ھەدىس شەرىف | «بىزدىن ئەمەس» دېگەن مەزمۇندىكى سەھىھ ھەدىسلەر

تۆۋەندىكىلەر رەسۇلۇللاھ صلى الله عليه وسلم «بىزدىن ئەمەس» دەپ ئەيىبلىگەن كىشىلەر توغرىسىدىكى سەھىھ ھەدىسلەر بولۇپ، ھەرقانداق كىشى بۇ ھەدىسلەردە ئەيىبلەنگەن سۈپەتلەرگە ئىگە بولۇپ قېلىشتىن قاتتىق ھەزەر ئەيلىشى كېرەك.

رەسۇلۇللاھ صلى الله عليه وسلم شۇنداق دېگەن:

1. «‌لَيْسَ ‌مِنَّا مَنْ لَمْ يَرْحَمْ صَغِيرنَا، وَيَعْرِفْ شَرَفَ كَبيرِنَا»

«كىچىكلىرىمىزگە رەھىم قىلمىغان، چوڭلىرىمىزنىڭ شەرىپىنى قىلمىغانلار (يەنى چوڭلىرىمىزنى ھۆرمەتلىمىگەنلەر) بىزدىن ئەمەس» [«ياخشىلار باغچىسى» 355 – ھەدىس، سەھىھ]

2. «‌لَيْسَ ‌مِنَّا مَنْ ضَرَبَ الخُدُودَ، وَشَقَّ الجُيُوبَ، وَدَعَا بِدَعْوَى الجَاهِلِيَّةِ»

«يۈزلىرىگە كاچاتلاپ، ياقىلىرىنى يىرتىپ، جاھىلىيەت قوشاقلىرىنى ئېيتىپ يىغلىغان ئادەم بىزدىن ئەمەس» [«ياخشىلار باغچىسى» 1658 – ھەدىس، سەھىھ]

3. «لَيْسَ ‌مِنَّا ‌مَنْ ‌لَمْ ‌يَتَغَنَّ ‌بِالْقُرْآنِ»

«قۇرئاننى چىرايلىق ئاھاڭدا ئوقۇمىغۇچى بىزدىن ئەمەس» [سەھىھۇل بۇخارى 7527 – ھەدىس]

4. «‌لَيْسَ ‌مِنَّا ‌مَنْ ‌تَشَبَّهَ ‌بِالرِّجَالِ ‌مِنَ ‌النِّسَاءِ، ‌وَلَا ‌مَنْ ‌تَشَبَّهَ ‌بِالنِّسَاءِ ‌مِنَ ‌الرِّجَالِ»

«ئەرلەرگە ئوخشىۋالغۇچى ئاياللار ۋە ئاياللارغا ئوخشىۋالغۇچى ئەرلەر بىزدىن ئەمەس.» [سەھىھۇلجامى 5433 – ھەدىس، سەھىھ]

5. «‌لَيْسَ ‌مِنَّا ‌مَنْ ‌تَشَبَّهَ ‌بِغَيْرِنَا، ‌لَا ‌تَشَبَّهُوا ‌بِاليَهُودِ ‌وَلَا ‌بِالنَّصَارَى»

«بىزدىن باشقىلارغا ئوخشىۋالغانلار بىزدىن ئەمەس. يەھۇدىيلارغىمۇ، ناسارالارغىمۇ ئوخشىۋالماڭلار.» [سەھىھۇلجامى 5434 – ھەدىس، سەھىھ]

6. «‌‌لَيْسَ ‌مِنَّا ‌مَنْ ‌تَطَيَّرَ ‌وَلَا ‌مَنْ ‌تُطِيِّرَ ‌لَهُ ‌أَوْ ‌تَكَهَّنَ ‌أَوْ ‌تُكُهِّنَ ‌لَهُ ‌أَوْ ‌تَسَحَّرَ ‌أَوْ ‌تُسِحِّرَ ‌لَهُ»

«شۇم پال ئالغان ياكى شۇم پال سالدۇرغان، كاھىنلىق قىلغان ياكى كاھىنلىق قىلدۇرغان، سېھىر قىلغان ياكى سېھىر قىلدۇرغان كىشى بىزدىن ئەمەس» [سەھىھۇلجامى 5435 – ھەدىس، سەھىھ]

7. «لَيْسَ ‌مِنَّا ‌مَنْ ‌خَبَّبَ ‌امْرَأَةً ‌عَلَى ‌زَوْجِهَا ‌أَوْ ‌عَبْدًا ‌عَلَى ‌سَيِّدِهِ»

«ئايالنى ئېرىگە ياكى قۇلنى خوجىسىغا قارشى كۈشكۈرتكۈچى بىزدىن ئەمەس» [سەھىھۇلجامى 5437 – ھەدىس، سەھىھ]

8. «‌‌لَيْسَ ‌مِنَّا ‌مَنْ ‌عَمِلَ ‌بِسُنَّةِ ‌غَيْرِنَا»

«بىزدىن باشقىلارنىڭ سۈننىتى / يولى بويىچە ئەمەل قىلغۇچى بىزدىن ئەمەس» [سەھىھۇلجامى 5439 – ھەدىس، سەھىھ]

9. «‌لَيْسَ ‌مِنَّا ‌مَنْ ‌غَشَّنَا»

«بىزنى ئالدىغانلار بىزدىن ئەمەس» [مۇسنەد ئەھمەد 15833 – ھەدىس، سەھىھ]

10. «‌لَيْسَ ‌مِنَّا ‌مَنْ ‌لَمْ ‌يُجِلَّ ‌كَبِيرَنَا، ‌وَيَرْحَمْ ‌صَغِيرَنَا، ‌وَيَعْرِفْ ‌لِعَالِمِنَا ‌حَقَّهُ»

«‌چوڭلىرىمىزنى ھۆرمەتلىمىگەن، كىچىكلىرىمىزگە رەھىم قىلمىغان ۋە ئالىملىرىمىزنىڭ ھەققىنى تونۇمىغانلار (يەنى ئۇلارنى لايىقىدا ھۆرمەتلىمىگەنلەر) بىزدىن ئەمەس.» [سەھىھۇلجامى 5443 – ھەدىس، ھەسەن]