تىل، كۆز ۋە قۇلاقنىڭ بەزى مەجبۇرىيەتلىرى

ئىمام ئىبنى ئەلقەييىم رەھىمەھۇللاھ «بەندىچىلىك ۋە ئۇنىڭ ھەقىقىتى» دېگەن ئەسىرىدە شۇنداق دېگەن:

1. «تىلغا پەرز بولغان ۋەزىپىلەر(دىن بەزىلىرى شۇلاردۇر): ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسۇش؛ بىلمەيدىغانلارغا ئۆگىتىش؛ يولدىن چىققانلارغا توغرا يولنى كۆرسىتىش؛ زۆرۈر تېپىلغاندا گۇۋاھلىق بېرىش؛ توغرا گەپ قىلىش»

2. «تىلنىڭ پايدا بەرمەيدىغان سۆزنى قىلىشى ئۆز ئىگىسىگە پەقەت زىيانلا ئەكېلىدۇ»

3. «(كىشىنىڭ ئۆزى توي قىلماقچى بولغان قىزغا قارىشى؛ گۇۋاھچىنىڭ قازىغا ئۆز چىرايىنى كۆرسىتىشى دېگەندەك) شەرئىي زۆرۈرىيەت بولمىغان ئەھۋالدا، مەيلى شەھۋەت بىلەن، مەيلى شەھۋەتسىز ھالدا نامەھرەم ئاياللارغا قاراش ھارامدۇر»

4. «ئاۋازىنى ئاڭلاش سەۋەبلىك پىتنىگە چۈشۈپ قېلىش خەۋپى بولغان نامەھرەم ئاياللارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاش ھارام».