رەسۇلۇللاھ ﷺ ناخشا – مۇزىكا توغرىسىدا نېمە دېگەن؟

دەۋرىمىزدە ناخشا – مۇزىكىنىڭ كىشىلەر ئارىسىغا كەڭ يېيىلغانلىقى، بولۇپمۇ نۇرغۇن كىشىلەر ئىشلىتىشكە ئادەتلەنگەن فېيسبوك، ۋاتسئەپ  ۋە باشقا ئومۇملاشقان تاراتقۇلاردىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم ۋىدىيولاردا، مەزمۇنى ساغلام دېيىلگەن پروگراممىلارنىڭ مۇقەددىمە – خاتىمىلىرىدە ئۇچراپ تۇرىدىغانلىقى، ھەتتا خېلى كۆپ ساندىكى مۇسۇلمان  قېرىنداشلىرىمىزنىڭمۇ ناخشا – مۇزىكا ئاڭلاشقا ئادەتلىنىپ قالغانلىقى بەس – مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان رېئاللىقتۇر. ئۇنداقتا، بۇ ئىشنىڭ ئىسلامدىكى ھۆكمى نېمە؟

تۆۋەندىكىلىرى ناخشا – مۇزىكىنىڭ ئىسلامدىكى ھۆكمى توغرىسىدىكى بىر قانچە ھەدىس:

1. ئەبۇ ئامىر ئەشئەرىي ۋە ئەبۇ مالىك ئەشئەرىي رضي الله عنهما  ئىككەيلەن رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: چوقۇمكى، ئۈممىتىمدىن زىنا- پاھىشە، يىپەك، ھاراق ۋە مۇزىكا ئەسۋابلىرىنى ھالال سانايدىغان بىر بۆلۈك ئادەملەر چىقىدۇ. ئۇلارنىڭ بىر قىسمى قىيامەتكىچە مايمۇن، چوشقىغا ئايلاندۇرۇۋېتىلىدۇ.- سەھىھ ئىبنى ھىببان 6719- ھەدىس؛ ئەبۇداۋۇد 4039- ھەدىس؛ سەھىھۇلبۇخارىي 5590- سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى 91 – ھەدىس

2. ئەبۇ مالىك ئەشئەرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: چوقۇمكى، ئۈممىتىمدىن بىر بۆلۈك ئادەملەر ھاراقنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتىپ ئىچىدۇ، باشلىرىدا نەغمە – مۇزىكىلار چېلىنىدۇ، ئايال ناخشىچىلار ناخشا ئېيتىدۇ. ئاللاھ ئۇلارنى زېمىنغا يۇتقۇزىۋېتىدۇ، ئۇلاردىن بىر قىسمىنى مايمۇن، چوشقىغا ئايلاندۇرۇۋېتىدۇ (بۇخارىي تەئرىخ 967- ھەدىس؛ سەھىھ ئىبنى ھىببان 6721- ھەدىس؛ ئىبنى ماجە 4020- سەھىھ ھەدىس)

3.ئىبنى ئابباس رضي الله عنهما مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: چوقۇمكى ئاللاھ ھاراقنى، قىمارنى، ناغرا – دۇمباقنى ھارام قىلدى (ئەھمەد 2476- ھەدىس؛ سەھىھ ئىبنى ھىببان 5341- ھەدىس؛ مىشكات مەسابىھ 4503- ھەدىس؛ سەھىھ ھەدىس توپلىمى 1708 – ھەدىس. ئەسكەرتىش: ناغرا- دۇمباقنى ئېنىق بىلمەكچى بولسىڭىز: ‹‹الْكُوبَةُ››، ‹‹الطَّبْلُ›› نىڭ سۈرىتىنى google دىن ئىزدەپ بېقىڭ.

يۇقىرىقى ھەدىسلەرنى ئوقۇغانكەنمىز، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم زىنا- پاھىشە قاتارىدا ھارام سانىغان ھارام مۇزىكىنى قەتئىي ئاڭلىمايلى ھەم تەشۋىق قىلمايلى!

ناخشا – مۇزىكىنىڭ ھۆكمى توغرىسىدىكى تېخىمۇ تەپسىلىي دەلىللەر ئۈچۈن تۆۋەندىكى بەتلەرنى زىيارەت قىلىڭ:

(1) ناخشا – مۇزىكىنىڭ ئىسلامدىكى ھۆكمى

(2) بىن باز: قۇرئان-سۈننەت ۋە ئۆلىمالارنىڭ يولى ئارقىلىق ناخشا-مۇزىكىنىڭ ھاراملىقىنى دەلىللەش


مۇزىكا ھارام

مۇزىكا ھارام