داۋامى يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ…
عَنْ أَنَسٍ أَنَّ النَّبِيَّ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ قَالَ: (لَا يُؤْمِنُ أَحَدُكُمْ حَتَّى أَكُونَ أَحَبَّ إِلَيْهِ مِنْ وَالِدِهِ وَوَلَدِهِ وَالنَّاسِ أَجْمَعِينَ)
رەسۇلۇللاھ ﷺ شۇنداق دېگەن: «مەن ھەرقانداق بىرىڭلار ئۈچۈن ئۇنىڭ ئاتىسىدىن، بالىسىدىن ۋە بارلىق كىشىلەردىن سۆيۈملۈك بولمىغۇچە، ئۇ ئىمان ئېيتقان بولمايدۇ» [ئىمام بۇخارى توپلىغان، ئۇيغۇرچە «جەمىئۇلفەۋائىد» 69 – ھەدىس].
عَنْ أَنَسٍ أَنَّ النَّبِيَّ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ قَالَ: (لَا يُؤْمِنُ أَحَدُكُمْ حَتَّى يُحِبَّ لِأَخِيهِ مَا يُحِبُّ لِنَفْسِهِ)
رەسۇلۇللاھ ﷺ شۇنداق دېگەن: «سىلەردىن بىرىڭلار ئۆزى ئۈچۈن ياخشى كۆرگەننى قېرىندىشى ئۈچۈنمۇ ياخشى كۆرمىگۈچە ئىمان ئېيتقان بولمايدۇ» [ئىمام بۇخارى توپلىغان، ئۇيغۇرچە «جەمىئۇلفەۋائىد» 70 – ھەدىس].
عَنْ جَابِرِ بْنِ عَبْدِ الله قال رسول الله صلى الله عليه وسلم (لا يُؤْمِنُ عَبْدٌ حَتَّى يُؤْمِنَ بِالْقَدَرِ خَيْرِهِ وَشَرِّهِ، حَتَّى يَعْلَمَ أَنَّ مَا أَصَابَهُ لَمْ يَكُنْ لِيُخْطِئَهُ وَأَنَّ مَا أَخْطَأَهُ لَمْ يَكُنْ لِيُصِيبَهُ)
رەسۇلۇللاھ ﷺ شۇنداق دېگەن: «بەندە تەقدىرگە، ئۇنىڭ ياخشىلىقىغا ۋە يامانلىقىغا (يەنى بارلىق ياخشىلىق ۋە يامانلىقنىڭ تەقدىر بىلەن بولىدىغانلىقىغا) ئىمان كەلتۈرمىگۈچە، ئۆزىگە تەقدىر قىلىنغان نەرسىنىڭ چوقۇم يەتمەي قالمايدىغانلىقىنى؛ ئۇنىڭغا تەقدىر قىلىنمىغان نەرسىنىڭ ھەرگىزمۇ خاتا يېتىپ قالمايدىغانلىقىنى بىلمىگۈچە ئىمان ئېيتقان بولمايدۇ» [ئىمام تىرمىزى توپلىغان، شەيخ ئەلبانى سەھىھ دېگەن، ئۇيغۇرچە «جەمىئۇلفەۋائىد» 7629- ھەدىس].
قال رسول الله صلى الله عليه وسلم (والله لا يؤمن، والله لا يؤمن، والله لا يؤمن)، قيلَ: من يا رسولَ الله؟ قالَ: (الذي لا يأمنُ جارهُ بوائقه)
رەسۇلۇللاھ ﷺ: «الله بىلەن قەسەمكى، ئىمان ئېيتقان بولمايدۇ. الله بىلەن قەسەمكى، ئىمان ئېيتقان بولمايدۇ. الله بىلەن قەسەمكى، ئىمان ئېيتقان بولمايدۇ» دېۋىدى، ساھابىلەر: «كىم؟ يا رەسۇلۇللاھ؟» دەپ سوراشتى. رەسۇلۇللاھ ﷺ: «قوشنىسى ئۇنىڭ يامانلىقىدىن ئەمىن بولالمىغان كىشى» دەپ جاۋاب بەردى [ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم توپلىغان، ئۇيغۇرچە «جەمىئۇلفەۋائىد» 8277 – ھەدىس].
