدئەت بولۇشىنى) تەقەززا قىلىدۇ. چۈنكى، بىدئەت شەرىئەتنىڭ قارشىسىدا يول تۇتۇش ۋە شەرىئەتنى بىر بۇلۇڭغا تاشلاپ قويۇش دېگەنلىكتۇر. شۇنداق بولغانىكەن، بۇنداق ئىشلارنى ياخشى – يامان، ماختىلىدىغان – ئەيىبلىنىدىغان دەپ ئايرىش ئەقىلگە سىغىدىغان ئىش ئەمەس. چۈنكى، اللە ياخشى كۆرمەيدىغان بىر ئىشنى ياخشى دېيىش ئەقىلگىمۇ، نەقىلگىمۇ توغرا كەلمەيدۇ [ئەلئىتسام 188 – بەت].
5) «ياخشى بىدئەت بار» دېيىش بىدئەتنىڭ ئىشىكىنى ھاڭغىرقاي ئېچىۋېتىش دېگەنلىكتۇر. بۇنداق بىر قاراش ئوتتۇرىغا چىقسا، ھېچبىر بىدئەتنى رەت قىلغىلى بولمايدىغان بوپ قالىدۇ. چۈنكى، بۇ ئەھۋالدا، بىدئەتنىڭ ئىگىلىرى ئۆزلىرى قىلغان ھەرقانداق بىدئەتنى «ياخشى بىدئەت» دەپ تۇرۇۋالىدۇ.
رافىزىلار، مۇئتەزىلە، جەھمىيە، خاۋارىجلار، مۇرجىئىيلار، سوپىلار ۋە باشقىلار ئۆزى پەيدا قىلغان بىدئەتلەرنى «ياخشى بىدئەت» دەپ دەۋا قىلىشىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسىگە ئورتاق بېرىلدىغان جاۋاب رەسۇلۇللاھ ﷺ نىڭ: «كُلَّ بِدْعَةٍ ضَلاَلَةٌ» «ھەرقانداق بىدئەت ئازغۇنلۇقتۇر» دېگەن ھەدىسىدۇر.
6) بىدئەتلەرنىڭ ئىچىدە «ياخشى بىدئەت» بارلىقىنى دەۋا قىلىشتا تايىنىلغان «دەلىل – مەنبە» زادى نېمە؟
ئەگەر، بۇنداق دېگۈچى «ئەقىلگە تاياندىم» دېسە، بۇنىڭغا قارشى شۇنداق دەيمىزكى، كىشىلەرنىڭ ئەقلىنىڭ دەرىجىسى خىلمۇخىلدۇر. بۇلاردىن قايسىسى مەنبە بولالايدۇ؟ كىمنىڭ ئەقلىنى دەلىل قىلىش كېرەك؟ چۈنكى، ھەممە ئادەم ئۆزى قىلغان بىدئەتنىڭ ئۆز ئەقلىچە «ياخشى بىدئەت» ئىكەنلىكىنى ئېيتىشىدۇ.
7) بىدئەتنىڭ ئىچىدە «ياخشى بىدئەت» بارلىقىنى ئېيتقانلارغا شۇنداق دېيىلىدۇ: «ياخشى بىدئەت» نامى ئاستىدا دىنغا بىر تالاي ئىشلارنى قوشۇش دۇرۇس بولىدىغان بولسا، دىندىكى بەزى ئەھكاملارنى چىقىرىۋېتىشنى تەشەببۇس قىلىدىغانلارنىڭ تەشەببۇسىنىمۇ ياخشى تەشەببۇس دەپ قاراشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ ئىككىسى ئارىسىدا ھېچقانداق پەرق يوق. چۈنكى، بىدئەت دىنغا بىر ئىشنى قوشۇش شەكلىدە بولغىنىدەك، بىر ئىشنى چىقىرىۋېتىش شەكلىدىمۇ بولىدۇ. شۇ رەۋشتە دىن قوشۇش بىلەن ئېلىش ئارىسىدا بارا – بارا يوقىلىشقا يۈزلىنىدۇ. ئازغۇنلۇق بولار مۇشۇنچىلىك بولار… [ئەھمەد ئىبنى ھەجەر ئەلبۇتامى، «تحذير المسلمين من البدع والإبتداع في الدين» 75 – بەت].
8) بەزىلەر شۇنداق دېيىشىدۇ: شەرىئەتتە «ياخشى بىدئەت» دەيدىغان نەرسە بار دېيىلسە، بىز شۇ «ياخشى بىدئەت»نى قىلماسلىقنى دىنىمىز ۋە دۇنياۋى مەنپەئەتىمىز ئۈچۈن، ئىختىلاپلارنى تۈگىتىپ بىرلىك ھاسىل قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ پايدىلىق دەپ قارىغان تەقدىردە، بۇ «ياخشى بىدئەت»نى تەرك ئېتىشنى بىدئەت دەپ قارايمىز. ئەگەر بىزنىڭ بۇ قارىشىمىزنىڭ دەلىلى بولسا، بۇنىڭغا قارشى چىقىش جائىز بولمايدۇ؛ ئەگەر دەلىلىمىز بولمىسا، ئۇ ۋاقىتتا مۇشۇ گېپىمىزنىڭ ئۆزى بىر «ياخشى بىدئەت»تۇر ۋە سىلەرمۇ مۇشۇ ئىشنى قىلىۋاتىسىلەر. دېمەك، ھەرقانداق ئەھۋالدا بىدئەت باتىلدۇر. بىزنىڭ بىلدۈرمەكچى بولغىنىمىزمۇ دەل مۇشۇ [ئەھمەد ئىبنى ھەجەر ئەلبۇتامى، «تحذير المسلمين من البدع والإبتداع في الدين» 76 – بەت].
9) «ياخشى بىدئەت» سەپسەتىسى دىننىڭ بۇرمىلىنىشى ۋە بۇزۇلىشىغا سەۋەب بولىدۇ. چۈنكى، «ياخشى بىدئەت»كە يول ئېچىلسا، ئوتتۇرىغا چىققان ھەممەيلەن دىنغا بىر بىدئەتنى قوشىدۇ ۋە ئۇنى «ياخشى بىدئەت» دەپ دەۋا قىلىدۇ – دە، بىدئەتلەر بارغانسېرى جىقلاپ، شەرئىي ئىبادەتلەردىنمۇ كۆپىيىپ كېتىدۇ. نەتىجىدە، دىن ئۆزگىرىدۇ ۋە (ئىبراھىم ﷺ، مۇسا ﷺ، ئىيسا ﷺ قاتارلىق پەيغەمبەرلەر ئەكەلگەن ئىلگىرىكى ساماۋى دىنلار) كېيىنچە بۇزۇلغاندەك بۇزۇلىدۇ. شۇ ۋەجىدىن، دىننىڭ بۇرمىلىنىپ ھالاك بولۇپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، بىدئەتكە سەۋەب بولىدىغان بارلىق يوچۇقلار تامامەن ئېتىۋېتىلىشى كېرەك.
********************************************
ھافىز ئىبنى رەجەب رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەدىس توغرىسىدا مۇنداق دېگەن:
رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ نىڭ «ھەرقانداق بىدئەت ئازغۇنلۇقتۇر» دېگەن سۆزى «جَوَامِعَ الْكَلِمِ»، يەنى ئۆزى ئىنتايىن ئىخچام، مەنىسى تولىمۇ چوڭقۇر سۆزلەردىن بولۇپ، (دىندا پەيدا قىلىنغان) ھېچبىر بىدئەت بۇ سۆزنىڭ سىرتىدا ئەمەس.
بۇ دىننىڭ ئاساسلىرىدىن بولغان بۈيۈك قائىدىلەردىن بىرىدۇر.
مەنبە: «جامع العلوم والحكم» (28/2)»
