قۇربانلىقنىڭ تېرىسىنى ياكى باشقا يەرلىرىنى سېتىشقا بولامدۇ؟

بۇ ھەقتە رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ شۇنداق دېگەن:

«‌مَنْ ‌بَاعَ ‌جِلْدَ ‌أُضْحِيَتِهِ ‌فَلَا ‌أُضْحِيَةَ ‌لَهُ»

«كىمكى قۇربانلىقىنىڭ تېرىسىنى ساتسا، ئۇ كىشى ئۈچۈن قۇربانلىق (نىڭ ساۋابى) يوقتۇر.»

مەنبە: سەھىھۇلجامى 6118 – ھەدىس، ھەسەن.

ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن:
«قۇربانلىق قىلىنغان مالنىڭ مەيلى گۆشى، مەيلى يېغى، ياكى تېرىسى، ۋەياكى باشقا ھەرقانداق يېرىنى سېتىش ھارامدۇر. چۈنكى، ئۇ ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلىنغان مال بولۇپ، سەدىقىگە ئوخشاشلا ئۇنى قايتۇرۇۋېلىشقا بولمايدۇ. شۇنداقلا كىشى قۇربانلىقنىڭ تېرىسىنى (ياكى باشقا نەرسىلىرىنى) ئىش ھەققى ئورنىدا قاسساپقا بەرسىمۇ بولمايدۇ.»
مەنبە: 📚 مجموع الفتاوى : (25/162)
«يحرم أن يبيع شيئا من الأضحية : من اللحم والشحم والدهن والجلد أو غيره ، لأنها مال أخرجه لله فلا يجوز الرجوع فيه كالصدقة ، ولا يعطي الجزار منها في مقابلة أجرته أو بعضها»