كەئب ئىبنى مالىك رَضِيَ اللَّهُ عَنْهُ نىڭ ئوغلى ئابدۇللاھ ئىبنى كەئب (بۇ زات كەئب رَضِيَ اللَّهُ عَنْهُ نىڭ كۆزى كۆرمەس بولۇپ قالغاندا، ئۇنىڭ بالىلىرىنىڭ ئىچىدىن كەئب ئىبنى مالىك رَضِيَ اللَّهُ عَنْهُ نى يېتىلەپ يۈرىدىغان بالىسى ئىدى)نىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ:
مەن كەئب رَضِيَ اللَّهُ عَنْهُ دىن (يەنى ئاتامدىن) ئۇنىڭ رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ بىلەن بىللە تەبۇك غازىتىغا چىقمىغانلىقى ھەققىدىكى قىسسىنى سۆزلەپ بەرگەنلىكىنى ئاڭلىدىم. كەئب رَضِيَ اللَّهُ عَنْهُ مۇنداق دەيدۇ: مەن تەبۇك غازىتىدىن باشقا ھېچ بىر غازاتتا رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ بىلەن بىللە چىقماي قالغىنىم يوق. بىراق بەدرى غازىتىغا چىقمىغانلىقىمغا كەلسەك، بۇ غازاتقا چىقمىغان بىرەر ئادەممۇ ئەيىبلەنگەن ئەمەس. چۈنكى، رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ بەدرى ئۇرۇشى ئۈچۈن مەدىنىدىن چىققاندا، مۇسۇلمانلارنىڭ مەقسىتى قۇرەيش كارۋىنىنى توسۇش ئىدى. نەتىجىدە، الله مۇسۇلمانلار بىلەن دۈشمەنلەرنى كۆزلىمىگەن بىر جايدا ئۇچراشتۇرۇپ قويدى. بىز ئەقەبە كېچىسى ئىسلام دىنىنى قوغداش ئۈچۈن ئەھدە قىلىشقان ۋاقتىمىزدا، مەنمۇ رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ بىلەن بىللە ئىدىم. گەرچە خەلق ئارىسىدا بەدرى ئۇرۇشى مەشھۇر بولسىمۇ، لېكىن مەن ئەقەبە كېچىسىنى بەدرى ئۇرۇشىدىن تۆۋەن چاغلىمايمەن.
تەبۇك ئۇرۇشىدا مېنىڭ رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ بىلەن بىللە ئۇرۇشقا چىقماي قالغانلىقىمغا كەلسەك، مەن شۇ چاغدىكىدىنمۇ كۈچلۈك ھەم ئىقتىدارلىق بولۇپ باققان ئەمەس ئىدىم. الله بىلەن قەسەمكى، مەن ھېچقاچان بۇ ئۇرۇشتىن ئىلگىرىكى ئۇرۇشلارغا ئىككى ئۇلاغ تەييارلىمىغان ئىدىم (يەنى تەبۇك ئۇرۇشىغا ئىككى ئۇلاغ تەييارلىغان ئىدىم). رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ قاچان بىر ئۇرۇشنى ئىرادە قىلسا، باشقا بىر ئۇرۇشنى ئېلان قىلىپ، ئەسلى قىلماقچى بولغان ئۇرۇشنى مەخپىي تۇتاتتى. رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ بۇ ئۇرۇشقا ناھايىتى ئىسسىق ۋاقتىدا يۈرۈش قىلدى. سەپەر ئۇزۇن بولۇپ، يولدا چوڭ باياۋان بار ئىدى، دۈشمەنمۇ كۆپ ئىدى. شۇڭا بۇ قېتىم مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇرۇشقا پۇختا تەييارلىق قىلىشى ئۈچۈن، بارىدىغان جاينى ئوچۇق ئېلان قىلدى. رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ بىلەن ئۇرۇشقا چىقىدىغان مۇسۇلمانلار كۆپ بولغاچقا، ئۇلارنىڭ سانىنى ئېلىپ بولۇش ناھايىتى تەس ئىدى. ئۇرۇشقا چىقماي قېلىپ قالماقچى بولغان ئاز ساندىكى كىشىلەرمۇ: الله دىن ۋەھىي كېلىپلا قالمىسا، ئۇرۇشقا چىقمىغىنىم بىلىنمەيدىغۇ، دەپ ئويلايتتى. رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ بۇ ئۇرۇشقا يۈرۈش قىلغاندا، مېۋىلەر تازا پىشىپ ۋايىغا يەتكەن، سايىلار تاشلانغان ۋاقىت ئىدى. شۇڭلاشقا مېنىڭ مەيلىم ئۇنىڭغا تارتىپ تۇراتتى. رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ بىلەن ساھابىلار تەييارلىققا كىرىشىپ كەتتى. مەنمۇ ھەر ئەتىگىنى ئۆيۈمدىن تەييارلىق قىلىش نىيىتىدە چىقاتتىم، كەچتە تەييارلىق قىلالماي قايتىپ كېلەتتىم ۋە كۆڭلۈمدە: ئەگەر مەن بۇ غازاتقا تەييارلىق قىلاي دېسەم، ئۇنى پۈتتۈرۈشكە ھەرزامان قادىرمەن، دەيتتىم. مەن شۇ خىيالدا ئۆتىۋەردىم. كىشىلەرنىڭ تەييارلىقى رەسمى پۈتتى. رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ بىر كۈنى سەھەردە مۇسۇلمانلار بىلەن سەپەرگە ئاتلاندى. مەن بولسام، ھېچبىر تەييارلىقسىز ئىدىم. شۇ كۈنى سەھەردە تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن چىقىپمۇ كەچتە ھېچبىر تەييارلىقسىز قايتىپ كەلدىم. مەن ئۇلارنىڭ كەينىدىن يېتىشىۋالىمەن دېگەن خىيالدا يۈرىۋەردىم. كىشىلەر يولغا چىقىپ يىراقلاپ كەتتى. ھەتتا غازاتقا چىقىش ۋاقتىمۇ ئۆتۈپ كەتتى. مەن ئەسلىدە سەپەرگە ئاتلىنىپ، ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن يېتىشىۋالاي دېگەن خىيالدا بولغان ئىدىم. شۇنداق قىلغان بولسامچۇ كاشكى، بۇ ماڭا نېسىپ بولمىدى. رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ كەتكەندىن كېيىن كوچىلارغا چىقسام، كۆڭلۈم يېرىم بولۇپ قالاتتى. چۈنكى مەن كوچىلاردا مۇناپىقلارنى ياكى جىھادقا چىقىشقا پۈتۈنلەي ئاجىز كەلگەن كىشىلەردىن باشقا ئۆزۈمنىڭ چىقمىغانلىقىغا ئۈلگە بولغۇدەك بىرەر كىشىنى ئۇچراتمىدىم. رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ تەبۇكقا يېتىپ بارغۇچە، مېنى ئېسىگە ئالماپتۇ. تەبۇكقا بارغاندىن كېيىن دەم ئېلىش ئۈچۈن ئادەملەر بىلەن ئولتۇرغىنىدا: «كەئب ئىبنى مالىكقا نېمە بولدى؟» دەپ سوراپتۇ. بەنى سەلەمە جەمەتىدىن بولغان بىر كىشى: ئى الله نىڭ پەيغەمبىرى! كەئبنى تونىنى كىيىپ (ئۆزىدىن پەخىرلىنىپ) ئىككى يانغا بېقىشلىرى ئۇنى ئۇرۇشقا كەلگىلى قويمىغاندۇ؟- دەپتۇ. مۇئاز ئىبنى جەبەل رَضِيَ اللَّهُ عَنْهُ: بۇرادەر! سەن يامان سۆز قىلدىڭ. ئى الله نىڭ پەيغەمبىرى! الله بىلەن قەسەمكى، بىز كەئبىنىڭ پەقەت ياخشى ئادەم ئىكەنلىكىنىلا بىلىمىز،- دەپتۇ. رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ گەپ قىلماپتۇ. ئۇ شۇنداق تۇرغان بىر پەيتتە، يىراقتىكى توپا – چاڭ ئارىسىدىن ئاق تونلۇق بىر كىشىنى كۆرۈپتۇ. رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ: «سەن ئەبۇ خەيسەمە بولۇپ قالغىيدىڭ» دەپتۇ. دەرۋەقە، ئۇ ئادەم ئەبۇ خەيسەمە ئەنسارى بولۇپ چىقىپتۇ. بۇ، ھېلىقى بىر سا (2.75 كىلوگرامغا تەڭ) خورمىنى سەدىقە بەرگەنلىكى ئۈچۈن مۇناپىقلار تەرىپىدىن مازاق قىلىنغان كىشى ئىدى.
كەئب مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ نىڭ تەبۇكتىن قايتىپ كېلىۋاتقانلىق خەۋىرىنى ئاڭلاپ، غەم قىلىشقا باشلىدىم. مەن يالغاننى ئويلاشقا باشلىدىم. كۆڭلۈمدە رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ نىڭ غەزىپىدىن قانداق قۇتۇلۇشنى ئويلايتتىم. بۇنىڭ ئۈچۈن ئائىلەمدىكىلەردىنمۇ پىكىر ئېلىپ باقتىم. رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ نىڭ يېقىنلاشقانلىق خەۋىرى يەتكەندە، مەندىكى يامان خىياللار بىردىنلا يوققا چىقتى. مەن ئۇنىڭدىن ھەر قانداق يالغانچىلىق بىلەن قۇتۇلالمايدىغانلىقىمنى چۈشىنىپ يەتتىم. ئاخىرىدا راست سۆزلەش نىيىتىگە كەلدىم. رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ مەدىنىگە رەسمىي يېتىپ كەلدى. رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ ھەر قانداق بىر سەپەردىن قايتىپ كەلسە، ئالدى بىلەن مەسجىدكە كىرىپ، ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇپ، ئاندىن كىشىلەر بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن ئولتۇراتتى. رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ نامازنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، ئۇرۇشقا چىقمىغانلار قەسەميادلار بىلەن ئۆزرىلىرىنى بايان قىلىشقا باشلىدى. ئۇلار سەكسەن نەچچە ئادەم ئىدى. رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ ئۇلارنىڭ ئاشكارا كۆرسەتكەن ئۆزرىلىرىنى قوبۇل قىلدى، بەيئەتلىرىنى ئالدى ۋە ئۇلارغا مەغفىرەت تىلىدى. لېكىن ئۇلارنىڭ سىرلىرىنى الله قا قويدى. شۇ قاتاردا مەنمۇ كېلىپ، ئۇنىڭغا سالام بەردىم. رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ ئاچچىقلانغان ئادەمنىڭ كۈلكىسىدەك كۈلۈمسىرەپ قويدى، ئاندىن: «كەل» دېدى. مەن ئاستا كېلىپ، رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ نىڭ ئالدىدا ئولتۇردۇم. رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ ماڭا: «سېنى ئۇرۇشتىن نېمە توسۇپ قويدى؟ سەن ئۇرۇش ئۈچۈن ئۇلاغ سېتىۋالغان ئەمەسمىدىڭ؟» دېدى. مەن: «ئى الله نىڭ پەيغەمبىرى! الله بىلەن قەسەمكى، ئەگەر دۇنيا ئەھلىدىن سەندىن باشقا بىرەر كىشىنىڭ ئالدىدا ئولتۇرغان بولسام، ئۇنىڭ غەزىپىدىن بىرەر باھانە بىلەن ئۆتۈپ كېتەلەيتتىم. مەندە بۇنچىلىك سۆز ئىقتىدارى بار. لېكىن مەن شۇنى بىلىپ يەتتىمكى، ئەگەر مەن بۈگۈن سېنى رازى قىلىدىغان بىر يالغاننى سۆزلىگىنىم بىلەن، پات ئارىدا الله ۋەھىي ئارقىلىق سېنى ماڭا غەزەپلەندۈرىدۇ. ئەگەر ساڭا راست سۆزلىسەم، مەندىن خاپا بولىسەن. مەن ھەقىقەتەن راست سۆزۈم بىلەن الله تعالى دىن كېلىدىغان ياخشى ئاقىۋەتنى ئۈمىد قىلىمەن. الله بىلەن قەسەمكى، مېنىڭ ئۇرۇشقا چىقماسلىققا ھېچقانداق ئۆزرەم يوق ئىدى. مەن سەن بىلەن ئۇرۇشقا چىقمىغان چېغىمدىكىدىنمۇ كۈچلۈك ھەم ئىقتىدارلىق بولۇپ باققان ئەمەس ئىدىم» دېدىم.
رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ: «بۇ ھەقىقەتەن راست سۆزلىدى. سەن تاكى الله سەن توغرۇلۇق ھۆكۈم چىقارغىچە كۈتۈپ تۇرغىن» دېدى. مەن رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ نىڭ قېشىدىن قايتىپ چىقتىم. بەنى سەلەمەدىن بولغان بىر مۇنچە كىشىلەر ماڭا ئەگىشىۋېلىپ: الله بىلەن قەسەمكى، سېنىڭ بۇندىن ئىلگىرى گۇناھ ئۆتكۈزگەنلىكىڭنى بىلمەيمىز، سەن رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ گە باشقىلار ئۆزرە ئېيتقاندەك، ئۆزرە ئېيتىشقىمۇ ئاجىزلىق قىلدىڭ، ئۆزرە ئېيتقان بولساڭ، سېنىڭ گۇناھىڭغا رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ نىڭ (سەن ئۈچۈن) تىلىگەن مەغفىرىتى كۇپايە قىلاتتى ئەمەسمۇ؟» دېيىشتى.
الله بىلەن قەسەمكى، ئۇلار مېنى ئەيىبلەۋەرگەچكە، رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ نىڭ قېشىغا بېرىپ يالغان ئېيتىشقا تاسلا قالدىم. ئاندىن مەن ئۇلارغا: «ماڭا ئوخشاش مۇشۇنداق ئەھۋالغا يولۇققان باشقا بىرى بارمۇ؟» دېدىم. ئۇلار: «ھەئە، ساڭا ئوخشاش يەنە ئىككى كىشى بار. ئۇلارمۇ سەن ئېيتقان سۆزلەرنى ئېيتتى. رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ مۇ ئۇلارغا ساڭا ئېيتقان سۆزلەرنى ئېيتتى» دېدى. مەن: «ئۇلار كىم؟» دەپ سورىدىم. ئۇلار: «مۇرارە ئىبنى رەبىئۇلئەمرى بىلەن ھىلال ئىبنى ئۇمەييە ۋاقىفى» دېدى. ئۇلار بەدرى ئۇرۇشىغا قاتناشقان، ئۈلگىلىك، ياخشى بۇ ئىككى ئادەمنى تىلغا ئالدى. بۇنى ئاڭلاپ، ئىلگىرى قىلغان راست سۆزۈمدە تۇرىۋەردىم. رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ كىشىلەرنى جەڭگە چىقمىغانلارنىڭ ئارىسىدىن پەقەت بىز ئۈچەيلەن بىلەن سۆزلىشىشتىن چەكلىدى. شۇنىڭ بىلەن، كىشىلەر بىزدىن يىراقلاشتى ۋە ياكى بىزگە بولغان مۇئامىلىسىنى ئۆزگەرتتى. ھەتتا زېمىن ماڭا بۇرۇن تونۇشلۇق بولغان زېمىن ئەمەستەك يات تۇيۇلدى. بىز مۇشۇ ئەھۋالدا ئەللىك كۈننى ئۆتكۈزدۇق. بۇ جەرياندا مېنىڭ ئىككى بۇرادىرىم ئۆيلىرىگە بېكىنىۋېلىپ، يىغلىشىپ ئولتۇرۇشتى. ئەمما مەن بولسام ئۇ ئىككىسىدىن ياشراق، غەيرەتلىكرەك ئىدىم. مەن سىرتلارغا چىقاتتىم، نامازغا مەسجىدلەرگە باراتتىم، كوچىلاردا ئايلىنىپ يۈرەتتىم. لېكىن ھېچكىم ماڭا گەپ قىلمايتتى. نامازدىن كېيىن، مەن رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ نىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۇنىڭغا سالام قىلاتتىم ۋە ئىچىمدە: رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ سالام قايتۇرۇش ئۈچۈن لەۋلىرىنى مىدىرلاتتىمۇ؟ يوق، دەيتتىم. مەن رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ گە يېقىن يەردە ناماز ئوقۇيتتىم ۋە ئۇنىڭغا ئوغرىلىقچە قارايتتىم. مەن نامىزىم بىلەن بولۇپ كەتسەم، رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ ماڭا قارايتتى. مەن ئۇ تەرەپكە قارىسام، يۈزىنى مەندىن بۇرىۋالاتتى. مۇسۇلمانلارنىڭ ماڭا بولغان سوغۇق مۇئامىلىسى داۋاملىشىۋەردى. بىر كۈنى مەن تاغامنىڭ ئوغلى ئەبۇ قەتادەنىڭ بېغىنىڭ تېمىدىن ئارتىلىپ چۈشتۈم. ئۇ ماڭا كىشىلەرنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ يېقىن ئادەم ئىدى. مەن ئۇنىڭغا سالام بەرسەم، ئۇ سالام قايتۇرمىدى. مەن ئۇنىڭغا: «ئى ئەبۇ قەتادە! الله نىڭ نامى بىلەن سورايمەنكى، سەن مېنىڭ الله نى ۋە ئۇنىڭ رەسۇلىنى قانچىلىك ياخشى كۆرىدىغانلىقىمنى بىلەمسەن؟» دېدىم. ئۇ گەپ قىلمىدى. مەن يەنە شۇ گەپنى تەكرارلاپ ئۆتۈنۈپ سورىدىم، ئۇ يەنە گەپ قىلمىدى. مەن يەنە قايتا ئۆتۈنۈپ سورىۋىدىم. ئۇ: «الله ۋە الله نىڭ پەيغەمبىرى ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر» دېدى. شۇنىڭ بىلەن، كۆزلىرىمدىن ياش قۇيۇلدى، مەن تامدىن ئارتىلىپ قايتىپ چىقتىم. مەدىنە بازىرىدا مېڭىپ يۈرسەم، مەدىنىگە ئاشلىق ساتقىلى كىرگەن شام دېھقانلىرىدىن بىرى: كىم ماڭا كەئب ئىبنى مالىكنى كۆرسىتىپ قويىدۇ؟- دېدى. كىشىلەر ئۇنىڭغا مېنى كۆرسىتىپ ئىشارەت قىلدى. ئۇ كېلىپ غەسسان پادىشاھىنىڭ بىر پارچە خېتىنى ماڭا بەردى. مەن خەت يېزىشنى ھەم ئوقۇشنى بىلەتتىم.
مەن خەتنى ئوقۇدۇم. خەتتە مۇنداق يېزىلغان ئىكەن: «مەقسەتكە كەلسەك، بىزگە سېنىڭ بۇرادىرىڭنىڭ ساڭا باشقىچە مۇئامىلىدە بولغانلىقى ھەققىدىكى خەۋىرى يەتتى. الله سېنى خار زېمىندا قەدىرسىز ياشاشقا مەجبۇرلىغان ئەمەس، بىزگە قوشۇلغىن، بىز ساڭا ياخشىلىق قىلىمىز». خەتنى ئوقۇپ بولۇپ: بۇمۇ بىر سىناق، دەپ ئويلىدىم. شۇنىڭ بىلەن، خەتنى تونۇرغا سېلىپ كۆيدۈرۈۋەتتىم. بىز الله تعالى نىڭ ھۆكمىنى كۈتۈپ ئۆتكۈزگەن ئەللىك كۈننىڭ 40 – كۈنى ئۆتۈپ بولغان بولسىمۇ، بىزنىڭ ھەققىمىزدە ۋەھىي چۈشمىدى. شۇ كۈنى رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ نىڭ ئەلچىسى كېلىپ ماڭا: «رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ سېنى ئايالىڭدىن ئايرىلىپ تۇرسۇن دەيدۇ» دېدى. مەن ئۇنىڭغا: «تالاق قىلامدىكەنمەن ياكى قانداق قىلىدىكەنمەن؟» دېدىم. ئەلچى: «بۇنى بىلمەيمەن، لېكىن ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ تۇرغىن، ئۇنىڭغا يېقىنلاشمىغىن» دېدى. رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ مېنىڭ ئىككى ھەمراھىمغىمۇ مۇشۇ يوسۇندا ئەلچى ئەۋەتىپتۇ. مەن ئايالىمغا: «مۇشۇ ئىش توغرىسىدا الله ھۆكۈم چىقارغۇچە، سەن ئاتا – ئاناڭنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، شۇلارنىڭ يېنىدا تۇرۇپ تۇر» دېدىم. ھىلال ئىبنى ئۇمەييەنىڭ ئايالى رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ نىڭ قېشىغا كېلىپ: «ئى الله نىڭ پەيغەمبىرى! ھىلال ئىبنى ئۇمەييە بولسا ئاجىز، قېرى كىشى، ئۇنىڭ ئۈستىگە خىزمەتچىسىمۇ يوق. مەن ئۇنىڭ خىزمىتىنى قىلسام، خاپا بولامسەن؟» دەپتۇ. رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ: «ياق، لېكىن ئۇ ساڭا يېقىنلاشمىسۇن» دەپتۇ. ئۇ ئايال: «الله بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئۇنىڭ ھېچ قانداق نەرسىگە رايى يوق. الله بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئۇ مۇشۇ ۋەقە يۈز بەرگەندىن تا بۈگۈنگە قەدەر يىغلاپلا كېلىۋاتىدۇ» دەپتۇ. مېنىڭ ئائىلەمدىكىلەردىنمۇ بەزىلىرى: «سەنمۇ ئايالىڭ توغرىسىدا رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ دىن رۇخسەت سوراپ باقساڭ بولمامدۇ؟ رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ ھىلال ئىبنى ئۇمەييەنىڭ ئايالىغا (ئۇنىڭ خىزمىتىنى قىلىشقا) رۇخسەت قىلىپتىغۇ؟» دېيىشتى. مەن: «بۇ توغرۇلۇق رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ دىن رۇخسەت سورىمايمەن. مەن ياش تۇرۇقلۇق بۇ توغرىدا رۇخسەت سورىسام، رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ نېمە دەپ قالىدۇ؟» دېدىم. شۇ ھالەتتە يەنە ئون كۈننى ئۆتكۈزدۈم. شۇنداق قىلىپ، رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ بىزنى كىشىلەر بىلەن سۆزلىشىشتىن چەكلىگەن كۈندىن تارتىپ، تولۇق ئەللىك كۈن تاماملاندى. 50 – كۈنى سەھەردە بامدات نامىزىنى ئۆيۈمنىڭ ئۆگزىسىدە ئوقۇدۇم. شۇ چاغدا، مەن الله تعالى بىز توغرۇلۇق قۇرئاندا تىلغا ئالغىنىدەك نەپسىم سىقىلىپ، زېمىن ماڭا تار كەلگەندەك ھالەتتە ئولتۇراتتىم. تۇيۇقسىز بىرسىنىڭ سەلئى دېگەن تاغ ئۈستىگە چىقىۋېلىپ، يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: «ئى كەئب ئىبنى مالىك! خۇش بېشارەت ئالغىن» دەپ ۋارقىرىغىنىنى ئاڭلىدىم. شۇئان سەجدىگە باش قويدۇم. ئازادىلىكنىڭ كەلگەنلىكىنى بىلدىم. ئەسلىدە، رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ الله نىڭ بىزگە تەۋبە ئاتا قىلغانلىقىنى (بامدات نامىزىدا) كىشىلەرگە ئېلان قىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن، كىشىلەر بىزگە خۇش بېشارەت بېرىشكە مېڭىپتۇ. مېنىڭ ئىككى بۇرادىرىمگىمۇ كىشىلەر خەۋەر قىلغىلى كېتىپتۇ. بىر كىشى مەن تەرەپكە ئات چاپتۇرۇپ مېڭىپتۇ. ئەسلەم قەبىلىسىدىن يەنە بىر كىشى شاتىرنىڭ مېڭىشىدا يۈگۈرەپتۇ، ئۇ ئاۋاز ئاتتىنمۇ تېز دەپ ئويلاپ، تاغقا چىقىپ ۋارقىراپتۇ. ماڭا ئاۋازى ئارقىلىق خۇش بېشارەت بەرگەن ئادەم يېنىمغا يېتىپ كەلگەندە، ئۇنىڭ بەرگەن خۇش بېشارىتى ئۈچۈن، ئۇچامدىكى ئىككى كىيىمنى ئۇنىڭغا كىيدۈرۈپ قويدۇم. الله بىلەن قەسەمكى، بۇ كۈنلەردە مېنىڭ قولۇمدا بۇ ئىككى كىيىمدىن باشقا بىر نەرسە يوق ئىدى. مەن يەنە ئىككى كىيىمنى ئارىيەتكە ئېلىپ كىيىپ، رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ نىڭ قېشىغا چاپتىم. يول بويى كىشىلەر ماڭا توپ – توپ ئۇچرىشىپ، ماڭا تەۋبە ئاتا قىلىنغانلىقىنى تەبرىكلىشىپ: «الله ساڭا تەۋبە ئاتا قىلىپتۇ، مۇبارەك بولغاي!» دېيىشتى. مەن مەسجىدكە كىرسەم، رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ ئەتراپىدا نۇرغۇن كىشىلەر بىلەن ئولتۇرغان ئىكەن. تەلھە ئىبنى ئۇبەيدۇللا ئورنىدىن تۇرۇپ، يۈگۈرۈپ كەلگىنىچە مەن بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ مۇبارەكلىدى. الله بىلەن قەسەمكى، مۇھاجىرلارنىڭ ئىچىدىن تەلھەدىن باشقىسى ئورنىدىن تۇرمىدى. مەن تەلھەنىڭ قىلغىنىنى ھەرگىز ئۇنتالمايمەن.
مەن رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ گە سالام بېرىۋىدىم، رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ خۇشاللانغانلىقىدىن يۈزلىرى نۇرلانغان ھالدا: «سەن ئاناڭدىن تۇغۇلغاندىن تارتىپ ئۆتكەن كۈنلىرىڭنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ خۇشاللىق بىر كۈندىن خۇش بېشارەت ئالغىن» دېدى. مەن: «ئى الله نىڭ پەيغەمبىرى! بۇ بېشارەت سەن تەرەپتىنمۇ ياكى الله تەرىپىدىنمۇ؟» دېدىم. رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ: «ئۇ الله عز وجل تەرىپىدىندۇر» دېدى. رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ ھەر قاچان خۇشال بولسا، يۈزلىرى نۇرلىنىپ گوياكى تولۇن ئايدەك بولۇپ كېتەتتى، بىز بۇنى بىلەتتۇق. مەن رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ نىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن: «ئى الله نىڭ پەيغەمبىرى! تەۋبەمنىڭ قوبۇل بولغانلىقى شەرىپىگە مېنىڭ بارلىق نەرسىلىرىم الله ۋە الله نىڭ رەسۇلى ئۈچۈن سەدىقە بولسۇن» دېدىم. رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ: «بىر قىسىم ماللىرىڭنى ئۆزۈڭگە قالدۇرۇپ قويغىنىڭ ياخشى» دېدى. مەن: «خەيبەردىكى نېسىۋەمنى قالدۇرۇپ قوياي» دېدىم. مەن يەنە: «ئى الله نىڭ پەيغەمبىرى! الله مېنى راستچىللىقىم بىلەن نىجاتلىققا ئېرىشتۈردى. ھاياتلا بولسام، راست سۆزلەش مېنىڭ تەۋبەمنىڭ قاتارىدىن بولغاي» دېدىم. الله بىلەن قەسەمكى، مەن بۇ گەپنى رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ گە دېگەندىن باشلاپ بۈگۈنگە قەدەر الله تعالى نىڭ مۇسۇلمانلاردىن بىرەر كىشىنى راستچىللىقتا مېنى سىنىغاندىن بەكرەك سىنىغانلىقىنى بىلمەيمەن. الله بىلەن قەسەمكى، مەن رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ گە شۇ سۆزنى قىلغاندىن تارتىپ تا ھازىرغىچە بىرەر يالغاننى ئويلاپمۇ باقمىدىم. بۇنىڭدىن كېيىنكى ھاياتىمدىمۇ الله نىڭ مېنى يالغاندىن ساقلىشىنى تىلەيمەن. الله تعالى بۇ ئايەتلەرنى بىزنىڭ ھەققىمىزدە نازىل قىلدى: ﴿الله ھەقىقەتەن پەيغەمبەرنىڭ ۋە ئۇنىڭغا قىيىنچىلىق پەيتىدە ئەگەشكەن مۇھاجىرلار ۋە ئەنسارىلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلدى. (ئەينى زاماندا) ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ دىللىرى ھەقتىن بۇرۇلۇپ كېتىشكە تاس قالغاندىن كېيىن، الله ئۇلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلدى. الله ئۇلارغا ئەڭ مەرھەمەتلىك، ئەڭ مېھرىباندۇر. ئىشى كېچىكتۈرۈلگەن ئۈچ كىشىنىڭ تەۋبىسىنىمۇ الله قوبۇل قىلدى. شۇنچە كەڭ زېمىن ئۇلارغا تار تۇيۇلغان، ئۇلارنىڭ جانلىرى سىقىلغان، ئۇلار الله قا تەۋبە قىلماي تۇرۇپ الله نىڭ غەزىپىدىن قۇتۇلۇش مۇمكىن ئەمەسلىكىگە ئىشەنگەن ئىدى. ئاندىن ئۇلارنىڭ تەۋبە قىلغۇچىلاردىن بولۇشى ئۈچۈن، الله ئۇلارنى تەۋبىگە مۇۋەپپەق قىلدى. الله تەۋبىنى بەكمۇ قوبۇل قىلغۇچىدۇر. (بەندىلەرگە) ئەڭ مېھرىباندۇر. ئى مۇئمىنلەر! الله دىن قورقۇڭلار، راستچىللار بىلەن بىللە بولۇڭلار﴾ كەئب مۇنداق دەيدۇ: الله بىلەن قەسەمكى، مەن ئۆز كۆڭلۈمدە: الله تعالى مېنى ئىسلامغا باشلىغاندىن كېيىن، مېنىڭ رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ گە يالغان ئېيتماي، راستچىل بولغىنىمدىنمۇ ئارتۇق نېمەت بەرمىدى،- دەپ ئويلىدىم. ئۇنداق بولمىغاندا باشقا يالغانچىلار ھالاك بولغاندەك ھالاك بولۇپ كېتەتتىم. الله تعالى ۋەھىي چۈشۈرگەن چاغدا، يالغان ئېيتقانلارغا ھېچ كىشىگە دەپ باقمىغان يامان سۆزنى قىلىپ مۇنداق دېگەن ئىدى: ﴿ئۇلار (يەنى مۇناپىقلار)نىڭ يېنىغا قايتىپ بارغىنىڭلاردا ئۇلار سىلەرنىڭ ئۇلارنى ئەيىبلىمەسلىكىڭلار ئۈچۈن (يالغان ئۆزرىلەر بايان قىلىپ) الله بىلەن قەسەم قىلىدۇ. ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈڭلار (يەنى ئۇلار بىلەن سۆزلەشمەڭلار ۋە سالاملاشماڭلار)، ئۇلار ھەقىقەتەن نىجىستۇر. قىلمىشلىرىنىڭ جازاسى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ بارىدىغان جايى جەھەننەمدۇر. سىلەرنىڭ رازىلىقىڭلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئۇلار سىلەرگە قەسەم ئىچىپ بېرىدۇ. سىلەر ئۇلاردىن رازى بولساڭلار، (بۇ ئۇلارغا پايدا بەرمەيدۇ)، ھەقىقەتەن الله پاسىق قەۋمدىن رازى بولمايدۇ﴾
كەئب رَضِيَ اللَّهُ عَنْهُ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ ئۇرۇشقا چىقماي قالغانلارنىڭ قەسەم ئىچىپ تۇرۇپ ئېيتقان ئۆزرىسى ۋە بەيئىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلارغا مەغفىرەت تەلەپ قىلغاندا، بىز ئۈچ كىشىنى الله تعالى نىڭ ھۆكۈم چىقىرىشىغا قالدۇرۇپ قويغان ئىدى. الله تعالى مۇنداق دەيدۇ: ﴿ئىشى كېچىكتۈرۈلگەن ئۈچ كىشى…﴾. لېكىن بۇ ئايەتتە دېيىلىۋاتقان «كېچىكتۈرۈلگەن» دېگەن سۆز ھەرگىزمۇ بىزنىڭ غازاتتىن قالغانلىقىمىزنى كۆرسەتمەيدۇ. بەلكى ئۇ، الله نىڭ قالدۇرۇشى ۋە الله نىڭ پەيغەمبىرىنىڭ بىزنىڭ ئىشىمىزنى رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ گە قەسەم ئىچىپ ئۆزرە ئېيتقان، رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ ئۆزرىلىرىنى قوبۇل قىلغان كىشىلەردىن قالدۇرۇپ قويۇشى ئىدى. [ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم تەڭ رىۋايەت قىلغان]
يەنە بىر رىۋايەتتە «رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ تەبۇك ئۇرۇشىغا پەيشەنبە كۈنى چىقتى. رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ پەيشەنبە كۈنى ئۇرۇشقا چىقىشنى ياخشى كۆرەتتى» دېيىلگەن.
يەنە بىر رىۋايەتتە مۇنداق دېيىلگەن: «رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ سەپەردىن ھەرۋاقىت چاشكا ۋاقتىدا قايتىپ كېلەتتى، كەلگەندە ئالدى بىلەن مەسجىدكە كىرىپ ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇيتتى، ئاندىن مەسجىدتە ئولتۇراتتى.»
