1. ئوسمان ئىبنى ئەففان رەزىياللاھۇ ئەنھۇ نىڭ قۇلى ھانىدىن رىۋايەت قىلىنىشىچە،
ئوسمان رەزىياللاھۇ ئەنھۇ ھەر قېتىم قەبرىنىڭ يېنىغا كەلگەندە، ساقاللىرى ھۆل بولغۇدەك يىغلاپ كېتەتتى. ئۇنىڭغا: «سەن جەننەت بىلەن دوزاخ يادىڭغا كەلسە يىغلىماي، بۇنىڭغا يىغلامسەن؟» دېيىلىۋىدى، ئۇ شۇنداق دېدى: دەرۋەقە مەن رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم نىڭ شۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان:
«إِنَّ الْقَبْرَ أَوَّلُ مَنَازِلِ الآخِرَةِ فَإِنْ نَجَا مِنْهُ فَمَا بَعْدَهُ أَيْسَرُ مِنْهُ وَإِنْ لَمْ يَنْجُ مِنْهُ، فَمَا بَعْدَهُ أَشَدُّ مِنْهُ»
«قەبرە ئاخىرەت قارارگاھلىرىنىڭ تۇنجىسىدۇر، ئەگەر كىشى ئۇنىڭدىن سالامەت ئۆتۈپ كەتسە، شۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلار ئاسان بولىدۇ؛ ئەگەر كىشى ئۇنىڭدىن سالامەت ئۆتەلمىسە، شۇنىڭدىن كېيىنكىسى تېخىمۇ قورقۇنچلۇق بولىدۇ»
شۇنداقلا، مەن يەنە رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم نىڭ شۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان:
«مَا رَأَيْتُ مَنْظَرًا قَطُّ إِلاَّ وَالْقَبْرُ أَفْظَعُ مِنْهُ»
«مەن قانداقلا بىر (قورقۇنچلۇق) مەنزىرە كۆرگەن بولسام، قەبرە ئۇنىڭدىن تېخىمۇ قورقۇنچلۇقتۇر» [ئىمام تىرمىزى توپلىغان، شەيخ ئەلبانى «سەھىھۇت تەرغىب ۋەتتەرھىب»دە سەھىھ دەپ باھالىغان].
2. ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىياللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم نىڭ شۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان:
«إن الموتى ليعذبون في قبورهم حتى إن البهائم لتسمع أصواتهم»
«ھەقىقەتەن ئۆلۈك قەبرىسىدە ئازابلىنىدۇ، ھەتتا ھايۋانلارمۇ ئۇلارنىڭ چىرقىرىشىنى ئاڭلايدۇ» [ئىمام ئەبۇ نۇئەيىم ۋە ئىمام تەبرانى («ئەلكەبىر»دە) توپلىغان، شەيخ ئەلبانى «سەھىھۇلجامى» 1965 – نومۇردا سەھىھ دەپ باھالىغان].
3. ئىبنى ئابباس رەزىياللاھۇ ئەنھۇما رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم نىڭ شۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان:
«لَوْ نجَا أَحَدٌ مِنْ ضَمَّةِ الْقَبرِ لَنَجَا سَعْدُ بْنُ مُعَاذ، وَلَقَدْ ضُمَّ ضَمَّةً ثُمَّ رُوخِيَ عَنه»
«ئەگەر بىرەر كىشى قەبرىنىڭ سىقىشىدىن قۇتۇلالىغان بولسا، ئۇ سەئىد ئىبنى مۇئاز بولغان بولاتتى. ھالبۇكى، ئۇ (قەبرە تەرىپىدىن) بىر قېتىم سىقىلىپ، ئاندىن قويۇۋېتىلدى» [ئىمام تەبرانى «ئەلكەبىر»دە توپلىغان، شەيخ ئەلبانى «سەھىھۇلجامى» 5306 – نومۇردا سەھىھ دەپ باھالىغان].
بۇ ھەدىستە سەئىد ئىبنى مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ تىلغا ئېلىنغانلىقى ھەققىدە بىر ئاز توختىلىشقا توغرا كېلىدۇ:
(1) سەھىھ ھەدىستە رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەلۇم بىر يىپەكنىڭ يۇمشاقلىقىدىن ھەيران بولۇشقان ساھابىلەرگە “سەئىد ئىبنى مۇئازنىڭ جەننەتتىكى قولياغلىقى بۇنىڭدىنمۇ يۇمشاق” دېگەن. يەنە بۇ كىشى مۇھەققەق ئەھلى جەننەتتىندۇر.
(2) يەنە بىر سەھىھ ھەدىستە، “رەھمان تائالانىڭ ئەرشى سەئىد ئىبنى مۇئازنىڭ ئۆلۈمىدىن تەۋرەپ كەتتى” دېيىلگەن. بۇ ھەدىسنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە تۆۋەندىكى ئۇلانمىنى بېسىڭ:
دېمەك، سەئىد ئىبنى مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئەنە شۇ قەدەر پەزىلەتلىك زات بولۇشىغا قارىماستىن، يەنىلا قەبرىدىكى ئاشۇ خىل سىقىلىشتىن مۇستەسنا بولالمىغان. شۇڭا تەقۋا، پەزىلەت جەھەتتە بۇ پېشۋالىرىمىز بىلەن سېلىشتۇرۇش مۇمكىن بولمايدىغان بىزگە ئوخشاش غەپلەتتىكى بەندىلەر قەبرىدىكى ئاشۇ ھالەتتە كۆپ ئەسلەشكە ۋە شۇ ئارقىلىق ئاللاھقا ئىتائەتسىزلىك قىلىشتىن ساقلىنىشقا تىرىشىشىمىز لازىم. ئاللاھ تائالا بىزلەرنى قەبرە ئازابىدىن، دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغاي!
