ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: مەن پەيغەمبەر صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ گە: «سەفىييەنىڭ مۇنداق – مۇنداقلىقى (يەنى بويىنىڭ پاكارلىقى) سىلىگە يېتىپ ئاشىدۇ» دېسەم، پەيغەمبەر صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ: «سىز شۇنداق بىر سۆزنى قىلدىڭىزكى، ناۋادا ئۇ سۆز دېڭىزغا ئارىلاشتۇرۇلغان بولسا، دېڭىز سۈيىنى بۇلغىۋەتكەن بولاتتى» دېدى.
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا يەنە شۇنداق دەيدۇ:
مەن قىزىقچىلىق قىلىپ پەيغەمبەر صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ گە بىر كىشىنى دوراپ بەرگەن ئىدىم. پەيغەمبەر صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ: «ماڭا مۇنداق – مۇنداق مۇكاپات بەرسىمۇ، بىر ئىنساننى (ئەيىبىنى ئېچىپ) دورىمايمەن» دېدى.
[ئىمام ئەبۇ داۋۇد (4875) رىۋايەت قىلغان، ئىمام ئەلبانى سەھىھ دېگەن.]
