ئىمان كىتابى | پەيغەمبىرىمىزگە ئىمان ئېيتىش مۇنداق بولۇشى كېرەك

ئابدۇللاھ ئابدۇلھەمىد ئەسەرىينىڭ «ئىمان» كىتابىدىن «ئۇيغۇر ئىسلام تورى» تەرجىمە قىلدى.

پەيغەمبەر ﷺ گە ئىمان ئېيتىش دېگەنلىك ئۇنىڭغا چىنپۈتۈش، ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىش، شۇنداقلا چوڭ – كىچىك ھەرقانداق ئىشتا ئۇ ئەكەلگەن شەرىئەتكە بويسۇنۇش دېگەنلىكتۇر.

ئى مۆھتىرەم مۇسۇلمان قېرىندىشىم! بىلگىنكى، پەيغەمبەر ﷺ گە ئىمان ئېيتىشنىڭ تەقەززاسى بولغان بەزى خۇسۇسلار ۋە شەرتلەر باردۇر. بەندىنىڭ ئىمانى پەقەت شۇلار ئارقىلىق ۋۇجۇدقا چىقىدۇ. ئاخىرەتلىك بەخت – سائادەتنى ۋە ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئارزۇ قىلىدىغان ھەرقانداق مۇسۇلمان بۇلارنى ياخشى بىلىشى، تەپسىلىي ئۆگىنىشى؛ ئېتىقاد، سۆز ۋە ئەمەل جەھەتلەردە بۇلارغا چىڭ يېپىشىشى كېرەك. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىملىرى تۆۋەندىكىلەردۇر:

شۈبھىسىزكى، ئۇ پۈتكۈل ئالەملەرگە ئەۋەتىلگەن، ئاللاھنىڭ ئەلچىسىدۇر. ئۇ نوقۇل ئەرەبلەرنىڭ ئەمەس، پۈتكۈل ئىنسان ۋە جىنلارنىڭ پەيغەمبىرىدۇر. پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋە رەسۇللەرنىڭ ئاخىرقىسىدۇر، ئۇنىڭدىن كېيىن پەيغەمبەر ياكى رەسۇل كەلمەيدۇ. پەيغەمبەرلىك ئۇنىڭ بىلەن ئاياغلاشقان. مۇھەممەد ﷺ پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتمىغۇچە ۋە ئۇ ئەكەلگەن شەرىئەتكە ئەگەشمىگۈچە ھېچكىمنىڭ ئىمانى ۋە ئىسلامى كۈچكە ئىگە بولمايدۇ. چۈنكى، ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىكى ئۆزىدىن ئىلگىرى شەرىئەتلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرغان. پەيغەمبەر ﷺ ئۆزىگە ۋەھىي قىلىنغان ئىلاھىي كۆرسەتمىلەرنى ئىنتايىن ئوچۇق ھالەتتە يەتكۈزۈپ، ئامانەتنى ئادا قىلغان؛ ئۈممىتىگە نەسىھەت قىلغان ۋە ئۇلارغا كېچىسى كۈندۈزىگە ئوخشاش يوپيورۇق بىر يول قالدۇرۇپ كەتكەن. ھالاك بولغانلاردىن باشقىلار ئۇنىڭ يولىدىن چەتنىمەيدۇ. ئۇ ئۆزىگە ۋەھىي قىلىنغان ئىلاھىي كۆرسەتمىلەرنى (يەنى قۇرئان – سۈننەتنى) يەتكۈزۈش جەريانىدا خاتالىق ئۆتكۈزۈشتىن، شۇنداقلا چوڭ – كىچىك گۇناھلارنى سادىر قىلىشتىن مەسۇمدۇر (يەنى قوغدالغاندۇر).

ئۇ ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسىدۇر. ئۇنى ھۆرمەتلەش ۋە ياخشى كۆرۈشتە سۇسلۇق قىلىشقىمۇ، چەكتىن ئېشىشقىمۇ يول يوقتۇر. بۇ خۇسۇستا ھەرقانداق شەكىلدە ئاشقۇنلۇق قىلىشتىن ھەزەر ئەيلەش كېرەك. ھەركىم ئۇنى ئۆز نەپسىدىن، پەرزەنتلىرىدىن، ئاتا – ئانىسىدىن، جۈملىدىن ھەرقانداق ئىنساندىن بەك ياخشى كۆرۈشى كېرەك. ئۇنى ئۈلگە قىلىش، ئۇنىڭ سۈننىتىگە (تۇتقان يولىغا، كۆرسەتمىلىرىگە) چىڭ يېپىشىش، ئۇنىڭ سۈننەتلىرىنى قوغداش، چوڭ – كىچىك ھەرقانداق مەسىلىدە، رەسۇلۇللاھ ﷺ نىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇش، بەرگەن خەۋەرلىرىگە قەتئىي ئىشىنىش ھەمدە چەكلىگەنلىرىدىن يېنىش پەرزدۇر. مۇسۇلمان ھەرقانداق شەرت – شارائىتتا، رەسۇلۇللاھ ﷺ گە ئىتائەتسىزلىك قىلىشتىن ساقلىنىشى كېرەك.

مۇسۇلمان كىشى ئاللاھقا پەقەت رەسۇلۇللاھ ﷺ ئېلىپ كەلگەن شەرىئەت بويىچە ئىبادەت قىلىشى كېرەك. شۇنىسى تالاش – تارتىشسىز ھەقىقەتكى، رەسۇلۇللاھ ﷺ ئىبادەت قىلغۇچىلارنىڭ ئەڭ ئۈستۈنىدۇر. شۇ ۋەجىدىن، ئۇنىڭ يولىغا ئۇيغۇن رەۋىشتە ئادا قىلىنمىغان، ئۇ ئەكەلگەن شەرىئەتكە ئۇيغۇنلاشمىغان، رەسۇلۇللاھ ﷺ شەرىئەتتە بېكىتمىگەن ياكى تەستىقلىمىغان ھەرقانداق ئىبادەت بىدئەتتۇر، ئازغۇنلۇقتۇر ۋە زىيان تارتىشتۇر. بۇنداق ئىبادەت شۇ ئىبادەتنى قىلغۇچىنى ھەرگىزمۇ ئاللاھ تەئالاغا يېقىنلاشتۇرالمايدۇ. ئەكسىچە، شۇ (بىدئەت) ئىبادەتنى قىلغۇچىنى ئاللاھتىن يىراقلاشتۇرىدۇ. رەسۇلۇللاھ ﷺ نىڭ يولىدىن باشقا، كىشىنى ئاللاھ تەئالاغا، ئۇنىڭ رازىلىقىغا ۋە جەننىتىگە يەتكۈزىدىغان ھېچبىر يول يوقتۇر.

كىشى رەسۇلۇللاھ ﷺ نىڭ پەزىلەتلىرىنى ۋە رەببىنىڭ دەرگاھىدا ئۈستۈن ماقامغا ئىگە ئىكەنلىكىنى باشقىلارغا چۈشەندۈرۈشى، رەسۇلۇللاھ ﷺ ھەققىدە كۆپ توختىلىشى، ئۇنىڭغا كۆپ دۇرۇت – سالام يوللىشى، ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا ياخشىلىق قىلىشى، ئاياللىرىنىڭ ۋە ساھابىلىرىنىڭ قەدىر – قىممىتىنى بىلىشى كېرەك.