الله تعالى شۇنداق دېگەن:
{وَأَن لَّيْسَ لِلْإِنسَانِ إِلَّا مَا سَعَىٰ}
«ئىنسان پەقەت ئۆزىنىڭ ئىشلىگەن ئىشىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىدۇ» [سۈرە نەجىم 39 – ئايەت].
ئىمام ئىبنى كەسىر رەھىمەھۇللاھ بۇ ئايەتنى شۇنداق تەپسىرلىگەن:
«ئىمام شافىئىي مۇشۇ ئايەتكە ئاساسەن <ئۆلۈك ئۈچۈن ئوقۇلغان قۇرئان ئۇنىڭغا پايدا بەرمەيدۇ> دەپ ھۆكۈم چىقارغان. چۈنكى، بۇ (يەنى ئۆلۈك ئۈچۈن قۇرئان ئوقۇش) ئۇنىڭ ئۆز ئەمەللىرىدىن ئەمەس. شۇ سەۋەبتىن، رەسۇلۇللاھ ﷺ بۇنداق قىلىشنى (يەنى ئۆلۈك ئۈچۈن قۇرئان ئوقۇشنى) ئۈممىتىگە تەۋسىيە قىلمىغان، ئۇلارنى بۇنىڭغا ئۈندىمىگەن، ياكى شۇنداق قىلىش كېرەكلىكىگە ئىشارەتمۇ قىلمىغان. ياكى ھېچقانداق بىر ساھابىنىڭ بۇنداق قىلغانلىقى (ئۆلۈك ئۈچۈن قۇرئان ئوقۇغانلىقى) رىۋايەت قىلىنمىغان. ئەگەر بۇ ياخشى ئىش بولغان بولسا ئىدى، ساھابىلەر چوقۇم بۇ ئىشنى ئەڭ باشتا قىلغان بولاتتى. ئىبادەت قىياس ۋە رەيگە ئاساسەن ئەمەس، چوقۇم دەلىل بىلەن قىلىنىشى كېرەك» [«تفسير القرآن العظيم»]
