ئىمام ئىبنى جەۋزى رحمه الله شۇنداق دېگەن: «بالاڭغا بولغان مۇھەببىتىڭنىڭ بىر قىسمىنى يوشۇرغىنىڭ تېخىمۇ ياخشى. بولمىسا كېيىن بېشىڭغا بالا بولىدۇ. مېلىڭنى بۇزۇپ – چاچىدۇ. ئەركىلىكتە چېكىدىن ئاشىدۇ. ئىلىم ۋە ئەدەب ئۆگەنگىلى ئۇنىمايدىغان بولۇۋالىدۇ» [«صيد الخاطر» 117 – بەت].
