رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم شۇنداق دېگەن:
«بەندە <لَا إِلَهَ إِلَّا اللَّهُ، وَاللَّهُ أَكْبَرُ> <ئاللاھتىن باشقا (ئىبادەتكە لايىق) ئىلاھ يوقتۇر، ئاللاھ ئەڭ بۈيۈكتۇر> دېسە، ئاللاھ عَزَّ وَجَلَّ <صَدَقَ عَبْدِي لا إِلَهَ إِلا أَنَا وَأَنَا أَكْبَرُ> <بەندەم راست ئېيتتى، مەندىن باشقا (ئىبادەتكە لايىق) ئىلاھ يوقتۇر، مەن ئەڭ بۈيۈكتۇرمەن> دەيدۇ.
بەندە <لَا إِلَهَ إِلَّا اللَّهُ وَحْدَهُ> <ئاللاھتىن باشقا (ئىبادەتكە لايىق) ئىلاھ يوقتۇر، ئۇ يەككە – يېگانىدۇر> دېسە، ئاللاھ <صَدَقَ عَبْدِي، لَا إِلَهَ إِلَّا أَنَا وَحْدِي> <بەندەم راست ئېيتتى، مەندىن باشقا (ئىبادەتكە لايىق) ئىلاھ يوقتۇر، مەن يەككە – يېگانىدۇرمەن> دەيدۇ.
بەندە <لَا إِلَهَ إِلَّا اللَّهُ لَا شَرِيكَ لَهُ> <ئاللاھتىن باشقا (ئىبادەتكە لايىق) ئىلاھ يوقتۇر، ئۇنىڭ شېرىكى يوقتۇر> دېسە، ئاللاھ <صَدَقَ عَبْدِي، لَا إِلَهَ إِلَّا أَنَا وَلَا شَرِيكَ لِي> <بەندەم راست ئېيتتى، مەندىن باشقا (ئىبادەتكە لايىق) ئىلاھ يوقتۇر، مېنىڭ شېرىكىم يوقتۇر> دەيدۇ.
بەندە <لَا إِلَهَ إِلَّا الله لَهُ الْمُلْكُ وَلَهُ الْحَمْدُ> <ئاللاھتىن باشقا (ئىبادەتكە لايىق) ئىلاھ يوقتۇر، سەلتەنەت ئۇنىڭغا خاستۇر، ھەمدۇ – سانامۇ ئۇنىڭغا خاستۇر> دېسە، ئاللاھ <صَدَقَ عَبْدِي، لَا إِلَهَ إِلَّا أَنَا، لِيَ الْمُلْكُ، وَلِيَ الْحَمْدُ> <بەندەم راست ئېيتتى، مەندىن باشقا (ئىبادەتكە لايىق) ئىلاھ يوقتۇر، سەلتەنەت ماڭا خاستۇر، ھەمدۇ – سانامۇ ماڭا خاستۇر> دەيدۇ.
بەندە <لَا إله إلَاّ اللَّهُ وَلَا حَولَ وَلَا قُوَّةَ إلَاّ باللَّهِ> <ئاللاھتىن باشقا (ئىبادەتكە لايىق) ئىلاھ يوقتۇر، ئاللاھ نىڭ ياردىمىسىز ھېچبىر كۈچ – قۇۋۋەت يوقتۇر> دېسە، ئاللاھ <صَدَقَ عَبْدِي، لَا إِلَهَ إِلَّا أَنَا، وَلَا حَوْلَ وَلَا قُوَّةَ إِلَّا بِي> <بەندەم راست ئېيتتى، مەندىن باشقا (ئىبادەتكە لايىق) ئىلاھ يوقتۇر، مېنىڭ ياردىمىمسىز ھېچبىر كۈچ – قۇۋۋەت يوقتۇر> دەيدۇ.
كىم ئۆلۈم ئالدىدا مۇشۇ سۆزلەر بىلەن رىزىقلاندۇرۇلسا[1]، دوزاخ ئوتى ئۇنىڭغا تەگمەيدۇ»[2].
[1] يەنى مۇشۇ سۆزلەرنى دېيىش نېسىپ بولسا
[2] سلسلة الأحاديث الصحيحة 1390.
