رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ مۇنداق دېگەن:
«مَا مِنْ سَاعَةٍ تَمُرُّ بِابْنِ آدَمَ لَمْ يَذْكُرِ الله فِيهَا إِلَاّ حَسِرَ عَلَيْهَا يَوْمَ القيامة»
«ئىنسان بالىسى قىيامەت كۈنى (دۇنيادىكى چېغىدا) ئاللاھنى زىكىر قىلماستىن ئۆتكۈزگەن ھەربىر سائىتى ئۈچۈن ھەسرەت چېكىدۇ.» [سەھىھۇلجامى 5720 – ھەدىس، ھەسەن]
ئۇنداقتا «ئاللاھنى زىكىر قىلىش»تىن مەقسەت زادى نېمە؟
بۇ ھەقتە، ئەللامە شەيخ بىن باز باشچىلىقىدىكى «سەئۇدىي ئىلمىي تەتقىقات ۋە پەتىۋا ئورگىنى»نىڭ ئالىملىرى مۇنداق دېگەن:
«ذكر الله سبحانه عام ، يشمل : فعل الأوامر ، واجتناب النواهي ، ويشمل التسبيح والتهليل والتحميد جهراً وسراً ، وقراءة القرآن ونحو ذلك مما شرعه الله من الأقوال والأفعال ، وليس منه الطبل والتصفيق والذكر الجماعي ، بل ذلك بدعة لا يجوز.»
«ئاللاھ سۇبھانەھۇنى زىكىر قىلىش ئومۇمىي ئۇقۇم بولۇپ، ئۇ ئاللاھ ۋە رەسۇلى بۇيرۇغان ئىشلارنى قىلىپ، چەكلىگەن ئىشلاردىن يېنىش؛ ئۈنلۈك ياكى تۆۋەن ئاۋازدا تەسبىھ ئېيتىش (سبحان الله دېيىش)، تەھلىل ئېيتىش (لا إلهَ إلَّا اللهُ دېيىش) ۋە ھەمدۇ ئېيتىش؛ شۇنداقلا قۇرئان ئوقۇش قاتارلىق، ئاللاھ ئۆز شەرىئىتىدە بېكىتكەن سۆز – ئەمەللەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. (بەزى ئازغۇنلارنىڭ قىلغىنىدەك) ناغرا – دۇمباق چېلىش، چاۋاك چېلىش ياكى ئوپچە زىكىر – تەسبىھ ئېيتىش قاتارلىقلار <ئاللاھنى زىكىر قىلىش> بولماستىن، چەكلەنگەن بىدئەتتۇر.» [«فتاوى اللجنة الدائمة للبحوث العلمية والإفتاء» (24/170)»]
