ئابدۇللاھ ئىبنى ئامىر رضي الله عنه رەسۇلۇللاھ ﷺ نىڭ شۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان:
«يُحْشَرُ المُتَكَبِّرُونَ يَوْمَ الْقِيَامَةِ أَمْثَالَ الذَّرِّ فِي صُوَرِ الرِّجَالِ يَغْشَاهُمُ الذُّلُّ مِنْ كُلِّ مَكَانٍ يُسَاقُونَ إِلَى سِجْنٍ فِي جَهَنَّمَ يُسَمَّى بُولُسَ تَعْلُوهُمْ نَارُ الأَنْيَارِ يُسْقَوْنَ مِنْ عُصَارَةِ أَهْلِ النَّارِ طِينَةَ الخَبَالِ»
«قىيامەت كۈنى مۇتەكەببىرلەر ئىنسان سۈرىتىدە، ئەمما چۈمۈلىچىلىك چوڭلۇقتا تىرىلدۈرۈلىدۇ. ئۇلارنى ھەر تەرەپتىن خارلىق ئورىۋالىدۇ. (ئاندىن) ئۇلار جەھەننەمدىكى <بۇۋلەسە> دېيىلىدىغان زىندانغا ھەيدەپ ئاپىرىلىدۇ. ئۇلارنى دوزاخلارنىڭ ئوتى قورشىۋالىدۇ. ئۇلار <تىنيەتۇل خەبال> بىلەن، (يەنى) دوزاخ ئەھلىنىڭ مەينەت چىقىرىندىلىرى[1] بىلەن سۇغىرىلىدۇ» [ئىمام ئەھمەد ۋە ئىمام تىرمىزى توپلىغان. شەيخ ئەلبانى «سەھىھۇل جامى» (8040 – نومۇر) ۋە «مىشكات» (5039 – نومۇر)دا سەھىھ دەپ باھالىغان].
[1] چىقىرىندى ـــــــ ئىسىم، تىبابەتچىلىك ئىلمىدە ، ئادەم بەدىنىدىن ئاجرىلىپ چىقىدىغان نەرسىلەرنىڭ يەنى «تەرەت ، ئوسۇرۇق ، تەر ۋە تۈكۈرۈك» قاتارلىقلارنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى ــــ ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتىدىن.
