ئىخلاس سۈرىسىنىڭ پەزىلىتى ھەققىدە كەلگەن ھەدىسلەر
1010 – ئەبۇ سەئىد خۇدرىي رَضِيَ اللَّهُ عَنْه ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن، رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ {قُلْ هُوَ اللهُ أَحَدٌ} (يەنى ئىخلاس سۈرىسى) ھەققىدە: «جېنىم قولىدا بولغان زات الله بىلەن قەسەمكى، ئۇ سۈرە (پەزىلەت ۋە ئەجىر – ساۋاب جەھەتتە) قۇرئاننىڭ ئۈچتىن بىرىگە تەڭدۇر» دېگەن.
يەنە بىر ھەدىستە مۇنداق دېيىلگەن: رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ ساھابىلەرگە: «سىلەردىن بىرىڭلار بىر كېچىدە قۇرئاننىڭ ئۈچتىن بىرىنى ئوقۇشتىن ئاجىز كېلەمدۇ؟» دېۋىدى. بۇ ئىش ئۇلارغا ئېغىر تۇيۇلۇپ: «ئى الله نىڭ پەيغەمبىرى! قايسىمىز ئۇنداق قىلىشقا تاقەت قىلالايمىز؟» دېيىشتى. رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ ئۇلارغا: «{قُلْ هُوَ اللهُ أَحَدٌ اللهُ الصَّمَدُ} (يەنى سۈرە ئىخلاس، پەزىلەت ۋە ئەجىر – ساۋاب جەھەتتە) قۇرئاننىڭ ئۈچتىن بىرىدۇر» دېدى. [ئىمام بۇخارى رىۋايەت قىلغان]
1011 – ئەبۇ سەئىد خۇدرىي رَضِيَ اللَّهُ عَنْه ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن، بىر كىشى يەنە بىر كىشىنىڭ (كېچىلىك نامىزىدا) ئىخلاس سۈرىسىنى قايتا – قايتا ئوقۇۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ، تاڭ ئاتقاندا رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ نىڭ يېنىغا كېلىپ، بۇ ئىشنى گويا ئاز سانىغاندەك تەرزدە سۆزلەپ بېرىۋىدى، رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ ئۇ كىشىگە: «جېنىم قولىدا بولغان زات الله بىلەن قەسەمكى، ئۇ سۈرە ئەلۋەتتە (پەزىلەت ۋە ئەجىر – ساۋاب جەھەتتە) قۇرئاننىڭ ئۈچتىن بىرىگە تەڭدۇر» دېدى. [ئىمام بۇخارى رىۋايەت قىلغان]
1012 – ئەبۇ ھۇرەيرە رَضِيَ اللَّهُ عَنْه ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن، رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ ئىخلاس سۈرىسى ھەققىدە: «ھەقىقەتەن ئۇ (پەزىلەت ۋە ئەجىر – ساۋاب جەھەتتە) قۇرئاننىڭ ئۈچتىن بىرىگە تەڭدۇر» دېگەن. [ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان]
1013 – ئەنەس رَضِيَ اللَّهُ عَنْه ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن، بىر كىشى رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ گە: «ئى الله نىڭ پەيغەمبىرى! مەن {قُلْ هُوَ اللهُ أحَدٌ} سۈرىسىنى ياخشى كۆرىمەن» دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ ئۇ كىشىگە: «ئۇ سۈرىنى ياخشى كۆرۈشۈڭ سېنى جەننەتكە كىرگۈزىدۇ» دېدى. [ئىمام تىرمىزى رىۋايەت قىلغان، سەھىھ]
ئىمام بۇخارى ئابدۇراھماننىڭ قىزى ئۇرۋەدىن ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر كىشىنى بىر قوشۇنغا باش قىلىپ ئەۋەتكەن بولۇپ، ئۇ كىشى ھەمراھلىرىغا ئوقۇپ بەرگەن ھەر نامازدا سۈرە ئىخلاسنى ئوقۇپ ئاندىن نامازنى تۈگىتىدىكەن. ئۇلار قايتىپ كەلگەندە، بۇ ئىشنى پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە خەۋەر قىلدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇلارغا: «ئۇنىڭدىن سوراپ بېقىڭلار. ئۇ نېمە ئۈچۈن شۇنداق قىلىپتۇ؟» دېدى. ئۇلار ئۇ كىشىدىن (ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن شۇنداق قىلغانلىقىنى) سورىغان ئىدى. ئۇ كىشى: سۈرە ئىخلاس بولسا، ﷲ تائالانى سۈپەتلەپ كەلگەن سۈرىدۇر. شۇڭا مەن ئۇنى ئوقۇشنى ياخشى كۆرىمەن، دېدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئۇنىڭغا دەپ قويۇڭلار. ﷲ تائالا ھەقىقەتەن ئۇنى ياخشى كۆرىدۇ» دېدى.
بۇ ھەدىسنى ئىمام مۇسلىم ۋە نەسەئىمۇ رىۋايەت قىلدى.
ئىمام بۇخارى ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: قۇبا مەسجىتىدە كىشىلەرگە ئىمام بولۇپ بېرىدىغان ئەنسارىلىق بىر ئادەم بارئىدى. ئۇ نامازنىڭ ھەر بىر رەكئىتىدە سۈرە ئىخلاسقا يەنە بىر سۈرە قوشۇپ ئوقۇيتتى. كىشىلەر ئۇنىڭغا: سەن سۈرە ئىخلاسنى ئوقۇيسەن، يەنە تېخى ئۇ يېتەرلىك ئەمەستەك ئۇنىڭغا قوشۇپ يەنە بىر سۈرە ئوقۇيسەن، سەن سۈرە ئىخلاسنىلا ئوقۇ ياكى بۇنى ئوقۇماي باشقا سۈرە ئوقۇ، دېدى. ئۇ كىشى: مەن سۈرە ئىخلاسنى ئوقۇشنى تاشلاپ قويالمايمەن. ئەگەر سىلەر مېنىڭ مۇشۇنداق ئىمام بولۇپ بېرىشىمنى خالىساڭلار، مەن ئىمام بولۇپ بېرىمەن، ئەگەر خالىمىساڭلار، مەن سىلەرگە ئىمام بولۇپ بەرمەيمەن، دېدى. ئۇلار ئۇ كىشىنى ئۆزلىرىنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ياخشى كىشى دەپ قارايتتى. شۇڭا ئۆزلىرىگە ئۇنىڭدىن باشقا بىرسىنىڭ ئىمام بولۇپ بېرىشىنى خالىمايتتى. كېيىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھىجرەت قىلىپ ئۇلارنىڭ قېشىغا كەلگەندە، ئۇلار بۇ ئىشنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە دېدى. پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئى كىشى! سەن نېمىشقا ھەمراھلىرىڭ سەندىن تەلەپ قىلغان ئىشنى قىلمىدىڭ؟ سېنىڭ ھەر بىر رەكئەتتە سۈرە ئىخلاسنى ئوقۇشۇڭنىڭ سەۋەبى نېمە؟» دېدى. ئۇ كىشى: مەن بۇ سۈرىنى (ئوقۇشنى) ياخشى كۆرىمەن، دېدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «سېنىڭ بۇ سۈرىنى (ئوقۇشنى) ياخشى كۆرگەنلىكىڭ سېنى جەننەتكە كىرگۈزىدۇ» دېدى.
ئۇيغۇرچە «ئىبنى كەسىر تەپسىرى»نىڭ سۈرە ئىخلاس تەپسىرىدىن
* ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتلىك دىنىي ئىلىملەرنى ئىگىلەپ ۋە شۇ بويىچە ئەمەل قىلىپ، دۇنيا – ئاخىرەتتە سائادەتمەنلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، بۇ بەتنى ۋە تور بېتىمىزدىكى باشقا ماقالە – پەتىۋالارنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە تارقىتىپ قويغايسىز.
