دىندىكى ھەرقانداق بىدئەت ئازغۇنلۇقتۇر

ئائىشە ئانىمىز رەزىياللاھۇ ئەنھانىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: «رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «مَنْ أَحْدَثَ فِي أَمْرِنَا هَذَا مَا لَيْسَ فِيهِ فَهُوَ رَدٌّ» «كىمكى بىزنىڭ بۇ ئىشىمىز (ئىسلام)دا بولمىغان بىر ئىشنى پەيدا قىلىدىكەن، ئۇ رەت قىلىنىدۇ» (ئىمام بۇخارى 3015، ئىمام مۇسلىم 1612).

يەنە بىر رىۋايەتتە: «مَنْ أَحْدَثَ فِي أَمْرِنَا هَذَا مَا لَيْسَ مِنْهُ فَهُوَ رَدٌّ» كىمكى بىزنىڭ بۇ ئىشىمىز (ئىسلام)دىن بولمىغان بىر ئىشنى پەيدا قىلىدىكەن، ئۇ رەت قىلىنىدۇ» دېيىلگەن (ئىمام مۇسلىم ئىمام نەۋەۋى 1612).

ئىرباز ئىبنى سارىيە (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) دىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى: پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىزگە بامدات نامىزى ئوقۇپ بەردى، ئاندىن بىز تەرەپكە يۈزلىنىپ، كۆزلەردىن ياش ئاققۇزۇپ، قەلبلەرنى تىترىتىدىغان، ئىنتايىن تەسرلىك تەبلىغ قىلدى. بىر ئادەم: «يا رەسۇلۇللاھ! بۇ ۋىدالاشقۇچىنىڭ سۆزىگە ئوخشاپ كەتتى» دېۋىدى، پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

«أُوصِيكُمْ بِتَقْوَى اللَّهِ وَالسَّمْعِ وَالطَّاعَةِ وَإِنْ كَانَ عبدا حَبَشِيًّا فَإِنَّهُ من يَعش مِنْكُم يرى اخْتِلَافًا كَثِيرًا فَعَلَيْكُمْ بِسُنَّتِي وَسُنَّةِ الْخُلَفَاءِ الرَّاشِدِينَ الْمَهْدِيِّينَ تَمَسَّكُوا بِهَا وَعَضُّوا عَلَيْهَا بِالنَّوَاجِذِ وَإِيَّاكُمْ وَمُحْدَثَاتِ الْأُمُورِ فَإِنَّ كُلَّ مُحْدَثَةٍ بِدْعَةٌ وَكُلَّ بِدْعَةٍ ضَلَالَةٌ»

«سىلەرگە ئاللاھ قا تەقۋادارلىق قىلىشنى، ھەبەشىستانلىق بىر قۇل باش بولسىمۇ، ئۇنىڭغا قۇلاق سېلىشنى ۋە ئىتائەت قىلىشنى تەۋسىيە قىلىمەن! مەندىن كېيىن ياشىغانلار چوقۇم نۇرغۇن ئىختىلاپلارنى كۆرىدۇ. شۇڭا، مېنىڭ سۈننىتىمگە ۋە (توغرا يولغا يېتەكلەنگەن) راشد خەلىپىلەرنىڭ سۈننىتىگە ئەگىشىڭلار! ئۇنى ئېزىق چىشىڭلار بىلەن مەھكەم چىشلەڭلار. (دىندا) يېڭىدىن پەيدا بولغان ئىشلاردىن ھەزەر ئەيلەڭلار، ھەقىقەتەن دىندا پەيدا قىلىنغان بارلىق يېڭىلىق بىدئەتتۇر، ۋە بارلىق بىدئەت ئازغۇنلۇقتۇر» [مىشكاتۇل مەسابىھ 165 – ھەدىس، شەيخ ئەلبانى سەھىھ دېگەن]

 

جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن)نىڭ مۇنداق دېگەنلىكى  رىۋايەت قىلىنىدۇ: «رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىنسانلارغا سۆز قىلاتتى ۋە ئاللاھقا لايىق رەۋشتە ھەمدۇ سانا ئېيتقاندىن كېيىن مۇنداق دەيتتى:

 

«ئاللاھ ھىدايەت قىلغاننى ئازدۇرغۇچى، ئاللاھ ئازدۇرغاننى ھىدايەت قىلغۇچى يوقتۇر. سۆزلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئاللاھ ئەززە ۋەجەللەنىڭ كىتابى، يوللارنىڭ ئەڭ ياخشىسى مۇھەممەد سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يولىدۇر. ئىشلارنىڭ ئەڭ يامىنى (دىندا) يېڭىدىن پەيدا بولغان ئىشلاردۇر. يېڭىدىن پەيدا بولغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى بىدئەتتۇر (ئىمام مۇسلىم 1536. ئىمام مۇسلىم ۋە ئىمام بەيھەقىنىڭ رىۋايىتىدە «ھەر بىدئەت ئازغۇنلۇقتۇر» دېيىلگەن. ئىمام بەيھەقى «ئەسما ۋە سىفات» 137 – نومۇرلۇق باشقا ھەدىستە، ئىمام نەسائى 188-1893 تە سەھىھ ئىسناد بىلەن «ۋە ھەربىر ئازغۇنلۇق دوزاختىدۇر» دېگەن جۈملىنى قوشۇپ رىۋايەت قىلغان).