ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ياخشىلىرى كىملەر؟

ئاللاھ تەئالا شۇنداق دېگەن: «كُنتُمْ خَيْرَ أُمَّةٍ أُخْرِجَتْ لِلنَّاسِ تَأْمُرُونَ بِالْمَعْرُوفِ وَتَنْهَوْنَ عَنِ الْمُنكَرِ وَتُؤْمِنُونَ بِاللَّهِ ۗ» «(ئى مۇھەممەد ئۈممىتى!) سىلەر ئىنسانلارنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان، ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسىدىغان، ئاللاھقا ئىمان ئېيتىدىغان ئەڭ ياخشى ئۈممەتسىلەر» [سۈرە ئال ئىمران 110 – ئايەت].

ئەبۇھۇرەيرە رەزىيەللاھ ئەنھۇ «كُنتُمْ خَيْرَ أُمَّةٍ أُخْرِجَتْ لِلنَّاسِ» «سىلەر ئىنسانلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان ئەڭ ياخشى ئۈممەتسىلەر» دېگەن ئايەتنى ئوقۇپ، ئاندىن مۇنداق دېگەن: «ئىنسانلارنىڭ كىشىلەر ئۈچۈن ئەڭ ياخشى، مەنپەئەتلىك بولغانلىرى كىشىلەرنىڭ بويۇنلىرىغا تاقاق سېلىپ بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئىسلامغا كىرىشىگە سەۋەب بولىدىغانلاردۇر» 

[سەھىھۇل بۇخارى 4191 – نومۇر]، «ياخشىلار باغچىسى» 1840 – نومۇر.