مۇئمىننىڭ ۋە كاپىرنىڭ جېنى ئېلىنغاندىن كېيىن نېمە ئىشلار يۈز بېرىدۇ؟

شەيخ مۇھەممەد ئەلجىبالىنىڭ «بەسىرە ئاكادېمىيەسى» تەرىپىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ تارقىتىلغان «بەرزەخ ھاياتى» دېگەن كىتابىدىن ئېلىندى.

تۆۋەندىكىسى بەرزەخ ھاياتىدىكى تۈرلۈك ۋەقەلەر بايان قىلىنىدىغان ھەدىسلەردۇر:

  1. بەرا رضي الله عنه نىڭ ھەدىسى

بەرا رضي الله عنه دىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىز (ساھابىلەر) ئەنساردىن بولغان بىرەيلەننىڭ جىنازا نامىزىغا قاتنىشىش ئۈچۈن رەسۇلۇللاھ ﷺ بىلەن بىللە چىقتۇق ۋە تېخى كولانمىغان بىر قەبرىنىڭ يېنىغا كەلدۇق. رەسۇلۇللاھ ﷺ قىبلىگە قاراپ ئولتۇردى. ساھابىلەرمۇ ئۇنىڭ يېنىدا گويا بېشىغا قونغان قۇشنى ئۈركۈتۈۋەتمەسلىككە تىرىشىۋاتقاندەك جىمجىت ئولتۇرۇشتى. رەسۇلۇللاھ ﷺ نىڭ قولىدا بىر تاياق بولۇپ، ئۇ شۇنىڭ بىلەن يەرنى جىجاۋاتاتتى. ئۇ ئاسمان قارىدى، ئاندىن يەرگە قارىدى. (شۇ شەكىلدە) يۇقىرىغا ۋە تۆۋەنگە ئۈچ قېتىم قارىغاندىن كېيىن، ساھابىلەرگە ئىككى ياكى ئۈچ قېتىم «الله قا سېغىنىپ، قەبرە ئازابىدىن پاناھ تىلەڭلار» دېدى. ئاندىن ئۈچ قېتىم: «ئى الله مەن ساڭا سېغىنىپ، قەبرە ئازابىدىن پاناھ تىلەيمەن» دېدى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ شۇنداق دېدى:

مۇئمىن بەندە دۇنيا ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ئاخىرەتكە يۈزلىنىدىغان ۋاقىتتا، ئاسماندىن چىرايىدىن قۇياشتەك نۇر يېغىپ تۇرىدىغان پەرىشتىلەر چۈشىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرى بىلەن جەننەت كىيىملىرىدىن بولغان كېپەنلەرنى ۋە جەننەتنىڭ خۇشبۇي نەرسىلىرىنى بىرگە ئېلىپ كېلىدۇ. ئۇلار مۇئمىن بەندىنىڭ كۆزى يەتكۈدەك يەردە ئولتۇرىدۇ. جان ئالغۇچى پەرىشتە ئۇ كىشىنىڭ بېشى تەرەپكە كېلىپ ئولتۇرۇپ: <ئى پاك روھ! رەببىڭنىڭ رازىلىقى ۋە مەغفىرىتى تەرىپىگە چىققىن> دەيدۇ ۋە بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، روھ بەدەندىن خۇددى سۇنىڭ تۇلۇمنىڭ ئاغزىدىن سىيرىلغىنىدەك (ئاسان) چىقىدۇ – دە، ئۆلۈم پەرىشتىسى ئۇنى ئالىدۇ.

روھ بەدەندىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ئاسمان – زېمىن ئارىسىدىكى بارلىق پەرىشتىلەر ۋە ئاسماندىكى بارلىق پەرىشتىلەر ئۇنىڭغا سالام يوللايدۇ[1]. ئاسماننىڭ بارلىق ئىشىكلىرى ئۇنىڭ ئۈچۈن ئېچىلىدۇ؛ ھەربىر ئىشىكتىكى قوغدىغۇچىلار الله قا يېلىنىپ، بۇ روھنىڭ (الله ﷻ نىڭ دەرگاھىغا) ئۆزلىرى تەرەپتىن ئۆرلىشىنى تىلەيدۇ.

ئۆلۈم پەرىشتىسى ئۇنىڭ جېنىنى ئالغاندىن كېيىن، ئۇلار (يەنى باشقا پەرىشتىلەر) ئۇنى ئۆلۈم پەرىشتىسىنىڭ قولىدا كۆز يۇمۇپ ئاچقىچىلىكمۇ قويماستىن، مەزكۇر روھنى قولدىن – قولغا ئېلىپ جەننەتتىن ئېلىپ كەلگەن خۇشبۇيلار بىلەن بىرگە كېپەنلىككە قويىدۇ. مانا بۇ الله نىڭ { تَوَفَّتْهُ رُسُلُنَا وَهُمْ لَا يُفَرِّطُونَ} «ئۇنى بىزنىڭ پەرىشتىلىرىمىز قەبزى روھ قىلىدۇ. ئۇلار (الله ﷻ نىڭ ئەمرىنى ئورۇنلاشتا) بىپەرۋالىق قىلمايدۇ»[2] دېگەن سۆزىدۇر.

ئۇنىڭدا زېمىندا تېپىلىدىغان ئەڭ خۇشبۇي مۇشكى – ئەنبەرلەرنىڭ پۇرىقىغا ئوخشاش خۇشپۇراقلار چىقىپ تۇرىدۇ. ئاندىن پەرىشتىلەر ئۇ روھنى ئېلىپ ئاسمانغا ئۆرلەيدۇ. ئۇلار توپلىشىۋالغان پەرىشتىلەرنىڭ يېنىدىن ئۆتكەندە، ئاسماندىكى پەرىشتىلەر: <بۇ پاك روھ كىمنىڭ؟> دەپ سورايدۇ، ئۇلار: <بۇ پالانىنىڭ ئوغلى پالانىنىڭ روھى> دەپ ئۇنى دۇنيادا ئاتالغان ئەڭ چىرايلىق ئىسمى بىلەن ئاتايدۇ. ئاندىن ئۇلار تۆۋەنكى ئاسمانغا يېتىپ كېلىپ، ئاسماننىڭ ئىشىكىنىڭ ئېچىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئىشىك ئۇلار ئۈچۈن ئېچىلىدۇ. تاكى بۇ مۇئمىننىڭ روھى يەتتىنچى ئاسمانغىچە ئاپىرىلغۇچە، ھەربىر ئاسماننىڭ ئەڭ مۇقەررەپ پەرىشتىلىرى بۇ روھقا ئەگىشىپ، يەنە بىر ئاسمانغىچە بارىدۇ. ئاندىن الله عز وجل: <بەندەمنىڭ كىتابىنى ئىللىيۇنغا (ئەڭ يۇقىرى دەرىجىگە) يېزىڭلار، ئۇنى زېمىنغا قايتۇرۇڭلار، مەن ئۇنى زېمىندىن ياراتتىم، زېمىنغا قايتۇرىمەن ۋە ئۇنى زېمىندىن قايتا تىرىلدۈرىمەن> دەيدۇ.

ئاندىن ئۇ زېمىنغا قايتۇرۇلىدۇ ۋە ئۇنىڭ روھى جەسىتىگە قايتۇرۇلىدۇ – دە، ئۇ ھەمراھلىرىنىڭ ئۇنىڭ قەبرىسىدىن ئايرىلغان چاغدىكى ئاياغ تىۋىشىنى ئاڭلايدۇ.

ئىككى پەرىشتە كېلىپ ئۇ كىشىنى ئولتۇرغۇزۇپ: <رەببىڭ كىم؟> دەپ سورايدۇ، ئۇ: <رەببىم الله> دەيدۇ، پەرىشتىلەر: <دىنىڭ نېمە؟> دەيدۇ، ئۇ: <دىنىم ئىسلام> دەيدۇ. ئاندىن پەرىشتىلەر: <سىلەرگە ئەۋەتىلگەن بۇ كىشى كىم؟> دەپ سورايدۇ. ئۇ: <ئۇ الله نىڭ ئەلچىسىدۇر» دەيدۇ. پەرىشتىلەر: <سەن بۇنى قەيەردىن بىلدىڭ؟> دەپ سورايدۇ، ئۇ: <قۇرئان كەرىمنى تىلاۋەت قىلدىم، ئۇنىڭغا ئىشەندىم ۋە ئۇنى تەستىقلىدىم> دەيدۇ. پەرىشتىلەر ئۇنى يەنە بىر قېتىم سىلكىيدۇ ۋە: <رەببىڭ كىم؟ دىنىڭ نېمە؟ پەيغەمبىرىڭ كىم؟> دەپ سورايدۇ. بۇ مۇئمىن دۇچ كېلىدىغان ئاخىرقى پىتنە (سىناق)تۇر. ئۇ (يەنى مۇئمىن بەندە) «رەببىم الله، دىنىم ئىسلام، پەيغەمبىرىم مُحَمَّدٌ (ﷺ)» دەپ تەكرارلايدۇ. ئەنە شۇ الله نىڭ {يُثَبِّتُ اللَّهُ الَّذِينَ آمَنُوا بِالْقَوْلِ الثَّابِتِ فِي الْحَيَاةِ الدُّنْيَا وَفِي الْآخِرَةِ} «الله مۇئمىنلەرنى مۇستەھكەم ئىمان بىلەن دۇنيادا ۋە ئاخىرەتتە مۇستەھكەم تۇرغۇزىدۇ»[3] دېگەن سۆزىدۇر.

ئاندىن ئاسماندىن بىر نىدا قىلغۇچى: <بەندەم راست ئېيتتى، ئۇنىڭغا جەننەتتىن پايانداز سېلىڭلار، ئۇنى جەننەتتىن كىيىندۈرۈڭلار، قەبرىسىدىن جەننەتكە قاراپ تۇرىدىغان ئىشىك ئېچىڭلار!> دەيدۇ. ھەمدە ئۇنىڭغا جەننەتكە قاراپ تۇرىدىغان بىر ئىشىك ئېچىلىدۇ – دە، جەننەتنىڭ لەززەتلىرى ۋە خۇشپۇراقلىرىدىن بەزىلىرى ئۇنىڭغا كېلىدۇ. ئۇنىڭ قەبرىسى كۆز يەتكۈدەك يەرگىچە كېڭەيتىلىدۇ.

ئاندىن، ئۇنىڭ يېنىغا كېلىشكەن، چىرايلىق كىيىنگەن، خۇش پۇراقلىق بىر كىشى كېلىدۇ ۋە: <مەن ساڭا سېنى خۇرسەن قىلىدىغان ئىشلار بىلەن، الله نىڭ رازىلىقى بىلەن، مەڭگۈ داۋاملىشىدىغان جەننەتلەر بىلەن خۇش بېشارەت بەرگىلى كەلدىم، مانا بۇ ساڭا ۋەدە قىلىنغان كۈندۇر> دەيدۇ، ئۇ: <الله نىڭ خۇش بېشارىتى ساڭىمۇ بولسۇن. سەن كىم؟ چىرايىڭدىن ياخشىلىق ئالامەتلىرى كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ> دەيدۇ، ئۇ: <مەن سېنىڭ ياخشى ئەمەللىرىڭ. الله بىلەن قەسەمكى، مەن پەقەت سېنىڭ الله قا ئىتائەت قىلىشتا تېز، ئۇنىڭغا ئىتائەتسىزلىك قىلىشتا ئاستا ئىكەنلىكىڭنى بىلەتتىم، الله سېنى ياخشىلىق بىلەن مۇكاپاتلاندۇرسۇن> دەيدۇ.

ئاندىن، ئۇنىڭ ئۈچۈن جەننەتكە قارىتىلىپ بىر ئىشىك، دوزاخقا قارىتىلىپمۇ بىر ئىشىك ئېچىلىدۇ ۋە ئۇنىڭغا: <ئەگەر سەن الله قا ئىتائەتسىزلىك قىلغان بولساڭ، بۇ (يەنى دوزاخ) سېنىڭ قارارگاھىڭ بولغان بولاتتى. لېكىن، الله ئۇنى سەن ئۈچۈن بۇنىڭغا (يەنى جەننەتكە) ئالماشتۇرۇپ بەردى> دەيدۇ. ئۇ كىشى جەننەتتە ئۆزىنى كۈتۈپ تۇرغان نەرسىلەرنى كۆرگەندىن كېيىن: <ئى الله! قىيامەتنى تېزرەك قايىم قىلغىن، مەن ئائىلەمنىڭ ۋە مۈل – مۈلكۈمنىڭ يېنىغا قايتاي> دەيدۇ. ئۇنىڭغا: <ئالدىرىما> دېيىلىدۇ.

كاپىر دۇنيا ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ئاخىرەتكە يۈزلىنىدىغان ۋاقىتتا، ناھايىتى بەستلىك، يۈزلىرى قاپقارا پەرىشتىلەر ئاسماندىن چۈشۈپ، كۆز يەتكۈدەك يەرگە كېلىپ ئولتۇرىدۇ، ئۇلار ئۆزلىرى بىلەن دوزاختىن بولغان، كەندىردىن تەييارلانغان قوپال كېپەنلىكنى بىرگە ئېلىپ كېلىدۇ. ئاندىن كېيىن جان ئالغۇچى پەرىشتە كېلىپ ئۇنىڭ بېشىدا ئولتۇرۇپ: <ئى نىجىس روھ! الله نىڭ غەزىپى ۋە ئازابى تەرەپكە چىققىن> دەپ توۋلايدۇ – دە، (بۇنىڭ ئاڭلىغانلىقتىن) ئۇنىڭ روھى چۆچۈپ، بەدىنىگە چاپلىشىۋالىدۇ. ئۆلۈم پەرىشتىسى ئۇنىڭ روھىنى جەسىتىدىن خۇددى تىكەنلىك تاياقنى ھۆل يۇڭدىن تارتىپ ئالغاندەك قوپاللىق بىلەن ئالىدۇ – دە، (ئازابنىڭ دەستىدىن) ئۇنىڭ پۈتۈن تومۇر ۋە نېرۋىلىرى ئۈزۈلۈپ كېتىدۇ.

ئاندىن كېيىن ئاسمان – زېمىن ئارىسىدىكى بارلىق پەرىشتىلەر ۋە ئاسماندىكى بارلىق پەرىشتىلەر ئۇنىڭغا لەنەت ئېيتىدۇ. ئاسمانلارنىڭ ئىشىكلىرى تاقىلىدۇ ۋە ھەربىر ئىشىكتىكى قوغدىغۇچىلار الله قا يېلىنىپ، بۇ روھنىڭ (الله ﷻ نىڭ دەرگاھىغا) ئۆزلىرى تەرەپتىن ئۆرلىمەسلىكىنى تىلەيدۇ.

ئۆلۈم پەرىشتىسى ئۇنىڭ جېنىنى ئالغاندىن كېيىن، ئۇلار (باشقا پەرىشتىلەر) ئۇنىڭ جېنىنى كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە قولدىن قولغا ئېلىپ، قوپال – يىرىك كېپەنگە قويىدۇ، ئۇنىڭدىن زېمىندا سېسىپ كەتكەن جەسەتتىن چىققاندەك سېسىق پۇراق چىقىپ تۇرىدۇ.

ئاندىن، پەرىشتىلەر كاپىرنىڭ روھىنى ئېلىپ ئاسمانغا ئۆرلەيدۇ. بۇ جەرياندا ئۇچرىغانلىكى پەرىشتىلەر: <بۇ سېسىق روھ كىمنىڭ؟> دەيدۇ، ئۇلار: <بۇ پالانىنىڭ ئوغلى پالانىنىڭ روھى> دەپ ئۇنى دۇنيادا ئاتالغان ئەڭ سەت ئىسمى بىلەن ئاتايدۇ. ئۇلار تۆۋەنكى ئاسمانغا يېتىپ كېلىپ، كىرىش ئۈچۈن ئىجازەت سورايدۇ، لېكىن ئاسماننىڭ ئىشىكى ئۇنىڭ ئۈچۈن ئېچىلمايدۇ. (ئاندىن رەسۇلۇللاھ ﷺ بۇ ئايەتنى ئوقۇدى:)

{لَا تُفَتَّحُ لَهُمْ أَبْوَابُ السَّمَاءِ وَلَا يَدْخُلُونَ الْجَنَّةَ حَتَّىٰ يَلِجَ الْجَمَلُ فِي سَمِّ الْخِيَاطِ}

«ئۇلارغا ئاسماننىڭ دەرۋازىسى ئېچىلمايدۇ (يەنى ئۇلارنىڭ ياخشى ئەمەلى ۋە دۇئاسى قوبۇل بولمايدۇ)، تاكى تۆگە يىڭنىنىڭ تۆشۈكىدىن ئۆتكۈچە ئۇلار جەننەتكە كىرمەيدۇ (يەنى ئۇلار ھەرگىزمۇ جەننەتكە كىرمەيدۇ)»[4].

الله: <ئۇنىڭ كىتابىنى (ئەمەل دەپتىرىنى) ئەڭ تۆۋەنكى زېمىندىكى سىججىنغا يېزىڭلار. ئۇنى زېمىنغا قايتۇرۇڭلار، مەن ئۇنى زېمىندىن ياراتتىم، زېمىنغا قايتۇرىمەن ۋە ئۇنى زېمىندىن قايتا تىرىلدۈرىمەن> دەيدۇ. ئۇنىڭ روھى پەرۋا قىلىنماستىن ئاسماندىن تاشلىنىپ، ئۇنىڭ بەدىنىگە چۈشىدۇ. (ئاندىن رەسۇلۇللاھ ﷺ تۆۋەندىكى ئايەتنى تىلاۋەت قىلدى)

{وَمَن يُشْرِكْ بِاللَّهِ فَكَأَنَّمَا خَرَّ مِنَ السَّمَاءِ فَتَخْطَفُهُ الطَّيْرُ أَوْ تَهْوِي بِهِ الرِّيحُ فِي مَكَانٍ سَحِيقٍ}

«كىمكى الله قا شېرىك كەلتۈرىدىكەن، ئۇ گويا ئاسماندىن تاشلىنىپ، قۇشلار ئۇنى ئېلىپ قاچقاندەك، ياكى بوران ئۇنى ئېلىپ بېرىپ يىراق جايغا تاشلىۋەتكەندەك بولۇپ قالىدۇ». [5]

ئاندىن ئۇنىڭ روھى جەسىتىگە قايتۇرۇلىدۇ – دە، ئۇ ھەمراھلىرىنىڭ ئۇنىڭ قەبرىسىدىن ئايرىلغان چاغدىكى ئاياغ تىۋىشىنى ئاڭلايدۇ.

ئاندىن قاتتىق ئەيىبلىگۈچى پەرىشتىلەر كېلىپ ئۇنى سىلكىيدۇ ۋە ئۇنى ئولتۇرغۇزۇپ: <رەببىڭ كىم؟> دەپ سورايدۇ، ئۇ: <ھە! ھە! مەن بىلمەيمەن> دەيدۇ. پەرىشتىلەر: <دىنىڭ نېمە؟> دەيدۇ، ئۇ: <ھە! ھە! مەن بىلمەيمەن> دەيدۇ. پەرىشتىلەر: <سىلەرگە ئەۋەتىلگەن بۇ كىشى كىم؟> دەپ سورايدۇ. ئۇ رەسۇلۇللاھ ﷺ نىڭ ئىسمىنى ئەسلىيەلمەيدۇ – دە، ئۇنىڭغا: <(بۇ) مُحَمَّدٌ> دېيىلىدۇ. ئاندىن ئۇ: <ھە! ھە! مەن بىلمەيمەن، مەن پەقەت كىشىلەرنىڭ شۇنداق دېگەنلىكىنىلا ئاڭلىغانىدىم> دەيدۇ. پەرىشتىلەر: <سەن بىلمەيتتىڭ، ھەم (قۇرئاننىمۇ) ئوقۇمىغانىدىڭ> دەيدۇ. ئاندىن ئاسماندىن بىر نىدا قىلغۇچى: <ئۇ يالغان ئېيتتى! ئۇنىڭغا دوزاختىن بىر كۆرپە سېلىڭلار ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن دوزاخقا قارايدىغان بىر ئىشىك ئېچىڭلار> دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن، دوزاخنىڭ ھارارىتى ۋە شىددەتلىك ئىسسىقى ئۇنىڭغا يېتىپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ قەبرىسى شۇنچىلىك تارايتىلىدۇكى، ئۇنىڭ قوۋۇرغىلىرى بىر – بىرىگە كىرىشىپ كېتىدۇ.

ئاندىن ئۇنىڭ يېنىغا چىرايى بەتبەشىرە، كىيىملىرى كىشىنى يىرگىندۈرىدىغان، سەسكىنىشلىك پۇراقلار چىقىپ تۇرىدىغان بىر كىشى پەيدا بولۇپ: <مەن ساڭا سېنى پەرىشان قىلىدىغان نەرسىلەردىن خەۋەر بەرگىلى كەلدىم، ساڭا ۋەدە قىلىنغان كۈن مۇشۇ> دەيدۇ. ئۇ: <الله تىن بولغان شۇم خەۋەر ساڭىمۇ بولسۇن! سەن كىم؟ چىرايىڭدىن يامانلىق ئالامەتلىرى كۆرۈلۈپلا تۇرىدۇ> دەيدۇ. ئۇ ئادەم: <مەن سېنىڭ يامان ئەمەللىرىڭ. الله بىلەن قەسەمكى، مەن پەقەت سېنىڭ الله قا ئىتائەت قىلىشتا ئاستا، ئۇنىڭغا ئىتائەتسىزلىك قىلىشتا تېز ئىكەنلىكىڭنى بىلەتتىم. الله سېنى يامانلىق بىلەن جازالىغاي> دەيدۇ.

كور، گاس ۋە گاچا بىر ئادەم ئۇنىڭغا ئەۋەتىلىدۇ. ئۇنىڭ قولىدا بىر بازغان بار بولۇپ، ئەگەر شۇ بازغان بىلەن تاغقا ئۇرۇلسا، تاغنى كۇكۇم – تالقان قىلىۋەتكەن بولاتتى. بۇ كىشى ھېلىقى كاپىرنى ئاشۇ بازغان بىلەن بىرنى ئۇرىدۇ – دە، ئۇ توپىغا ئايلىنىپ كېتىدۇ. ئاندىن الله ئۇنى ئەسلىدىكى ھالىتىگە قايتۇرىدۇ. (بازغانلىق) بۇ كىشى ئۇنى يەنە ئۇرىدۇ، ھېلىقى كاپىر شۇنداق بىر چىرقىرايدۇكى، بۇ ئاۋازنى ئىنسانلار بىلەن جىنلاردىن باشقا ھەممە ئاڭلايدۇ.

ئاندىن ئۇنىڭ ئۈچۈن دوزاخقا قارىتىلىپ بىر ئىشىك ئېچىلىدۇ، ئۇنىڭغا ئوتتىن بولغان نەرسىلەر بېرىلىدۇ. ئاندىن ئۇ: <ئى رەببىم! قىيامەتنى قايىم قىلمىغىن! دەيدۇ»[6] [ئىمام ئەھمەد، ئىمام ئەبۇ داۋۇد ۋە باشقىلار توپلىغان. شەيخ ئەلبانى «سەھىھۇلجامى» 1676 – نومۇردا سەھىھ دەپ باھالىغان].

  1. ئەبۇ ھۇرەيرە رضي الله عنه نىڭ بىرىنچى ھەدىسى

ئەبۇ ھۇرەيرە رضي الله عنه رەسۇلۇللاھ ﷺ نىڭ شۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان:

«ھەقىقەتەن، ئۆلۈۋاتقان كىشىلەرنىڭ يېنىدا پەرىشتىلەر شاھىت بولۇپ تۇرىدۇ. ئەگەر ئۇ سالىھ بىرى بولسا ئۆلۈم پەرىشتىسى: <چىققىن! ئى پاك بەدەندە ياشىغان پاك روھ! ماختالغان ھالدا چىققىن، (جەننەتتىكى) بەخت – سائادەت، خۇشپۇراق ھەمدە غەزەپلەنمىگەن رەب توغرىسىدا خۇش بېشارەت ئالغىن> دەيدۇ. ئۇ بۇ سۆزنى تاكى شۇ كىشىنىڭ روھى بەدىنىدىن ئايرىلغانغا قەدەر تەكرارلاپ تۇرىدۇ. ئاندىن ئۇنىڭ روھى (تۆۋەنكى) ئاسمانغا ئېلىپ بېرىلىپ، (ئۆرلەش ئۈچۈن) ئىجازەت سورالغاندا،: <بۇ كىم؟> دېيىلىدۇ. پەرىشتە جاۋابەن: <پالانى بىلەن پالانى> دەيدۇ. ئاندىن: <خۇش كەلدىڭ، پاك بەدەندە ياشىغان پاك روھ! ماختالغان ھالدا كىرگىن ۋە (جەننەتتىكى) بەخت – سائادەت، خۇشپۇراق ھەمدە غەزەپلەنمىگەن رەب توغرىسىدا خۇش بېشارەت ئالغىن> دەيدۇ. تاكى ئۇلار ئۈستىدە الله بار (يەتتىنچى) ئاسمانغا يېتىپ بارغانغا قەدەر، بۇ (خىل سوئال – جاۋابلار، ھەربىر ئاسماندا) تەكرارلىنىدۇ.

ناچار كىشىگە بولسا، ئۇ (يەنى ئۆلۈم پەرىشتىسى): <چىققىن، ئى نىجىس بەدەندە ياشىغان نىجىس روھ! مالامەت قىلىنغان ھالدا چىققىن، (دوزاختىكى) قايناۋاتقان سۇيۇقلۇقلار ۋە مەينەت يىرىڭلار بىلەن، شۇنداقلا شۇنىڭغا ئوخشاش باشقا جازالارنىڭ ھەممىسى بىلەن شۇم بېشارەت ئالغىن> دەيدۇ. بۇ سۆز تاكى شۇ كىشىنىڭ روھى بەدىنىدىن ئايرىلغانغا قەدەر تەكرارلىنىپ تۇرىدۇ. ئاندىن ئۇنىڭ روھى (تۆۋەنكى) ئاسمانغا ئېلىپ بېرىلىپ، (ئۆرلەش ئۈچۈن) ئىجازەت سورالغاندا،: <بۇ كىم؟> دېيىلىدۇ. پەرىشتە جاۋابەن: <پالانى بىلەن پالانى> دەيدۇ. ئاندىن: <خۇش كەلمىدىڭ، نىجىس بەدەندە ياشىغان نىجىس روھ! مالامەت قىلىنغان ھالدا قايتقىن، چۈنكى ئاسماننىڭ ئىشىكلىرى سەن ئۈچۈن ئېچىلمايدۇ> دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاسماندىن ئېلىپ چۈشۈلۈپ، قەبرىگە كىرىدۇ.

سالىھ كىشى قەبرىسىدە قورقۇنچتىن ۋە ۋەھىمىدىن ئەمىن بولغان ھالدا ئولتۇرىدۇ. ئۇنىڭدىن: <سەن نېمىلەرنى قىلدىڭ؟> دەپ سورىلىدۇ. ئۇ: <مەن ئىسلامغا يېپىشتىم> دەپ جاۋاب بېرىدۇ. ئاندىن ئۇنىڭدىن: <ئۇ كىشى كىم؟> دەپ سورىلىدۇ. ئۇ: <مُحَمَّدٌ، الله نىڭ رەسۇلى (ﷺ). ئۇ بىزگە الله تىن روشەن دەلىللەرنى ئېلىپ كەلدى ۋە بىز ئۇنىڭغا ئىمان كەلتۈردۇق> دەيدۇ. ئاندىن ئۇنىڭدىن: <سەن الله نى كۆرگەنمۇ؟> دەپ سورىلىدۇ. ئۇ: <ھېچكىمنىڭ (دۇنيا ھاياتىدا) الله نى كۆرەلىشى مۇمكىن ئەمەس> دەيدۇ.

ئۇنىڭ قەبرىسىدىن (دوزاختىكى) ئوتقا قارىتىلىپ بىر تۆشۈك ئېچىلىدۇ – دە، ئۇ (دوزاختا) قىستا – قىستاڭ ھالەتتە تۇرغان تۈرلۈك پىرقىلەرنى كۆرىدۇ. ئۇنىڭغا: <الله نىڭ سېنى نېمىدىن قۇتقۇزغانلىقىغا قارىغىن> دېيىلىدۇ. ئاندىن ئۇنىڭغا جەننەتكە قارايدىغان يەنە بىر تۆشۈك ئېچىلىدۇ – دە، ئۇ جەننەتنىڭ پەۋقۇلئاددە كۆركەملىكىنى ۋە ئۇنىڭدىكى نەرسىلەرنى (يەنى تۈرلۈك نېمەتلەرنى) كۆرىدۇ. ئاندىن ئۇنىڭغا: <بۇ سېنىڭ جايىڭدۇر. سەن (الله قا قارىتا) جەزم (يەنى قەتئىي ئىمان) بىلەن ياشىدىڭ ۋە شۇنىڭ ئۈستىدە ئۆلدۈڭ. شۇنداقلا، الله خالىغاندا، سەن يەنە شۇنىڭ ئۈستىدە تىرىلدۈرۈلىسەن> دېيىلىدۇ.

 ناچار ئادەم قەبرىسىدە قورقۇنچە ۋە ۋەھىمە ئىچىدە ئولتۇرغۇزۇلىدۇ. ئۇنىڭدىن: <سەن نېمىلەرنى قىلدىڭ؟> دەپ سورىلىدۇ. ئۇ: <مەن بىلمەيمەن> دەپ جاۋاب بېرىدۇ. ئاندىن ئۇنىڭدىن: <ئۇ كىشى كىم؟> دەپ سورىلىدۇ. ئۇ: <مەن كىشىلەرنىڭ (ئۇ توغرىسىدا) بىر نەرسىلەرنى دېگىنىنى ئاڭلىغان ۋە مەنمۇ شۇلارنىڭ دېگىنىگە ئوخشاش گەپنى دېگەنىدىم> دەيدۇ.

ئۇنىڭ قەبرىسىدىن جەننەتكە قارايدىغان بىر تۆشۈك پەيدا بولىدۇ – دە، ئۇ جەننەتنىڭ پەۋقۇلئاددە كۆركەملىكىنى ۋە ئۇنىڭدىكى نەرسىلەرنى (يەنى تۈرلۈك نېمەتلەرنى) كۆرىدۇ. ئاندىن ئۇنىڭغا: <الله نىڭ سېنى نېمىدىن مەھرۇم قىلغانلىقىغا قارا!> دېيىلىدۇ. ئاندىن (ئۇنىڭ قەبرىسىدە) دوزاخقا قارايدىغان بىر تۆشۈك پەيدا بولىدۇ – دە، ئۇ (دوزاختا) قىستا – قىستاڭ ھالەتتە تۇرغان تۈرلۈك پىرقىلەرنى كۆرىدۇ. ئۇنىڭغا: <بۇ سېنىڭ جايىڭدۇر. سەن (الله قا قارىتا) شەك قىلغان ھالدا ياشىدىڭ ۋە شۇنىڭ ئۈستىدە ئۆلدۈڭ. شۇنداقلا، الله خالىغاندا، سەن يەنە شۇنىڭ ئۈستىدە تىرىلدۈرۈلىسەن> دېيىلىدۇ» [ئىمام ئىبنى ماجە توپلىغان. شەيخ ئەلبانى «سەھىھۇلجامى» 1968 – نومۇردا سەھىھ دەپ باھالىغان].

  1. ئائىشە رضي الله عنها نىڭ ھەدىسى

ئائىشە رضي الله عنها دىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىر يەھۇدىي ئايال ئۇنىڭ ئىشىكىگە كېلىپ تاماق تىلىگەچ: «ماڭا تائام بەرگىن، الله سېنى دەججالنىڭ پىتنىسىدىن ۋە قەبرە ئازابىنىڭ پىتنىسىدىن ساقلىسۇن!» دېدى. ئائىشە رضي الله عنها بۇ ئايالنى ئەتەي رەسۇلۇللاھ ﷺ كەلگەنگە قەدەر تۇتۇپ قالدى ۋە (رەسۇلۇللاھ ﷺ كەلگەندىن كېيىن): «ئى رەسۇلۇللاھ! بۇ يەھۇدىي خوتۇن نېمە دەۋاتىدۇ؟» دېدى. رەسۇلۇللاھ ﷺ: «ئۇ نېمە دېدى؟» دېۋىدى، ئائىشە رضي الله عنها: «ئۇ: <ماڭا تائام بەرگىن، الله سېنى دەججالنىڭ پىتنىسىدىن ۋە قەبرە ئازابىنىڭ پىتنىسىدىن ساقلىسۇن!> دەيدۇ» دېدى. (بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن) رەسۇلۇللاھ ﷺ دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ، قوللىرىنى كۆتۈرۈپ ۋە سوزۇپ تۇرۇپ، الله قا سېغىنىپ دەججالنىڭ پىتنىسىدىن ۋە قەبرە ئازابىنىڭ پىتنىسىدىن پاناھ تىلىدى ۋە ئاندىن مۇنداق دېدى:

«دەججالنىڭ پىتنىسىگە كەلسەك، ئۆز قەۋمىنى ئۇنىڭدىن ئاگاھلاندۇرمىغان بىرمۇ پەيغەمبەر يوق. مەن سىلەرگە (دەججال توغرىسىدا) باشقا ھېچبىر پەيغەمبەر ئۆز قەۋمىگە دەپ باقمىغان بىر گەپنى دەپ بېرىمەن: ئۇ يەكچەشمىدۇر، ھالبۇكى الله يەكچەشمە ئەمەس. ئۇنىڭ كۆزلىرىنىڭ ئارىسىدا: <كافىر> دەپ يېزىقلىق بولۇپ، ئۇنى ھەرقانداق مۇئمىن ئوقۇيالايدۇ.

قەبرىدىكى ئازابقا كەلسەك، كىشىلەر (قەبرىسىدە) مەن بىلەن سىنىلىدۇ ۋە مەن توغرۇلۇق سوئال – سوراق قىلىنىدۇ.

سالىھ كىشى قەبرىسىدە ھەرقانداق قورقۇنچ ۋە ۋەھىمىدىن خالىي ھالدا ئولتۇرغۇزۇلىدۇ. ئۇنىڭدىن: <سەن ئىسلام توغرۇلۇق نېمە دەيتتىڭ؟> دەپ سورىلىدۇ. ئۇنىڭدىن يەنە: <ئاراڭلاردىكى بۇ كىشى كىم؟> دەپمۇ سورىلىدۇ. ئۇ: <ئۇ مُحَمَّدٌ، الله نىڭ رەسۇلى، ئۇ الله تىن روشەن دەلىللەرنى ئېلىپ كەلدى ۋە بىز ئۇنىڭغا ئىمان كەلتۈردۇق> دەيدۇ.

ئۇنىڭ قەبرىسىدە (دوزاختىكى) ئوتقا قارىتىلغان بىر تۆشۈك پەيدا بولىدۇ – دە، ئۇ (دوزاختا) قىستا – قىستاڭ ھالەتتە تۇرغان تۈرلۈك پىرقىلەرنى كۆرىدۇ. ئۇنىڭغا: <الله نىڭ سېنى نېمىدىن قۇتقۇزغانلىقىغا قارىغىن> دېيىلىدۇ. ئاندىن ئۇنىڭدا جەننەتكە قارايدىغان يەنە بىر تۆشۈك پەيدا بولىدۇ – دە، ئۇ جەننەتنىڭ پەۋقۇلئاددە كۆركەملىكىنى ۋە ئۇنىڭدىكى نەرسىلەرنى (يەنى تۈرلۈك نېمەتلەرنى) كۆرىدۇ. ئاندىن ئۇنىڭغا: <بۇ سېنىڭ جايىڭدۇر. سەن (الله قا قارىتا) جەزم (يەنى قەتئىي ئىمان) بىلەن ياشىدىڭ ۋە شۇنىڭ ئۈستىدە ئۆلدۈڭ. شۇنداقلا، الله خالىغاندا، سەن يەنە شۇنىڭ ئۈستىدە تىرىلدۈرۈلىسەن> دېيىلىدۇ.

 ناچار ئادەم قەبرىسىدە قورقۇنچە ۋە ۋەھىمە ئىچىدە ئولتۇرغۇزۇلىدۇ. ئۇنىڭدىن: <سەن نېمىلەرنى دەيتتىڭ؟> دەپ سورىلىدۇ. ئۇ: <مەن كىشىلەرنىڭ بىر نەرسىلەرنى دېگىنىنى ئاڭلىغان ۋە مەنمۇ شۇلارنىڭ دېگىنىگە ئوخشاش گەپنى دېگەنىدىم> دەيدۇ.

ئۇنىڭ قەبرىسىدىن جەننەتكە قارايدىغان بىر تۆشۈك پەيدا بولىدۇ – دە، ئۇ جەننەتنىڭ پەۋقۇلئاددە كۆركەملىكىنى ۋە ئۇنىڭدىكى نەرسىلەرنى (يەنى تۈرلۈك نېمەتلەرنى) كۆرىدۇ. ئاندىن ئۇنىڭغا: <الله نىڭ سېنى نېمىدىن مەھرۇم قىلغانلىقىغا قارا!> دېيىلىدۇ. ئاندىن (ئۇنىڭ قەبرىسىدە) دوزاخقا قارايدىغان بىر تۆشۈك پەيدا بولىدۇ – دە، ئۇ قىستا – قىستاڭ ھالەتتە تۇرغان تۈرلۈك پىرقىلەرنى كۆرىدۇ. ئۇنىڭغا: <بۇ سېنىڭ جايىڭدۇر سەن (الله قا) شەك قىلغان ھالدا ياشىدىڭ ۋە شۇنىڭ ئۈستىدە ئۆلدۈڭ. شۇنداقلا، الله خالىغاندا، سەن يەنە شۇنىڭ ئۈستىدە تىرىلدۈرۈلىسەن> دېيىلىدۇ، ئاندىن ئۇنىڭغا ئازاب قىلىنىدۇ» [ئىمام ئەھمەد توپلىغان. شەيخ ئەلبانى «سەھىھۇت تەرغىب ۋەتتەرھىب»دە سەھىھ دەپ باھالىغان].

  1. ئەبۇ ھۇرەيرە رضي الله عنه نىڭ ئىككىنچى ھەدىسى

ئەبۇ ھۇرەيرە رضي الله عنه دىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ﷺ شۇنداق دېگەن:

«بىر مۇئمىن ۋاپات بولغاندا، رەھمەت پەرىشتىلىرى ئۇنىڭ يېنىغا ئاق يىپەك بىلەن كېلىدۇ ۋە: <الله نىڭ (ئاتا قىلغان) خۇشاللىقىغا قاراپ يولغا چىققىن> دېيىشىدۇ. ئۇ (مۇئمىننىڭ روھى) مۇشكى ئەنبەرنىڭ ئەڭ خۇشبۇي ھىدى بىلەن يولغا چىقىدۇ. ھەتتا پەرىشتىلەر ئۇنى قولدىن قولغا ئېلىپ پۇرىشىپ كېتىدۇ.

ئۇلار (تۆۋەنكى) ئاسماننىڭ ئىشىكىگە يېتىپ بارغاندا،: <زېمىندىن كېلىۋاتقان بۇ خۇشپۇراق نېمىنىڭ پۇرىقى؟> دەپ سورىلىدۇ. ئۇلار داۋاملىق ئۆرلەۋېرىدۇ. شۇنداقلا، ئۇلار ھەربىر ئاسماننىڭ ئىشىگە يېتىپ بارغاندا، ئۇلارغا (باشقا پەرىشتىلەر تەرىپىدىن) ئوخشاش سۆز ئېيتىلىدۇ.

ئۇلار (يەنى پەرىشتىلەر) ئۇنىڭ روھىنى مۇئمىنلەرنىڭ روھلىرى يىغىلغان جايغا ئاپىرىدۇ. باشقا مۇئمىنلەرنىڭ روھلىرى ئۇنى كۆرگەنلىكىگە، ئۇزۇن مەزگىل يوقاپ كەتكەن سۆيۈملۈك ئادىمىنى كۆرگەن كىشىدىنمۇ بەكرەك خۇشال بولۇشۇپ كېتىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن: <پالانى ۋە پوكۇنىغا نېمە بولدى؟> سورىشىدۇ. ئۇلاردىن بەزىلىرى: <ئۇنى ئارام ئېلىۋالغىلى قويۇڭلار، چۈنكى ئۇ دۇنيادىكى چېغىدا غەم ئىچىدە ئىدى> دېيىشىدۇ. لېكىن، ئۇ: <ئۇ (يەنى باشقا مۇئمىنلەرنىڭ روھلىرى سۈرۈشتۈرگەن ئاشۇ ئادەم) ئۆلۈپ كەتتى، ئۇ سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا كەلمىدىمۇ؟> دەيدۇ. ئۇلار (يەنى پەرىشتىلەر): <ئۇ تەگسىز ھاڭغا ئاپىرىۋېتىلدى> دېيىشىدۇ.

كاپىرلارغا كەلسەك، ئازاب پەرىشتىلىرى ئۇنىڭ يېنىغا كەندىر پوستىدىن توقۇلغان قوپال كېپەنلىك بىلەن كېلىدۇ ۋە: <(بەدىنىڭدىن) الله نىڭ غەزىپىگە چىققىن!> دەيدۇ. ئۇ ئەڭ سېسىق تاپتەك پۇرىغان ھالدا يولغا چىقىدۇ. ئاندىن زېمىننىڭ ئىشىكىگە ئاپىرىلىدۇ» [ئىمام ئىبنى ھىببان ۋە ئىمام ئىبنى ماجە توپلىغان، شەيخ ئەلبانى «سەھىھۇت تەرغىب ۋەتتەرھىب»دە سەھىھ دەپ باھالىغان].

  1. ئەبۇ ھۇرەيرە رضي الله عنه نىڭ ئۈچىنچى ھەدىسى

ئەبۇ ھۇرەيرە رضي الله عنه دىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ﷺ شۇنداق دېگەن:

«ئۆلگەن (مۇئمىن) كىشى ﻗﻪﺑﺮﯨﮕﻪ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﻣﯘﻧﻜﻪﺭ ۋە ﻧﻪﻛﯩﺮ ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﻚ، كۆك (كۆزلۈك)، ﻗﺎﭘﻘﺎﺭﺍ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﭘﻪﺭﯨﺸﺘﻪ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﺪﯗ. ﺋﯘ ﺋﯩﻜﻜﯩﺴﻰ: <ﺳﻪﻥ ﺑﯘ ﻛﯩﺸﻰ ﺗﻮﻏﺮﯗﻟﯘﻕ ﻧﯧﻤﻪ ﺩەﻳﺘﺘﯩﯔ؟> ﺩەپ ﺳﻮﺭﺍﻳﺪﯗ، ﺋﯘ: <ئۇ الله نىڭ ﺑﻪﻧﺪﯨﺴﻰ ۋە ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺭەﺳﯘﻟﻰ. مەن ﺑﯩﺮ الله تىن ﺑﺎﺷﻘﺎ (ئىبادەتكە لايىق) ھﯧﭽﺒﯩﺮ ئىلاھ ﻳﻮﻗﻠﯘﻗﯩﻐﺎ، ﻣﯘھﻪﻣﻤﻪﺩ نىڭ ئۇنىڭ ﺑﻪﻧﺪﯨﺴﻰ ۋە ﺭەﺳﯘﻟﻰ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﮔﯘۋﺍھﻠﯩﻖ ﺑﯧﺮىمەن> ﺩەﻳﺪﯗ. ﺋﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﭘﻪﺭﯨﺸﺘﻪ: <ﺑﯩﺰ ﺳﯧﻨﯩﯔ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﻴﯩﺸﯩﯖﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﺗﺘﯘﻕ> ﺩەﻳﺪﯗ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﻪﺑﺮﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﺯﯗﻧﻠﯘﻗﻰ يەتمىش، ﻛﻪﯕﻠﯩﻜﻰ يەتمىش ﮔﻪﺯ ﻛﯧﯖﻪﻳﺘﯩﻠﯩﭗ، ﻧﯘﺭﻻﻧﺪﯗﺭﯗپ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺪﯗ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ: <ﺳﻪﻥ ﺋﺎﺭﺍﻡ ﺋﺎﻟﻐﯩﻦ!> ﺩﯦﻴﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺋﯘ: <ﻣﻪﻥ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪﻣﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ، ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ (ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪھﯟﺍﻟﻼﺭنى) ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯨﻤﻪﻥ> ﺩەﻳﺪﯗ. ﭘﻪﺭﯨﺸﺘﯩﻠﻪﺭ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻳﻪﻧﻪ: <ﺳﻪﻥ ﻳﯧﯖﻰ ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ، ﺋﻪڭ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ ﻛﯩﺸﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ھﯧﭽﻜﯩﻢ ئويغاتمايدىغان ﻳﯩﮕﯩﺘﻜﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺋﯘﺧﻠﯩﻐﯩﻦ!> ﺩەﻳﺪﯗ. ﺗﺎﻛﻰ الله ﺋﯘﻧﻰ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺗﯩﺮﯨﻠﺪﯛﺭﮔﯩﭽﻪ، ﺋﯘ ﺷﯘ ھﺎﻟﻪﺗﺘﻪ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ.

ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﯘ (يەنى دەپنە قىلىنغۇچى) ﻣﯘﻧﺎﭘﯩﻖ ﺑﻮﻟﺴﺎ،: <ﻣﻪﻥ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﻧﯧﻤﯩﻨﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻡ، ﺷﯘﻧﻰ ﺩﯦﺪﯨﻢ، ﺑﺎﺷﻘﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯘﻗﻤﺎﻳﻤﻪﻥ> ﺩەپ ﺟﺎۋﺍﺏ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ. ﭘﻪﺭﯨﺸﺘﯩﻠﻪﺭ: <ﺑﯩﺰ ﺳﯧﻨﯩﯔ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩەﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﯖﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﺗﺘﯘﻕ> ﺩەﻳﺪﯗ. ئاندىن زېمىنغا: <ئۇنى سىققىن> ﺩﯦﻴﯩﻠﯩﺪۇ. ﻗﻪﺑﺮە تارىيىپ، ﺋﯘﻧﯩﯔ قوۋۇرغىلىرى ﺑﯩﺮ – ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ. ﺗﺎﻛﻰ الله ﺋﯘﻧﻰ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺗﯩﺮﯨﻠﺪﯛﺭﮔﯩﭽﻪ، ﺋﯘ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﺯﺍﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ» [ئىمام تىرمىزى توپلىغان، شەيخ ئەلبانى «سەھىھۇلجامى» 724 – نومۇردا سەھىھ دەپ باھالىغان].

  1. ئەبۇ ھۇرەيرە رضي الله عنه نىڭ تۆتىنچى ھەدىسى

ئەبۇ ھۇرەيرە رضي الله عنه دىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ﷺ شۇنداق دېگەن:

«ھەقىقەتەن، مۇئمىننىڭ بېشىغا ئۆلۈم كەلگەندە ۋە ئۇ (ئۆلۈمدىن كېلىدىغان مۇكاپاتتىن دېرەك بېرىدىغان) بەزى ئىشلارنى كۆرگەندە، ئۇ جېنىنىڭ (تېزرەك) ئېلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، الله مۇ ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىشنى ياخشى كۆرىدۇ.

ئۇنىڭ روھى ئاسمانغا ئېلىپ چىقىلىدۇ. مۇئمىنلەرنىڭ روھلىرى ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنىڭدىن زېمىن ئەھلىنىڭ ئەھۋاللىرىنى سۈرۈشتۈرىدۇ. ئۇ: <پالانى – پوكۇنى دۇنيادا (ھايات) قالدى> دېگەندە، مۇئمىنلەرنىڭ روھلىرى خۇشال بولۇشۇپ كېتىدۇ. ئۇ: <پالانى ۋە پوكۇنى ئۆلۈپ كەتتى> دېگەندە، ئۇلار (ئۈمىدسىزلەنگەن ھالدا): <لېكىن، ئۇلار بىزنىڭ يېنىمىزغا ئېلىپ كېلىنمىدى> دېيىشىدۇ[7].

مۇئمىن قەبرىسىدە ئولتۇرغۇزۇلۇپ: <رەببىڭ كىم؟> دەپ سورىلىدۇ، ئۇ: <رەببىم الله> دەپ جاۋاب بېرىدۇ. ئاندىن ئۇنىڭدىن: <پەيغەمبىرىڭ كىم؟> دەپ سورىلىدۇ. ئۇ: <پەيغەمبىرىم مُحَمَّدٌ> دەپ جاۋاب بېرىدۇ. ئاندىن ئۇنىڭدىن: <دىنىڭ نېمە؟> دەپ سورىلىدۇ. ئۇ: <دىنىم ئىسلام> دەيدۇ. ئۇنىڭ قەبرىسىدىن (جەننەت تەرەپكە) بىر ئىشىك ئېچىلىدۇ ۋە ئۇنىڭغا: <(كەلگۈسىدىكى) ئورنىڭغا قارا> دېيىلىدۇ. ئاندىن ئۇ قەبرىدە قالدۇرۇلىدۇ، (شۇنىڭ كېيىنكى، قىيامەتكىچە بولغان ۋاقىت) ئۇنىڭ ئۈچۈن مۈگدىگەنچىلىكلا بىلىنىدۇ.

الله نىڭ دۈشمەنلىرى (يەنى كاپىرلار)دىن بىرىگە ئۆلۈم كەلگەندە ۋە ئۇ (ئۆزى كەلگۈسىدە دۇچار بولىدىغان ئازابتىن دېرەك بېرىدىغان) بەزى نەرسىلەرنى كۆرگەندە، ئۆز جېنىنىڭ مەڭگۈ ئېلىنماسلىقىنى ئارزۇ قىلىدۇ، الله مۇ ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىشنى يامان كۆرىدۇ.

ئۇ قەبرىسىدە ئولتۇرغۇزۇلغاندا: <رەببىڭ كىم؟> دەپ سورىلىدۇ. ئۇ: <بىلمەيمەن> دەيدۇ. ئۇنىڭغا: <مەڭگۈ بىلمىگەيسەن!> دېيىلىدۇ. ئاندىن ئۇنىڭ قەبرىسىدىن دوزاخقا قارايدىغان بىر ئىشىك ئېچىلىدۇ. ئۇ شۇنداق بىر ئۇرۇلىدۇكى، ئۇنىڭدىن چىققان ئاۋازنى ئىنسانلاردىن ۋە جىنلاردىن باشقا جىمى مەخلۇقات ئاڭلايدۇ. ئۇنىڭغا: <چېقىۋېلىنغان ئادەمدەك ئۇخلىغىن> دېيىلىدۇ ۋە قەبرىسى ئۇنىڭ ئۈچۈن تارايتىلىدۇ.

ئەبۇ ھۇرەيرە رضي الله عنه دىن: <چېقىۋېلىنغان ئادەم نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟> دەپ سورالغاندا، ئۇ: <يىلان ياكى باشقا مەخلۇقاتلار تەرىپىدىن چېقىۋېلىنغان ئادەمنى كۆرسىتىدۇ> دېگەن [ئىمام بەززار توپلىغان، شەيخ ئەلبانى «سلسلة الأحاديث الصحيحة» 2628 – نومۇردا سەھىھ دەپ باھالىغان].

  1. ئەنەس رضي الله عنه نىڭ بىرىنچى ھەدىسى

ئەنەس رضي الله عنه رەسۇلۇللاھ ﷺ نىڭ شۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان:

«ھەقىقەتەن مۇئمىن قەبرىسىگە قويۇلغاندا، بىر پەرىشتە ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنىڭدىن: <سەن نېمىگە ئىبادەت قىلاتتىڭ؟> دەپ سورايدۇ. ئۇ: <مەن الله قا ئىبادەت قىلاتتىم> دەپ جاۋاب بېرىدۇ. ئاندىن پەرىشتە ئۇنىڭدىن: <سەن بۇ كىشى (يەنى رەسۇلۇللاھ ﷺ) توغرىسىدا نېمە دەيتتىڭ؟> دەپ سورايدۇ. ئۇ: <ئۇ الله نىڭ بەندىسى ۋە رەسۇلىدۇر> دەيدۇ.

شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇنىڭدىن ھېچقانداق سوئال سورالمايدۇ. ئۇ دوزاختىكى بىر ئۆيگە ئاپىرىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا: <بۇ ئەسلىدە سېنىڭ دوزاختىكى ئۆيۈڭ بولۇپ قالاتتى؛ لېكىن، الله سېنى قوغدىدى ۋە ساڭا رەھمەت قىلىپ، ئۇنى سەن ئۈچۈن جەننەتتىكى بىر ئۆيگە ئالماشتۇرۇپ بەردى> دېيىلىدۇ. ئۇ: <مەن ئائىلەمدىكىلەرگە بۇ خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈۋالاي> دەيدۇ، ئۇنىڭغا: <تىنچلانغىن> دېيىلىدۇ.

كاپىر قەبرىسىگە قويۇلغاندا بولسا، بىر پەرىشتە ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنىڭدىن: <سەن نېمىگە ئىبادەت قىلاتتىڭ؟> دەپ سورايدۇ. ئۇ: <بىلمەيمەن> دەپ جاۋاب بېرىدۇ. پەرىشتە ئۇنىڭغا: <سەن بىلمەيتتىڭ، ھەم (قۇرئاننىمۇ) ئوقۇمايتتىڭ> دەيدۇ. ئاندىن پەرىشتە: <بۇ كىشى توغرىسىدا نېمە دەيتتىڭ؟> دەيدۇ، ئۇ: <مەن كىشىلەرنىڭ دېگىنىنى دەيتتىم> دەيدۇ. ئاندىن پەرىشتە بۇ كاپىرنىڭ ئىككى قۇلىقىنىڭ ئارىسىغا تۆمۈر بازغان بىلەن ئۇرىدۇ، ئۇ (ئاغرىقتىن) شۇنداق بىر چىرقىرايدۇكى، ئۇ ئاۋازنى ئىنسانلار ۋە جىنلاردىن باشقا جىمى مەخلۇقات ئاڭلايدۇ» [ئىمام ئەبۇ داۋۇد توپلىغان، شەيخ ئەلبانى «سەھىھۇلجامى» 1930 – نومۇردا سەھىھ دەپ باھالىغان].

  1. ئەنەس رضي الله عنه نىڭ ئىككىنچى ھەدىسى

ئەنەس رضي الله عنه رەسۇلۇللاھ ﷺ نىڭ شۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان:

«ھەقىقەتەن، بەندە قەبرىسىگە قويۇلغاندىن ۋە ھەمراھلىرى ئۇنىڭ (قەبرىسىنىڭ) يېنىدىن كېتىپ قالغاندىن كېيىن، ئۇ ئۇلارنىڭ ئاياغ تىۋىشىنى ئاڭلايدۇ. ئاندىن ئىككى پەرىشتە كېلىپ ئۇنى ئولتۇرغۇزىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن: <سەن بۇ كىشى (مُحَمَّدٌ ﷺ) توغرىسىدا نېمە دەيتتىڭ؟> دەپ سورايدۇ.

مۇئمىن بۇنىڭغا جاۋابەن: <مەن ئۇنىڭ الله نىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىمەن> دەيدۇ. ئاندىن ئۇنىڭغا: <دوزاختىكى ئورنىڭغا قارىغىن، الله ئۇنى سەن ئۈچۈن جەننەتتىكى بىر جايغا ئالماشتۇرۇپ بەردى> دېيىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ (جەننەتتىكى يېڭى ئورنى بىلەن ئەسلىدىكى دوزاختىكى ئورنىدىن ئىبارەت) ھەر ئىككى ئورنىنى كۆرىدۇ. قەبرىسى ئۇنىڭ ئۈچۈن يەتمىش گەز كېڭەيتىلىپ بېرىدۇ ۋە قىيامەتكىچە يېشىللىققا تولۇپ تۇرىدۇ.

كاپىر ياكى مۇناپىق بولسا، (يۇقىرىدىكى سوئالغا) جاۋابەن: <بىلمەيمەن، كىشىلەر نېمە دېگەن بولسا شۇنى دېگەنىدىم> دەيدۇ. پەرىشتە ئۇنىڭغا: <سەن بىلمەيتتىڭ، ھەم (قۇرئاننىمۇ) ئوقۇمايتتىڭ> دەيدۇ. ئاندىن پەرىشتە ئۇنىڭ ئىككى قۇلىقىنىڭ ئارىسىغا تۆمۈر بازغان بىلەن ئۇرىدۇ، ئۇ (ئاغرىقتىن) شۇنداق بىر چىرقىرايدۇكى، ئۇنىڭ چىرقىرىشىنى ئەتراپىدىكى ئىنسانلار ۋە جىنلاردىن باشقا جىمى مەخلۇقات ئاڭلايدۇ. قەبرىسى ئۇنى تاكى ئۇنىڭ قوۋۇرغىلىرى سۇنۇپ كەتكۈچە قىسىدۇ» [ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم توپلىغان].

[1] يەنى الله تىن ئۇنى مەغفىرەت قىلىشنى تىلەيدۇ

[2] سۈرە ئەنئام 61 – ئايەت

[3] سۈرە ئىبراھىم 27 – ئايەت

[4] سۈرە ئەئراف 40 – ئايەت

[5] سۈرە ھەج 31 – ئايەت

[6] بۇ مۇشۇ مەزمۇندىكى بىر قانچە سەھىھ ھەدىسنىڭ بىرىكمىسىدۇر.

[7] مۇئمىن ئۆلگەندە، ئۇنىڭ روھى باشقا بارلىق مۇئمىنلەرنىڭ روھلىرى بىلەن ئۇچرىشىدۇ. ئۇلار تېخىچە ئۆزلىرى بىلەن ئۇچراشمىغانلاردىن ئەنسىرىشىدۇ. ئەگەر ئۇلارنىڭ تېخىچە ھايات ئىكەنلىكىدىن خەۋەر تاپسا، ئۇلارنىڭ ھېلىھەم مۇئمىنلىك ھالىتىدە ئۆلۈش پۇرسىتى بارلىقىنى بىلىپ خۇشال بولۇشىدۇ؛ ئەمما ئۇلارنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، لېكىن ئۆزلىرىنىڭ يېنىغا ئېلىپ كېلىنمىگەنلىكىنى بىلگەندە بولسا، ئۇلارنىڭ كاپىرلىق ھالىتىدە ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى بىلىپ ئەپسۇسلىنىدۇ.

* ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتلىك دىنىي ئىلىملەرنى ئىگىلەپ ۋە شۇ بويىچە ئەمەل قىلىپ، دۇنيا – ئاخىرەتتە سائادەتمەنلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، بۇ بەتنى ۋە تور بېتىمىزدىكى باشقا ماقالە – پەتىۋالارنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە تارقىتىپ قويغايسىز.