كىچىك كۆرۈلىدىغان گۇناھلارغا زىنھار سەل قارىماڭ

📱تۈرلۈك تور سۇپىلىرىدىكى خىلمۇخىل يېرىم يالىڭاچلىق، 🎶 ناخشا – مۇزىكا ۋە باشقا پىتنە – پاساتلار سەۋەبلىك، نۇرغۇنلىرىمىز بىرەر سائەتنىمۇ گۇناھتىن خالىي ئۆتكۈزەلمەس بولۇپ قالغان بۇ دەۋردە، تۆۋەندىكى ھەدىسنى ئەسلەپ تۇرۇش پەۋقۇلئاددە مۇھىم!

1. سەھل ئىبنى سەئىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن، رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ مۇنداق دېگەن:

«إِيَّاكُمْ وَمُحَقَّرَاتِ الذُّنُوبِ، فَإِنَّمَا مَثَلُ مُحَقَّرَاتِ الذُّنُوبِ ‌كَمَثَلِ ‌قَوْمٍ ‌نَزَلُوا ‌بَطْنَ ‌وَادٍ، ‌فَجَاءَ ‌ذَا ‌بِعُودٍ، ‌وَجَاءَ ‌ذَا ‌بِعُودٍ، ‌حَتَّى ‌حَمَلُوا ‌مَا ‌أَنْضَجُوا بِهِ خُبْزَهُمْ، وَإِنَّ مُحَقَّرَاتِ الذُّنُوبِ مَتَى يَأْخُذْ بِهَا صَاحِبُهَا تُهْلِكْهُ»

«كىچىك كۆرۈلىدىغان گۇناھلاردىن ھەزەر ئەيلەڭلار! ھەقىقەتەن كىچىك كۆرۈلىدىغان گۇناھلارنىڭ مىسالى شۇنىڭغا ئوخشايدۇكى، بىر قەۋم بىر جىلغىغا چۈشكۈن قىلىدۇ. ئۇلاردىن بىرى بىر تال تاياق، يەنە بىرى يەنە بىر تال تاياق ئېلىپ كېلىدۇ – دە، نەتىجىدە نانلىرىنى پىشۇرغۇدەك دەرىجىدە ئوتۇن توپلىنىپ كېتىدۇ. كىشى كىچىك كۆرۈلىدىغان گۇناھلاردىن ھېسابقا تارتىلغاندا، شۇ گۇناھلىرى ئۇنى ھالاك قىلىدۇ.» [سەھىھۇلجامى 2686 – ھەدىس، سەھىھ]

2. مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن، رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ ماڭا مۇنداق دېگەن: «ئى ئائىشە! كىچىك سانىلىدىغان (يامان) ئەمەللەردىن ساقلىنىڭ! چۈنكى، ئۇلار (يەنى ئاشۇ كىچىك گۇناھلار) ئۈچۈن ئاللاھ تەرەپتىن بولغان (قەبرىدە بەندىدىن ھېساب ئېلىش ئۈچۈن كېلىدىغان مۇنكەر – نەكىير دېگەن پەرىشتىلەرگە ئوخشاش) ئەگەشكۈچى باردۇر.» [سۇنەن ئىبنى ماجە 4243 – ھەدىس، شەيخ ئەلبانى سەھىھ دېگەن]

4243 – (صحيح) حَدَّثَنَا أَبُو بَكْرِ بْنُ أَبِي شَيْبَةَ، حَدَّثَنَا خَالِدُ بْنُ مَخْلَدٍ، حَدَّثَنِي سَعِيدُ بْنُ مُسْلِمِ بْنِ بَانَكَ قَالَ: سَمِعْتُ عَامِرَ بْنَ عَبْدِ اللهِ بْنِ الزُّبَيْرِ يَقُولُ، حَدَّثَنِي عَوْفُ بْنُ الْحَارِثِ، عَنْ عَائِشَةَ قَالَتْ: قَالَ لِي رَسُولُ اللهِ صلى الله عليه وسلم: “يَا عَائِشَةُ! إِيَّاكِ وَمُحَقَّرَاتِ الْأعْمَالِ، فَإنَّ لَهَا مِنَ اللهِ طَالِبًا “. [الصحيحة: 513، تحفة: 17425]