سوئال: ھەۋزى كەۋسەر (يەنى كەۋسەر كۆلى) سىراتتىن بۇرۇن بولامدۇ؟ ياكى سىرات ھەۋزى كەۋسەردىن بۇرۇنمۇ؟
ئىمام بىن باز رەھىمەھۇللاھنىڭ جاۋابى:
ھەۋزى كەۋسەر سىراتتىن بۇرۇن بولىدۇ. ھەۋزى كەۋسەر ئادەملەر مەھشەرگاھتا تۇرغان ۋاقىتتا بولىدۇ. مۇئمىنلەر ئۇنىڭغا كېلىدۇ، كافىرلار بولسا ئۇنىڭدىن مەھرۇم قىلىنىدۇ. مۇئمىنلەر ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنىڭدىن ئىچىدۇ.
(قىيامەتتە، مەھشەرگاھتا) ھەر بىر پەيغەمبەرنىڭ بىر كۆلى بار بولىدۇ. پەيغەمبىرىمىزنىڭ كۆلى ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ چوڭى، ئەڭ كاتتىسىدۇر. ئۇ كۆلنىڭ ئۇزۇنلۇقى بىر ئايلىق مۇساپە، كەڭلىكىمۇ بىر ئايلىق مۇساپىدۇر. ئۇنىڭ ئىچىدىكى قاچىلار ئاسماندىكى يۇلتۇزلارنىڭ سانىچە كۆپ بولىدۇ. كىم ئۇنىڭدىن بىر قېتىم ئىچسە، ئۇنىڭدىن كېيىن ھەرگىز ئۇسساپ قالمايدۇ.
خۇلاسە، ھەۋزى كەۋسەر سىراتتىن بۇرۇن بولىدۇ. ئاندىن ئادەملەر سىراتتىن ئۆتۈشكە بۇيرۇلىدۇ. كىم سىراتتىن ئۆتۈپ كېتەلىسە، نجات تېپىپ، جەننەتكە كىرىدۇ. كىم ئۇنىڭدىن ئۆتەلمەي قالسا، دوزاخقا چۈشۈپ كېتىدۇ.
السؤال:
هل الحوض قبل الصراط، أو الصراط قبل الحوض؟
الجواب:
الحوض قبل الصراط، الحوض حين وجود الناس في المحشر، يرده المؤمنون، ويحرمه الكافرون، يرده المؤمنون، ويشربون.
ولكل نبي حوض، وحوض نبينا أكبرها وأعظمها، طوله شهر، وعرضه شهر، آنيته عدد نجوم السماء، من يشرب منه لا يظمأ بعدها أبدًا، وهو قبل الصراط، ثم يؤمر الناس بالمرور على الصراط، فمن مر على الصراط؛ نجا، وصار إلى الجنة، ومن لم يمر عليه؛ سقط في النار.
