ئاللاھ بىلەن ئۇچرىشىشنى ياخشى كۆرىدىغانلارنىڭ ۋە ياخشى كۆرمەيدىغانلارنىڭ ئەھۋالى

ئۇبادە ئىبنى سامىت رضي الله عنه دىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ﷺ شۇنداق دېگەن: « مَنْ أَحَبَّ لِقَاءَ اللَّهِ أَحَبَّ اللَّهُ لِقَاءَهُ، وَمَنْ كَرِهَ لِقَاءَ اللَّهِ كَرِهَ اللَّهُ لِقَاءَهُ» «كىمكى الله بىلەن ئۇچرىشىشنى ياخشى كۆرسە، الله مۇ ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىشنى ياخشى كۆرىدۇ؛ كىمكى الله بىلەن ئۇچرىشىشنى يامان كۆرىدىكەن، الله مۇ ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىشنى يامان كۆرىدۇ».

ئائىشە رضي الله عنها ياكى رەسۇلۇللاھ ﷺ نىڭ ئاياللىرىدىن باشقا بىرى يۇقىرىقى سۆزنى ئاڭلىغاندىن كېيىن «لېكىن، بىز ئۆلۈمنى يامان كۆرىمىز» دېگەندە، رەسۇلۇللاھ ﷺ:

«لَيْسَ ذَاكَ، وَلَكِنَّ الْمُؤْمِنَ إِذَا حَضَرَهُ الْمَوْتُ بُشِّرَ بِرِضْوَانِ اللَّهِ وَكَرَامَتِهِ، فَلَيْسَ شَىْءٌ أَحَبَّ إِلَيْهِ مِمَّا أَمَامَهُ، فَأَحَبَّ لِقَاءَ اللَّهِ وَأَحَبَّ اللَّهُ لِقَاءَهُ، وَإِنَّ الْكَافِرَ إِذَا حُضِرَ بُشِّرَ بِعَذَابِ اللَّهِ وَعُقُوبَتِهِ، فَلَيْسَ شَىْءٌ أَكْرَهَ إِلَيْهِ مِمَّا أَمَامَهُ، كَرِهَ لِقَاءَ اللَّهِ وَكَرِهَ اللَّهُ لِقَاءَهُ»

«بۇ ئۇ مەنىدە ئەمەس. بىرەر مۇئمىننىڭ بېشىغا ئۆلۈم كەلگەندە، ئۇنىڭغا الله نىڭ رازىلىقى ۋە ئىنئاملىرى بىلەن خۇش خەۋەر بېرىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، ھېچنەرسە ئۇنىڭغا ئالدىكى نەرسە (يەنى ئۆلۈم)دەك سۆيۈملۈك بولمايدۇ، ئۇ الله بىلەن ئۇچرىشىشنى ياخشى كۆرىدۇ، الله مۇ ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىشنى ياخشى كۆرىدۇ؛ لېكىن، بىرەر كاپىرنىڭ بېشىغا ئۆلۈم كەلگەندە، ئۇنىڭغا الله نىڭ ئازابى ۋە جازاسى بىلەن بېشارەت بېرىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن، ھېچنەرسە ئۇنىڭغا ئالدىكى نەرسە (يەنى ئۆلۈم)دەك نەپرەتلىك بولمايدۇ، ئۇ الله بىلەن ئۇچرىشىشنى يامان كۆرىدۇ، الله مۇ ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىشنى يامان كۆرىدۇ» دېگەن [ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم توپلىغان].

ئەبۇ ھۇرەيرە رضي الله عنه دىن رىۋايەت قىلىنغان يەنە بىر ھەدىستە رەسۇلۇللاھ ﷺ شۇنداق دېگەن:

 «ھەقىقەتەن، بىرەر مۇئمىننىڭ بېشىغا ئۆلۈم كەلگەندە ۋە ئۇ (ئۆزى ئۆلۈمدىن كېيىن نائىل بولىدىغان مۇكاپاتتىن دېرەك بېرىدىغان) بەزى ئىشلارنى كۆرگەندە، ئۇ ئۆز جېنىنىڭ (تېزرەك) ئېلىنىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ ۋە الله مۇ ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىشنى ياخشى كۆرىدۇ…

ئەمما، الله نىڭ دۈشمەنلىرى (يەنى كاپىرلار)دىن بىرەرسىنىڭ بېشىغا ئۆلۈم كەلگەندە ۋە ئۇ (ئۆزى ئۆلۈمدىن كېيىن دۇچار بولىدىغان ئازابتىن دېرەك بېرىدىغان) بەزى ئىشلارنى كۆرگەندە، ئۇ ئۆز جېنىنىڭ مەڭگۈ ئېلىنماسلىقىنى ئارزۇ قىلىدۇ ۋە الله مۇ ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىشنى ئۆچ كۆرىدۇ…» [ئىمام بەززار توپلىغان. شەيخ ئەلبانى «ئەسسەھىھە» 2628 – نومۇردا سەھىھ دەپ باھالىغان].

* ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتلىك دىنىي ئىلىملەرنى ئىگىلەپ ۋە شۇ بويىچە ئەمەل قىلىپ، دۇنيا – ئاخىرەتتە سائادەتمەنلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، بۇ بەتنى ۋە تور بېتىمىزدىكى باشقا ماقالە – پەتىۋالارنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە تارقىتىپ قويغايسىز.