پەرز نامازلاردىن كېيىن ئوقۇلىدىغان زىكىرلەر

1. سەۋبان رضي الله عنه دىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، 

رەسۇلۇللاھ ﷺ سالام بېرىپ نامازدىن چىققاندىن كېيىن، ئۈچ قېتىم «أَسْتَغْفِرُ اللَّه» (الله تىن مەغفىرەت تىلەيمەن) دېگەندىن كېيىن شۇنداق دەيتتى:

«اللَّهمَّ أَنْتَ السَّلاَمُ، وَمِنْكَ السَّلاَمُ، تَبَارَكْتَ يَا ذَا الْجَلاَلِ وَالْإِكْرَامِ»

«ئى الله! سەن سالامدۇرسەن، سالامەتچىلىك سەندىندۇر. ئى ئۇلۇغلۇق ۋە كەرەم ئىگىسى بولغان الله! سېنىڭ بەرىكىتىڭ بۈيۈكتۇر»[1].

  1. مۇغىيرە ئىبنى شۇئبە رضي الله عنه دىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ﷺ نامىزىنى تاماملىغاندا، شۇنداق دەيتتى:

«لاَ إِلَهَ إِلاَّ اللَّه وَحْدَهُ لاَ شَرِيكَ لَهُ، لَهُ الْمُلْكُ وَلَهُ الْحَمْدُ وَهُوَ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ، اللَّهمَّ لاَ مَانِعَ لِمَا أَعْطَيْتَ، وَلاَ مُعْطِيَ لِمَا مَنَعْتَ، وَلاَ يَنْفَعُ ذَا الْجَدِّ مِنْكَ الجَدُّ»

«الله تىن باشقا (ئىبادەتكە لايىق) ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئۇ يەككە – يېگانىدۇر، ئۇنىڭ شېرىكى يوقتۇر. سەلتەنەت ۋە ھەمدۇ – سانالار ئۇنىڭغا خاستۇر. ئۇ ھەر نەرسىگە قادىردۇر. ئى الله، سەن بەرگەن نەرسىنى چەكلىگۈچى، سەن چەكلىگەننى بەرگۈچى يوقتۇر، سېنىڭ دەرگاھىڭدا بايلارنىڭ بايلىقى ئەسقاتمايدۇ»[2].

  1. ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەير رضي الله عنهما دىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ﷺ ھەر نامازنىڭ ئاخىرىدا، سالامدىن كېيىن ۋە ئورنىدىن تۇرۇشتىن ئىلگىرى، ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ شۇنداق دەيتتى:

«لَا إلَهَ إلَّا اللَّه وَحْدَهُ لَا شَرِيكَ لَهُ، لَهُ الْمُلْكُ وَلَهُ الْحَمْدُ وَهُوَ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ، وَلَا حَوْلَ وَلَا قُوَّةَ إلَّا بِاللَّه، ‌وَلَا ‌نَعْبُدُ ‌إلَّا ‌إيَّاهُ، ‌لَهُ ‌النِّعْمَةُ ‌وَلَهُ ‌الْفَضْلُ، ‌وَلَهُ ‌الثَّنَاءُ ‌الْحَسَنُ، ‌لَا ‌إلَهَ ‌إلَّا ‌اللَّه ‌مُخْلِصِينَ ‌لَهُ ‌الدَّيْنَ ‌وَلَوْ ‌كَرِهَ ‌الْكَافِرُونَ»

«الله تىن باشقا (ئىبادەتكە لايىق) ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئۇ يەككە – يېگانىدۇر، ئۇنىڭ شېرىكى يوقتۇر، پادىشاھلىق ۋە جىمى ھەمدۇ – سانالار ئۇنىڭغا خاستۇر، ئۇ ھەر نەرسىگە قادىردۇر. الله نىڭ ياردىمىسىز كۈچ – قۇدرەت يوقتۇر. بىز پەقەت الله قىلا ئىبادەت قىلىمىز. نېمەت، پەزل ۋە ئەڭ گۈزەل ھەمدۇ – سانالار الله خاستۇر. الله تىن باشقا (ئىبادەتكە لايىق) ھېچ ئىلاھ يوقتۇر. كاپىرلار ئۆچ كۆرگەن تەقدىردىمۇ، بىز دىننى الله قىلا خاس قىلىشتا سەمىمىيدۇرمىز»[3].

  1. ئەبۇ ھۇرەيرە رضي الله عنه دىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ﷺ ساھابىلەرگە تۆۋەندىكىلەرنىڭ ھەر بىرىنى 33 قېتىمدىن دېيىشنى تەۋسىيە قىلغان:

«سُبْحَانَ اللَّه»

«الله (بارچە ئەيىب – نۇقسانلاردىن) پاكتۇر»

«الْحَمْدُ لِلَّهِ»

«جىمى ھەمدۇ – سانا الله قا خاستۇر»

«اللَّه أَكْبَرُ»

«الله ئەڭ بۈيۈكتۇر»[4].

  1. ئەبۇ ھۇرەيرە رضي الله عنه دىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ﷺ شۇنداق دېگەن:

«‌مَنْ ‌سَبَّحَ ‌اللهَ ‌فِي ‌دُبُرِ ‌كُلِّ ‌صَلَاةٍ ‌ثَلَاثًا ‌وَثَلَاثِينَ، وَحَمِدَ اللهَ ثَلَاثًا وَثَلَاثِينَ، وَكَبَّرَ اللهَ ثَلَاثًا وَثَلَاثِينَ، ‌وَقَالَ ‌تَمَامَ ‌الْمِائَةِ: لَا إِلَهَ إِلَّا اللهُ وَحْدَهُ لَا شَرِيكَ لَهُ لَهُ الْمُلْكُ وَلَهُ الْحَمْدُ وَهُوَ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ، غُفِرَتْ خَطَايَاهُ وَإِنْ كَانَتْ مِثْلَ زَبَدِ الْبَحْرِ»

«كىم ھەر نامازدىن كېيىن، الله قا 33 قېتىم تەسبىھ ئېيتسا، 33 قېتىم ھەمدۇ ئېيتسا ۋە (اللَّه أَكْبَرُ دېيىش ئارقىلىق) الله نى 33 قېتىم ئۇلۇغلىسا ۋە يۈزىنچى قېتىمدا <لَا إِلَهَ إِلَّا اللهُ وَحْدَهُ لَا شَرِيكَ لَهُ لَهُ الْمُلْكُ وَلَهُ الْحَمْدُ وَهُوَ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ> <الله تىن باشقا (ئىبادەتكە لايىق) ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئۇ يەككە – يېگانىدۇر، ئۇنىڭ شېرىكى يوقتۇر، سەلتەنەت ۋە بارلىق ھەمدۇ – سانا ئۇنىڭغا خاستۇر، ئۇ ھەر نەرسىگە قادىردۇر> دېسە، خاتالىقلىرى دېڭىزنىڭ كۆپۈكىدەك (كۆپ) بولسىمۇ مەغفىرەت قىلىنىدۇ»[5].

  1. كەئىب ئىبنى ئۇجرە رضي الله عنه دىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ﷺ شۇنداق دېگەن:

«مُعَقِّباتٌ ‌لَا ‌يَخِيبُ ‌قَائِلُهُنَّ – أَوْ فَاعِلُهُنَّ – دُبُرَ كُلِّ صَلَاةٍ مَكْتُوبَةٍ: ثَلاثٌ وَثَلاثونَ تَسْبِيحَةً، وَثَلاثٌ وثَلَاثونَ تَحْمِيدَةً، وَأرْبَعٌ وَثَلَاثونَ تَكْبِيرَةً»

«ھەر پەرز نامازنىڭ كەينىدىن ئوقۇلىدىغان تەسبىھلەر بار بولۇپ، ئۇلارنى ئېيتقۇچى نائۈمىد بولمايدۇ. (ئۇلار) 33 قېتىم تەسبىھ ئېيتىش، 33 قېتىم ھەمدۇ ئېيتىش ۋە 34 قېتىم تەكبىر ئېيتىشتۇر»[6].

  1. ئىبنى ئۆمەر رضي الله عنهما دىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى:

بىر كىشى چۈش كۆرگەن ۋە چۈشىدە يەنە بىرەيلەن ئۇنىڭدىن: «پەيغەمبىرىڭلار سىلەرنى نېمىگە بۇيرۇيدۇ؟» دەپ سورىغان، ئۇ كىشى «ئۇ بىزنى (پەرز نامازلاردىن كېيىن) 33 قېتىم تەسبىھ ئېيتىشقا، 33 قېتىم ھەمدۇ ئېيتىشقا، 34 قېتىم تەكبىر ئېيتىشقا بۇيرۇيدۇ، بۇ (يەنى جەمئىي سانى) 100 بولىدۇ» دېگەن. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ (يەنى چۈشتە سوئال سورىغان كىشى) «25 قېتىم تەسبىھ ئېيتىڭلار، 25 قېتىم ھەمدۇ ئېيتىڭلار، 25 قېتىم تەكبىر ئېيتىڭلار، 25 قېتىم <لَا إِلَهَ إِلَّا اللهُ> <الله تىن باشقا (ئىبادەتكە لايىق) ھېچ ئىلاھ يوقتۇر> دەڭلار، بۇ (يەنى جەمئىي سانى) 100 بولىدۇ» دېگەن.

ئەتىسى ئەتىگەندە، ئۇ (يەنى چۈش كۆرگەن) كىشى بۇنى رەسۇلۇللاھ ﷺ غا ئېيتقان، رەسۇلۇللاھ ﷺ <افْعَلُوا كَمَا قَالَ الأَنْصَارِيُّ> <ئەنسارىنىڭ دېگىنىدەك قىلىڭلار> دېگەن.

شەيخ ئەلبانى رحمه الله شۇنداق دېگەن: «بۇ ھەدىستىن مەقسەت «‌سُبْحَانَ ‌اللَّه، ‌وَالْحَمْدُ ‌للَّهِ، ‌وَلا ‌إِلَهَ ‌إِلا ‌اللَّه، ‌وَاللَّه ‌أَكْبَرُ»نى 25 قېتىم دېيىشتۇر. بۇنى مەزكۇر زىكىرلەرنىڭ قايسىبىرى بىلەن باشلىسا بولۇۋېرىدۇ، الله ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر»[7].

  1. ئابدۇراھمان ئىبنى غەنىم رضي الله عنه دىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ﷺ شۇنداق دېگەن:

«‌مَنْ ‌قَالَ ‌قَبْلَ ‌أَنْ ‌يَنْصَرِفَ ‌وَيَثْنِيَ ‌رِجْلَيْهِ مِنْ صَلَاةِ الْمَغْرِبِ وَالصُّبْحِ: لَا إِلَهَ إِلَّا اللَّه وَحْدَهُ لَا شَرِيكَ لَهُ لَهُ الْمُلْكُ وَلَهُ الْحَمْدُ، يُحْيِي وَيُمِيتُ وَهُوَ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ عَشْرَ مَرَّاتٍ، كتب ‌الله ‌له ‌بكل ‌واحدةٍ ‌عشرَ ‌حسناتٍ، ‌ومحا ‌عنه ‌عشرَ ‌سيئات، ‌ورَفَعَ ‌له ‌عشرَ ‌درجاتٍ، ‌وكانت ‌حِرزاً ‌من ‌كل ‌مكروه، ‌وحِرزاً ‌من ‌الشيطان ‌الرجيم، ‌ولم ‌يَحِلَّ ‌لذنبٍ ‌أنْ ‌يُدركه ‌إلا ‌الشركُ، ‌وكان ‌من ‌أفضل ‌الناس ‌عَمَلاً، ‌إلا ‌رجلاً ‌يَفضلُهُ، ‌يقول ‌أَفضلَ ‌مما ‌قال»

«كىم مەغرىب ۋە فەجىر نامازلىرىدىن كېيىن، جايىدىن قوزغالماي ۋە پۇتلىرىنى قاتلاپ ئولتۇرغان پېتى، ئون قېتىم:

<لَا إِلَهَ إِلَّا اللَّه وَحْدَهُ، لَا شَرِيكَ لَهُ، لَهُ الْمُلْكُ وَلَهُ الْحَمْدُ، يُحْيِي وَيُمِيتُ، وَهُوَ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ>

<الله تىن باشقا (ئىبادەتكە لايىق) ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئۇ يەككە – يېگانىدۇر، ئۇنىڭ شېرىكى يوقتۇر، سەلتەنەت ۋە بارلىق ھەمدۇ – سانا ئۇنىڭغا خاستۇر، الله تىرىلدۈرىدۇ ۋە ئۆلتۈرىدۇ، ئۇ ھەر نەرسىگە قادىردۇر>

دېسە، الله بۇنىڭ ھەر بىرى ئۈچۈن ئۇ كىشىگە ئون ياخشىلىق يازىدۇ، ئۇنىڭ ئون خاتالىقىنى ئۆچۈرىدۇ، ئۇنى ئون دەرىجىدە كۆتۈرىدۇ. ئۇ ئۆزى ئۆچ كۆرىدىغان ئىشلاردىن ۋە قوغلاندى شەيتاندىن قوغدىلىدۇ، شېرىكتىن باشقا گۇناھ ئۇنىڭغا زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. شۇنداقلا، ئۇ ئەمەل جەھەتتە كىشىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى بولىدۇ، پەقەت ئۇنىڭ دېگىنىدىنمۇ ئەۋزەلرەكنى دېگەن كىشى ئۇنىڭدىن ئېشىپ كېتەلەيدۇ»[8].

  1. ئەبۇ ئۇمامە رضي الله عنه دىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ﷺ شۇنداق دېگەن:

«‌مَنْ ‌قَالَ ‌فِي ‌دُبُرِ ‌صَلَاةِ ‌الْغَدَاةِ: ‌لَا ‌إلَهَ ‌إلَّا ‌اللَّه ‌وَحْدَهُ ‌لَا ‌شَرِيكَ ‌لَهُ، ‌لَهُ ‌الْمُلْكُ ‌وَلَهُ ‌الْحَمْدُ ‌يُحْيِي ‌وَيُمِيتُ ‌بِيَدِهِ ‌الْخَيْرِ ‌وَهُوَ ‌عَلَى ‌كُلِّ ‌شَيْءٍ ‌قَدِيرٌ مئة مرة، وهو ثان رجليه، كان يومئذ أفضل أهل الأرض عملا إلا من قال مثل ما قال أو زاد على ما قال»

كىم فەجىر نامىزىدىن كېيىن پۇتلىرىنى قاتلاپ ئولتۇرغان پېتى، يۈز قېتىم:

<‌لَا ‌إلَهَ ‌إلَّا ‌اللَّه ‌وَحْدَهُ ‌لَا ‌شَرِيكَ ‌لَهُ، ‌لَهُ ‌الْمُلْكُ ‌وَلَهُ ‌الْحَمْدُ ‌يُحْيِي ‌وَيُمِيتُ ‌بِيَدِهِ ‌الْخَيْرِ ‌وَهُوَ ‌عَلَى ‌كُلِّ ‌شَيْءٍ ‌قَدِيرٌ>

<الله تىن باشقا (ئىبادەتكە لايىق) ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئۇ يەككە – يېگانىدۇر، ئۇنىڭ شېرىكى يوقتۇر، سەلتەنەت ۋە بارلىق ھەمدۇ – سانا ئۇنىڭغا خاستۇر، الله تىرىلدۈرىدۇ ۋە ئۆلتۈرىدۇ، بارلىق ياخشىلىق ئۇنىڭ قولىدىدۇر. ئۇ ھەر نەرسىگە قادىردۇر>

دېسە، شۇ كۈنى ئەمەل جەھەتتە زېمىن ئەھلىنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى بولىدۇ. پەقەت ئۇنىڭ دېگىنىنى ياكى شۇنىڭدىن ئارتۇقىنى دېگۈچى بۇنىڭدىن مۇستەسنا»[9].

  1. ئەنسارلاردىن بولغان بىر كىشى شۇنداق دېگەن: مەن رەسۇلۇللاھ ﷺ نىڭ نامازدىن كېيىن يۈز قېتىم مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم:

«‌اللَّهمَّ ‌اغْفِرْ ‌لِي ‌وَتُبْ ‌عَلَيَّ، ‌إِنَّكَ ‌أَنْتَ ‌التَّوَّابُ ‌الْغَفُورُ»

«ئى الله! مېنى مەغفىرەت قىلغىن، تەۋبەمنى قوبۇل قىلغىن، ھەقىقەتەن سەن تەۋبىلەرنى بەكمۇ قوبۇل قىلغۇچى، ئەڭ مەغفىرەت قىلغۇچىسەن»[10].

  1. ئۇممۇ سەلەمە رضي الله عنه دىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ﷺ فەجىر نامىزىدىن كېيىن شۇنداق دەيتتى:

«‌اللهُمَّ ‌إِنِّي ‌أَسْأَلُكَ ‌عِلْمًا ‌نَافِعًا، ‌وَعَمَلًا ‌مُتَقَبَّلًا، ‌وَرِزْقًا ‌طَيِّبًا»

«ئى الله! ھەقىقەتەن مەن سەندىن مەنپەئەتلىك ئىلىم، پاك رىزق، قوبۇل قىلىنىدىغان ئەمەل سورايمەن»[11].

  1. ئەبۇ ھۇرەيرە رضي الله عنه دىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ﷺ شۇنداق دېگەن:

«‌مَنْ ‌سَبَّحَ ‌فِي ‌دُبُرِ ‌صَلَاةِ ‌الْغَدَاةِ ‌مِائَةَ ‌تَسْبِيحَةٍ، ‌وَهَلَّلَ ‌مِائَةَ ‌تَهْلِيلَةٍ، ‌غُفِرَتْ ‌لَهُ ‌ذُنُوبُهُ، ‌وَلَوْ ‌كَانَتْ ‌مِثْلَ ‌زَبَدِ ‌الْبَحْرِ»

«كىم فەجىر نامىزىدىن كېيىن يۈز قېتىم تەسبىھ ئېيتسا ۋە يۈز قېتىم <لَا إِلَهَ إِلَّا اللهُ> <الله تىن باشقا (ئىبادەتكە لايىق) ھېچ ئىلاھ يوقتۇر> دېسە، گۇناھلىرى دېڭىزنىڭ كۆپۈكىدەك (كۆپ) بولسىمۇ مەغفىرەت قىلىنىدۇ»[12].

  1. ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمىر رضي الله عنهما دىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ﷺ:

«خَصْلَتَانِ ‌أَوْ ‌خَلَّتَانِ ‌لَا ‌يُحَافِظُ ‌عَلَيْهِمَا ‌عَبْدٌ ‌مُسْلِمٌ إِلَّا دَخَلَ الْجَنَّةَ، وَهُمَا يَسِيرٌ، وَمَنْ يَعْمَلُ بِهِمَا قَلِيلٌ، يُسَبِّحُ اللهَ فِي دُبُرِ كُلِّ صَلَاةٍ عَشْرًا، و يحمَدُهُ عشرًا، و يُكَبِّرُهُ عشرًا، وذلِكَ خمسونَ ومائَةٌ باللسانِ، وألفٌ وخمسُمِائَةٍ في الميزانِ . و يكبرُ أربعًا وثلاثينَ إذا أخذَ مضْجِعَهُ، ويحمدُ ثلاثًا وثلاثينَ، ويسبحُ ثلاثًا وثلاثينَ، فذلِكَ مائَةٌ باللسانِ، وألفٌ في الميزانِ، ‌فَأَيُّكُمْ ‌يَعْمَلُ ‌فِي ‌الْيَوْمِ ‌وَاللَّيْلَةِ ‌أَلْفَيْنِ ‌وَخَمْسَمِائَةِ ‌سَيِّئَةٍ؟»

«ئىككى خىسلەت باركى، ئۇنى قىلىشنى داۋاملاشتۇرغان مۇسۇلمان بەندە جەننەتكە كىرمەي قالمايدۇ. بۇ ئىككىسىنى قىلىش ئاسان بولسىمۇ، قىلىدىغانلار ئازدۇر. (بۇلار) ھەر نامازنىڭ ئارقىدىن الله قا ئون قېتىم تەسبىھ ئېيتىش، ئۇنىڭغا ئون قېتىم ھەمدۇ ئېيتىش ۋە ئۇنى ئون قېتىم ئۇلۇغلاش («اللَّه أَكبَرُ» «اللَّه ئەڭ بۈيۈكتۇر» دېيىش). بۇ تىلدا (بەش ۋاق نامازدا، جەمئىي) 150، مىزاندا 1500 (ياخشىلىق) بولىدۇ. (ئىككىنچى خىسلەت شۇكى)، ئۇخلايدىغان چېغىڭدا، 34 قېتىم تەكبىر («اللَّه أَكبَرُ» «اللَّه ئەڭ بۈيۈكتۇر»)، 33 قېتىم ھەمدۇ، 33 قېتىم تەسبىھ ئېيتىسەن. بۇ تىلدا 100، مىزاندا 1000 بولىدۇ. سىلەردىن كىم بىر كېچە – كۈندۈزدە 2500 يامان ئەمەل قىلىدۇ؟»

دېۋىدى، ساھابىلەر: «ئۇنداقتا، بىز قانداقمۇ بۇنى قىلىشقا سەل قارىيالايمىز؟» دەپ سوراشتى.

رەسۇلۇللاھ ﷺ جاۋابەن شۇنداق دېدى:

«‌يَأْتِي ‌أَحَدَكُمُ ‌الشَّيْطَانُ ‌وَهُوَ ‌فِي ‌صَلَاتِهِ، ‌فَيَقُولُ: ‌اذْكُرْ ‌كَذَا ‌اذْكُرْ ‌كَذَا ‌حَتَّى ‌يَنْفَتِلَ، ‌فَلَعَلَّهُ ‌أَنْ ‌لَا ‌يَفْعَلَ، ‌وَيَأْتِيهِ ‌وَهُوَ ‌فِي ‌مَضْجَعِهِ ‌فَلَا ‌يَزَالُ ‌يُنَوِّمُهُ ‌حَتَّى ‌يَنَامَ»

«سىلەردىن بىرىڭلار ناماز ئوقۇۋاتقاندا، شەيتان ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ، <شۇنى ئەسلە، بۇنى ئەسلە> دەيدۇ – دە، كىشى نامىزىنى تۈگەتكەندە بۇنى (ئۇنتۇپ قالغانلىقتىن) قىلماسلىقى مۇمكىن؛ ياكى كىشى ياتقاندا شەيتان ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنى ئۇخلىتىشقا ئۇرۇنىدۇ – دە، ئۇ (بۇ زىكىرلەرنى دېمەستىنلا) ئۇخلاپ قالىدۇ»[13].

  1. ئۇقبە ئىبنى ئامىر رضي الله عنه شۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ ﷺ مېنى ھەر نامازدىن كېيىن مۇئەۋۋىزات (يەنى، ئىخلاس، فەلەق ۋە ناس) سۈرىلىرىنى[14] ئوقۇشقا بۇيرۇغان[15].
  1. ئەبۇ ئۇمامە ئەلباھىلى رضي الله عنه دىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ﷺ شۇنداق دېگەن:

«مَن قرأَ آيةَ الكُرسيِّ ‌فِي ‌دُبُرِ ‌كُلِّ ‌صَلاةٍ، ‌لَمْ ‌يَحُلْ ‌بَيْنَهُ ‌وَبَيْنَ ‌دُخُولِ ‌الْجَنَّةِ ‌إِلَّا ‌الْمَوْتُ»

«كىم ھەر نامازدىن كېيىن ئايەتۇل كۇرسىنى ئوقۇسا، ئۇنىڭ بىلەن جەننەتكە كىرىش ئارىسىدا پەقەت ئۆلۈملا قالىدۇ»[16].

شەيخ ئەلبانى رحمه الله شۇنداق دېگەن: «رەسۇلۇللاھ ﷺ نىڭ نامازدىن كېيىن قول كۆتۈرۈپ دۇئا قىلغانلىقىغا دائىر سەھىھ دەلىل يوق. شۇنداقلا، (نامازدىن كېيىن) ئىمام دۇئا قىلىپ، جامائەت <ئامىن> دېيىش ئاساسسىز بىدئەتتۇر»[17].

[1] تخريج الكلم الطيب 88.

[2] تخريج الكلم الطيب 89.

[3] سلسلة الأحاديث الصحيحة 3160؛

[4] تخريج الكلم الطيب 91.

[5] سلسلة الأحاديث الصحيحة 100، 101.

[6] سلسلة الأحاديث الصحيحة 102.

[7] تمام المنة في التعليق على فقه السنة 228؛ سنن النسائي 1350.

[8] صحيح الترغيب والترهيب 477.

[9] سلسلة الأحاديث الصحيحة 2664.

[10] سلسلة الأحاديث الصحيحة 2603.

[11] هداية الرواة 2432.

[12] سنن النسائي 1353.

[13] تخريج الكلم الطيب 93.

[14] بۇ ھەقتە، «‌الْمُعَوِّذَتَيْن» – مۇئەۋۋىزەتەين سۈرىلىرىنىڭ «فەلەق ۋە ناس سۈرىلىرى»نى كۆرسىتىدىغانلىقى مەشھۇر بولسىمۇ، مەزكۇر ھەدىستىكىدەك: «‌المعوذات» – مۇئەۋۋىزات شەكلىدە كەلگەندە، بۇنىڭ «ئىخلاس، فەلەق ۋە ناس سۈرىلىرى»نى كۆرسىتىدىغانلىقى «سەئۇدىي ئىلمىي تەتقىقات ۋە دائىمىي پەتىۋا كومىتېتى پەتىۋالار توپلىمى»نىڭ 1 – جىلىد 304 – بېتىدە قەيت قىلىنغان، ت.

[15] سۇنەن نەسائى 1336.

[16] سلسلة الأحاديث الصحيحة 972.

[17] سلسلة الأحاديث الضعيفة 60/6.