ئەللامە شەيخ سالىھ فەۋزان: قىيامەت كۈنى، كاپىرلارنىڭ ئەمەللىرىمۇ تارازىدا تارتىلامدۇ؟

سوئال: قىيامەت كۈنى، مۇئمىنلەرنىڭ ئەمەللىرى تارازا (مىزان)دا تارتىلغاندەك، كاپىرلارنىڭ ئەمەللىرىمۇ تارازىدا تارتىلامدۇ؟ ياكى تارازا مۇئمىنلەرگىلا خاسمۇ؟

ئەللامە شەيخ سالىھ فەۋزان (ئاللاھ ئۇ كىشىنى سالامەت قىلغاي)نىڭ جاۋابى:

(قىيامەت كۈنى) تارازا ھەم ياخشى ئەمەلى، ھەم يامان ئەمەلى بار كىشىلەر ئۈچۈن، يەنى مۇئمىنلەر ئۈچۈن قويۇلىدۇ. مۇئمىنلەرنىڭ ياخشى ئەمەلىمۇ، يامان ئەمەلىمۇ بار بولىدۇ. ئەنە شۇلارنىڭ ئەمەللىرى تارازىدا ئۆلچىنىدۇ. كاپىرغا كەلسەك، ئۇنىڭ ياخشىلىقى يوقتۇر، ئۇنىڭ ياخشىلىقى يوقتۇر.

ئەنە شۇ سەۋەبتىن، ئاللاھ تەئالا شۇنداق دېگەن:

{قُلْ هَلْ نُنَبِّئُكُم بِالْأَخْسَرِينَ أَعْمَالًا ‎﴿١٠٣﴾‏ الَّذِينَ ضَلَّ سَعْيُهُمْ فِي الْحَيَاةِ الدُّنْيَا وَهُمْ يَحْسَبُونَ أَنَّهُمْ يُحْسِنُونَ صُنْعًا ‎﴿١٠٤﴾‏ أُولَٰئِكَ الَّذِينَ كَفَرُوا بِآيَاتِ رَبِّهِمْ وَلِقَائِهِ فَحَبِطَتْ أَعْمَالُهُمْ فَلَا نُقِيمُ لَهُمْ يَوْمَ الْقِيَامَةِ وَزْنًا ‎﴿١٠٥﴾‏}

{سىلەرگە ئەمەللىرى جەھەتتىن ئەڭ زىيان تارتقۇچىلارنى ئېيتىپ بېرەيلىمۇ؟ (103) ئۇلار ھاياتىي دۇنيادا قىلغان ئەمەللىرى يوققا چىققان ئەمما ئۆزلىرى ئوبدان ئىش قىلدۇق دەپ ئويلىغان ئادەملەردۇر (104) ئەنە شۇلار رەببىنىڭ ئايەتلىرىنى ۋە ئۇنىڭغا مۇلاقات بولۇشنى ئىنكار قىلغان، نەتىجىدە قىلغان ئەمەللىرى بىكار بولۇپ كەتكەن كىشىلەردۇر، قىيامەت كۈنى ئۇلارنى (يەنى مۇنداق كىشىلەرنى) قىلچە ئېتىبارغا ئالمايمىز (105)} [كەھف سۈرىسى]

ئۇلارنىڭ (يەنى كاپىرلارنىڭ) تارازىدا تارتقۇدەك ئەمەلى يوق. ئاللاھقا سېغىنىمىزكى، ئۇلارنىڭ بارچە ئەمەلى كۇفۇر ۋە يامانلىقتۇر.

مەنبە: