قەلبىڭىزنى راھەتلەتكۈڭىز، ئىماننىڭ ھالاۋىتىنى تېتىغۇڭىز بارمۇ؟

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىييە رەھىمەھۇللاھ شۇنداق دېگەن:

«وَإِذَا رَأَى أَنَّهُ لَا يَنْشَرِحُ صَدْرُهُ، وَلَا يَحْصُلُ لَهُ حَلَاوَةُ الْإِيمَانِ وَنُورُ الْهِدَايَةِ، ‌فَلْيُكْثِر ‌التَّوْبَةَ وَالِاسْتِغْفَارَ، وَلْيُلَازِم الِاجْتِهَادَ بِحَسَبِ الْاِمْكَانِ»

«كىشى قەلبىنىڭ راھەتلەنمەيۋاتقانلىقىنى، ئۆزىنىڭ ئىماننىڭ ھالاۋىتىگە ۋە ھىدايەتنىڭ نۇرىغا ئېرىشەلمەيۋاتقانلىقىنى كۆرسە، كۆپلەپ تەۋبە قىلغاي ۋە ئىستىغفار ئېيتقاي! (بۇ جەھەتتە) تاقىتىنىڭ يېتىشىچە داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسەتكەي!»

مەنبە: «تقريب فتاوى ابن تيمية» (2/ 37)

* لېكىن، «تەۋبە قىلىش» ۋە «ئىستىغفار ئېيتىش» نوقۇل ھالدا تىلدا «تەۋبە قىلدىم» دەپ قويۇش بىلەنلا بولمايدۇ. ئەكسىچە، تەۋبىنىڭ قوبۇل بولۇشىنىڭ شەرتلىرىدىن بىرى قىلغان گۇناھتىن دەرھال قول ئۈزۈشتۇر. شۇڭا، «تەۋبە قىلىش» ئۈچۈن گۇناھتىن قول ئۈزۈش كېرەكلىكىنى ئەستىن چىقارماسلىق كېرەك. ئاللاھ تەئالا ھەممىمىزنى ئۆزىگە ئىتائەت قىلىپ ياشىغىلى نېسىپ قىلغاي!