تەشەھھۇدتىكى بىر سۈننەت

نافىئىينىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رضي الله عنهما نامازدا ئولتۇرغاندا (يەنى تەشەھھۇدتا) ئىككى قولىنى ئىككى تىزىنىڭ ئۈستىدە قويۇپ، كۆزىنى كۆرسەتكۈچ بارمىقىدىن ئۈزمەي تۇرۇپ، شۇ بارمىقى بىلەن ئىشارەت قىلاتتى. ئاندىن «رەسۇلۇللاھ ﷺ <لهي أشد على الشيطان من الحديد يعني السبابة> <(تەشەھھۇدتا) بارماق بىلەن ئىشارەت قىلىش شەيتان ئۈچۈن (زەربە جەھەتتە) تۆمۈردىنمۇ قاتتىقتۇر> دېگەن» دەيتتى.

[ئىمام ئەھمەدنىڭ «مۇسنەد» 4/16 (فەتھۇر رەببانى شەرھى)، «مەجمۇئۇززەۋائىد» (140/2) دە رىۋايەت قىلىنغان. شەيخ ئەلبانى «پەيغەمبەرنىڭ نامىزىنىڭ سۈپىتى» (171) دېگەن كىتابىدا ھەسەن دەپ باھالىغان. ئۇيغۇرچە «جەمىئۇلفەۋائىد» 1546 – ھەدىس].