مەسجىدنىڭ تاملىرىغا «الله» ۋە «‏محمد» دېگەن خەتلەرنى يانمۇيان يېزىۋېلىشنىڭ ھۆكمى؟


ئىككى ھەرەمنىڭ ئۇستازى، ئەللامە شەيخ ئىبن ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھتىن شۇنداق سورالدى: 

نۇرغۇن ۋاقىتلاردا (مەسجىد ۋە باشقا يەردىكى) تاملارغا «‏الله» ۋە «محمد» (مۇھەممەد) دېگەن خەتنىڭ يانمۇيان يېزىلغانلىقىنى كۆرىمىز. شۇنداقلا بەزىدە ۋاراقچە ۋە كىتابلاردىمۇ بۇنى ئۇچرىتىمىز. مۇشۇنداق يېزىۋېلىش توغرىمۇ؟

جاۋاب: بۇ ئىككى ئىسىمنى بۇنداق يانمۇيان يېزىپ قويۇش توغرا ئەمەس. چۈنكى، بۇ رەسۇلۇللاھ ‏صلى الله عليه وسلم نى ئاللاھ بىلەن باراۋەر ئورۇنغا قويغانلىقتۇر. بۇ خەتلەرنىڭ نېمىنى ئىپادىلەيدىغانلىقىنى بىلمەيدىغان بىرەيلەن بۇنى كۆرسە، ئىككىسىنىڭ تەڭ، باراۋەر ئىكەنلىكىنى ئويلىشى شەكسىز. 
بۇ خىل ئەھۋالدا رەسۇلۇللاھ ‏صلى الله عليه وسلم نىڭ ئىسمىنى ئۇ يەردىن ئۆچۈرۈۋېتىش كېرەك بولىدۇ. ئەمما، بۇنداق قىلغاندا ئۇ يەردە ‏«الله» دېگەن خەتلا قالىدۇ – دە، بۇ تەسەۋۋۇپچى سوپىلارنىڭ «ئاللاھ، ئاللاھ، ئاللاھ…» دەپ تەكرارلايدىغان بىدئەت زىكرىگە ئوخشاپ قالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاللاھنىڭ ئىسمىنى يالغۇزلا تاملارغا يېزىپ قويۇشمۇ توغرا ئەمەس. خۇلاسە، تاملارغا، ۋاراقچىلەرگە ۋە باشقا يەرلەرگە «‏الله» ۋە «محمد» دەپ يېزىۋالماسلىق كېرەك. 

«سوئال – جاۋابلاردا ئىسلامنىڭ رۇكۇنلىرى» 164 – بەت. 

* ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتلىك دىنىي ئىلىملەرنى ئىگىلەپ ۋە شۇ بويىچە ئەمەل قىلىپ، دۇنيا – ئاخىرەتتە سائادەتمەنلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، بۇ بەتنى ۋە تور بېتىمىزدىكى باشقا ماقالە – پەتىۋالارنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە تارقىتىپ قويغايسىز.