غەم – قايغۇدىن قۇتۇلغۇڭىز بارمۇ؟

«مۇسنەد ئەھمەد»تە ۋە «سەھىھ ئەبۇ خاتىم»دا، ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىياللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ‌: «كىم غەم – قايغۇغا مۇپتىلا بولغاندا: <‌اللَّهُمَّ ‌إِنِّي ‌عَبْدُكَ، ‌وَابْنُ ‌عَبْدِكَ، ‌وَابْنُ ‌أَمَتِكَ، ‌نَاصِيَتِي ‌بِيَدِكَ، ‌مَاضٍ ‌فِيَّ ‌حُكْمُكَ، ‌عَدْلٌ ‌فِيَّ ‌قَضَاؤُكَ، ‌أَسْأَلُكَ ‌بِكُلِّ ‌اسْمٍ ‌هُوَ ‌لَكَ، ‌سَمَّيْتَ ‌بِهِ ‌نَفْسَكَ، ‌أَوْ ‌أَنْزَلْتَهُ ‌فِي ‌كِتَابِكَ، ‌أَوْ ‌عَلَّمْتَهُ ‌أَحَدًا ‌مِنْ ‌خَلْقِكَ، ‌أَوِ ‌اسْتَأْثَرْتَ ‌بِهِ ‌فِي ‌عِلْمِ ‌الْغَيْبِ ‌عِنْدَكَ، ‌أَنْ ‌تَجْعَلَ ‌الْقُرْآنَ ‌رَبِيعَ ‌قَلْبِي، ‌وَنُورَ ‌صَدْرِي، ‌وَجَلَاءَ ‌حُزْنِي، ‌وَذَهَابَ ‌هَمِّي>

<ئى ئاللاھ! مەن سېنىڭ بەندەڭ، سېنىڭ بەندەڭنىڭ ۋە دېدىكىڭنىڭ ئوغلىمەن، مېنىڭ كوكۇلام سېنىڭ قولىڭدىدۇر، سېنىڭ ھۆكمىڭ ماڭا ئۆتكۈچىدۇر، ھەققىمدە چىقارغان ھۆكمىڭ مۇتلەق ئادىلدۇر. ساڭا مەنسۇپ بولغان ۋە سەن ئۆزەڭنى ئاتىغان، ياكى سەن كىتابىڭدا نازىل قىلغان ياكى مەخلۇقلىرىڭدىن بىرەرسىگە بىلدۈرگەن، ياكى دەرگاھىڭدا ئىلمى غەيىب قاتارىدا ساقلاشنى ئىرادە قىلغان ئىسىملىرىڭ بىلەن، قۇرئاننى قەلبىمنىڭ باھارى، دىلىمنىڭ نۇرى، غەم-قايغۇلىرىمنى كەتكۈزگۈچى قىلىپ بېرىشىڭنى سورايمەن> 

دېسە، ئاللاھ چوقۇم ئۇنىڭ غەم – قايغۇلىرىنى يوقىتىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا خۇشاللىق ئاتا قىلىدۇ» دېۋىدى، ساھابىلەر: «يا رەسۇلۇللاھ! ئۇنداقتا بۇ سۆزلەرنى ئۆگىنىۋالساق بولغۇدەكقۇ؟» دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «شۇنداق، بۇلارنى ئاڭلىغان كىشى ئۆگىنىۋېلىشى كېرەك» دېدى [ئىمام ئەھمەد، ئىمام ئىبنى ھىببان، ئىمام ئەبۇ يەئلا ۋە ئىمام تەبرانى توپلىغان. شەيخ ئەلبانى «صحيح الترغيب والترهيب»دا (1822 – نومۇر) سەھىھ دەپ باھالىغان].