ئۆزىدىن زوقلىنىپ كېتىش (ئۆزمەپتۇنلۇق)نىڭ دىندىكى ھۆكمى ھەققىدە

(1) «ئۆزىدىن زوقلىنىپ كېتىش» دېگەن نېمە؟

ئىمام ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەك رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن:

«الْعُجْبُ: أَنْ ‌تَرَى ‌أَنَّ ‌عِنْدَكَ ‌شَيْئًا ‌لَيْسَ ‌عِنْدَ ‌غَيْرِكَ»

«ئۆزىدىن زوقلىنىپ كېتىش دېگەن، <مېنىڭ ۋۇجۇدۇمدا باشقىلاردا يوق ئارتۇقچىلىقلار بار> دەپ قارىشىڭدۇر» [«سير السلف الصالحين – إسماعيل الأصبهاني» (3/ 1023)]

(2) ئۆزىدىن زوقلىنىپ كېتىشنىڭ دىندىكى ھۆكمى نېمە؟

ئىمام ئىبنى ھەزم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن:

«إنَّ العُجْبَ من أعظَمِ الذُّنوبِ وأمحقِها للأعمالِ، فتحَفَّظوا، حَفِظَنا اللَّهُ وإيَّاكم من العُجْبِ والرِّياءِ»

«ئۆزىدىن زوقلىنىپ كېتىش ئەڭ چوڭ گۇناھلاردىن، شۇنداقلا سالىھ ئەمەللەرنى ئەڭ بەك يوققا چىقارغۇچى ئامىللاردىندۇر. شۇڭا ئۇنىڭدىن ھەزەر ئەيلەڭلار، ئاللاھ بىزلەرنى ۋە سىلەرنى ئۆزىدىن زوقلىنىپ كېتىشتىن ۋە رىيادىن ساقلىغاي!» [(رسائل ابن حزم) (3/180)]

يۇقىرىقى ھۆكۈمنى بىلگەنىكەنمىز، ئۆز – ئۆزىمىزدىن زوقلىنىپ، ئۆزىمىزنى ئالاھىدە ساناپ كېتىشتىن قەتئىي ھەزەر ئەيلەيلى. بولمىسا، ئۆزىمىزنىڭ نەزىرىدە چوڭ، ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ئەرزىمەس ئادەملەردىن بولۇپ، دۇنيا – ئاخىرەتتە زىيان تارتىپ قالىمىز.