مۇسۇلمانغا يەتكەن ئەزىيەت ئۇنىڭ گۇناھلىرىنى ئۆچۈرىدۇ

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىياللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھ صلى الله عليه وسلم نىڭ شۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان:

«‌مَا ‌يَزَالُ ‌البَلَاءُ ‌بِالمُؤْمِنِ ‌وَالمُؤْمِنَةِ ‌فِي ‌نَفْسِهِ ‌وَوَلَدِهِ ‌وَمَالِهِ ‌حَتَّى ‌يَلْقَى ‌اللَّهَ ‌وَمَا ‌عَلَيْهِ ‌خَطِيئَةٌ»

«مۇئمىنلەر ۋە مۇئمىنەلەر تاكى زىممىسىدە گۇناھ يوق ھالەتتە ئاللاھ بىلەن ئۇچراشقانغا قەدەر، ئۇلارغا جېنىدا، مېلىدا ۋە پەرزەنتىدە بالا – قازا يېتىپ تۇرىدۇ» [ئىمام ئەھمەد، ئىمام تىرمىزى ۋە باشقىلار توپلىغان. شەيخ ئەلبانى «مىشكات» (1567 – نومۇر) ۋە «ئەسسەھىھە» (2280 – نومۇر)دا سەھىھ دەپ باھالىغان].

ئەبۇ سەئىد ۋە ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىياللاھۇ ئەنھۇمانىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، پەيغەمبەر ‏صلى الله عليه وسلم مۇنداق دېگەن:

وعن أبي سعيد وأبي هريرة رضي الله عنهما عن النبي صلى الله عليه وسلم قال‏:‏ ‏”‏ما يصيب المسلم من نصب ولا وصب ولا هم ولا حزن ولا أذى ولا غم، حتى الشوكة يشاكها إلا كفر الله بها من خطاياه‏”‏

«مۇسۇلمانلارغا بىئاراملىق، كېسەل، قايغۇ – ھەسىرەت، ئازار، غەم، ھەتتا سانجىلغان تىكەنگە قەدەر ئەزىيەت يېتىپلا قالسا، شۇنىڭ سەۋەبى بىلەن ئاللاھ ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى ئۆچۈرىدۇ» [ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان، «ياخشىلار باغچىسى» 37 – ھەدىس].

* ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتلىك دىنىي ئىلىملەرنى ئىگىلەپ ۋە شۇ بويىچە ئەمەل قىلىپ، دۇنيا – ئاخىرەتتە سائادەتمەنلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، بۇ بەتنى ۋە تور بېتىمىزدىكى باشقا ماقالە – پەتىۋالارنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە تارقىتىپ قويغايسىز.