رەسۇلۇللاھ ﷺ نىڭ ئەڭ كۆپ قىلىدىغان دۇئاسى

ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ شۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ ﷺ نىڭ ئەڭ كۆپ قىلىدىغان دۇئاسى «اللَّهُمَّ رَبَّنَا آتِنَا فِي الدُّنْيَا حَسَنَةً، وَفِي الآخِرَةِ حَسَنَةً، وَقِنَا عَذَابَ النَّارِ» «ئى ‏الله! رەببىمىز! بىزگە دۇنيادا ياخشىلىق ئاتا قىلسىلا، ئاخىرەتتىمۇ ياخشىلىق ئاتا قىلسىلا، بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىسىلا» ئىدى.
سەھىھۇل بۇخارى 6389 – ھەدىس
عَنْ أَنَسٍ، قَالَ كَانَ أَكْثَرُ دُعَاءِ النَّبِيِّ صلى الله عليه وسلم ‏ “‏ اللَّهُمَّ رَبَّنَا آتِنَا فِي الدُّنْيَا حَسَنَةً، وَفِي الآخِرَةِ حَسَنَةً، وَقِنَا عَذَابَ النَّارِ ‏”‏‏

* ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتلىك دىنىي ئىلىملەرنى ئىگىلەپ ۋە شۇ بويىچە ئەمەل قىلىپ، دۇنيا – ئاخىرەتتە سائادەتمەنلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، بۇ بەتنى ۋە تور بېتىمىزدىكى باشقا ماقالە – پەتىۋالارنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە تارقىتىپ قويغايسىز.