«رەببىڭنىڭ يولىغا (يەنى ئىسلام دىنىغا) ھېكمەت بىلەن ۋە ياخشى ۋەز – نەسىھەت بىلەن دەۋەت قىلغىن» ــ دېگەن ئايەتنىڭ تەپسىرى

 {ادْعُ إِلَىٰ سَبِيلِ رَبِّكَ بِالْحِكْمَةِ وَالْمَوْعِظَةِ الْحَسَنَةِ ۖ وَجَادِلْهُم بِالَّتِي هِيَ أَحْسَنُ} «رەببىڭنىڭ يولىغا (يەنى ئىسلام دىنىغا) ھېكمەت بىلەن ۋە ياخشى ۋەز – نەسىھەت بىلەن دەۋەت قىلغىن، ئۇلار (يەنى مۇخالىپەتچىلىك قىلغۇچىلار) بىلەن چىرايلىق رەۋىشتە مۇنازىرىلەشكىن» [سۈرە نەھل 125 – ئايەت] دېگەن ئايەتنىڭ تەپسىرى

ئەللامە شەيخ ئابدۇرەھمان سەئىدى رەھىمەھۇللاھنىڭ «تەپسىر سەئىدى»دىن «ئۇيغۇر ئىسلام تورى» تەرجىمە قىلدى.

تەپسىر: مەيلى مۇسۇلمان، مەيلى كاپىر بولسۇن، ئىنسانلارنى رەببىڭنىڭ پايدىلىق ئىلىم ۋە سالىھ ئەمەلنى ئۆز ئىچىگە ئالغان توپتوغرا يولىغا دەۋەت قىل! شۇنداقلا، بۇ دەۋەتنى «ھېكمەت» بىلەن قىلغىن. يەنى، ھەركىمنى ئەھۋالىغا، چۈشەنچىسىگە مۇۋاپىق شەكىلدە، قارشى تەرەپ قوبۇل قىلالايدىغان، ئىتائەت قىلىدىغان ئۇسۇلدا دەۋەت قىل.

بىلىمسىزچە ئەمەس، ئىلىم بىلەن دەۋەت قىلىش؛ ئەڭ مۇھىم مەسىلىلەرنى ئاۋۋال بىلدۈرۈش؛ كىشىلەر ئوڭايلا چۈشىنەلەيدىغان، ئاسان قوبۇل قىلالايدىغان نۇقتىلارنى دەسلەپتە ئوتتۇرىغا قويۇش ۋە دەۋەتتە سىپايە بولۇش ھېكمەت بىلەن دەۋەت قىلىش جۈملىسىدىندۇر.

ئەگەر قارشى تەرەپ، ھېكمەت بىلەن قىلىنغان بۇ خىل دەۋەتنى قوبۇل قىلسا، بۇنىڭدا مەسىلە يوق. ئەگەر بۇنى قوبۇل قىلمىسا، (ئايەتتە «ھېكمەت»تىن كېيىن تىلغا ئېلىنغان) «ياخشى ۋەز – نەسىھەت» بىلەن دەۋەت قىلىش باسقۇچىغا ئۆتۈش كېرەك. بۇ دەۋەت تەشۋىق بىلەن قورقۇتۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇيرۇق ۋە چەكلىمىلەرنى ئاڭلىتىش بىلەن بولىدۇ. بۇ بىر بولسا ئاللاھ تەئەلا بۇيرۇغان نەرسىلەردىكى پايدا – مەنپەئەتلەرنى ۋە ئاللاھ تەئالا چەكلىگەن نەرسىلەردىكى زىيان – زەخمەتنى چۈشەندۈرۈش بىلەن بولىدۇ؛ يەنە بىر بولسا، ئاللاھ تەئالا ئۆزىگە ئىتائەت قىلغانلارغا تەييارلىغان دۇنيا – ئاخىرەتلىك مۇكاپاتلارنى، ئۆزىگە ئىتائەت قىلمىغانلارغا تەييارلىغان دۇنيا – ئاخىرەتلىك جازا – ئازابلارنى ئەسلىتىش بىلەن بولىدۇ.

ئەگەر دەۋەت قىلىنغۇچى ئۆزىنىڭ ھەق يولدا، دەۋەت قىلغۇچىنىڭ باتىل يولدا ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلسا، ئۇ ۋاقىتتا بۇنداق بىرى بىلەن قايسى يول ئەڭ ياخشى بولسا، شۇ يولدا مۇجادىلە ۋە مۇنازىرە قىلىنىدۇ. بۇ ھەم ئەقلىي، ھەم دەلىل جەھەتتىن كىشىلەرنىڭ دەۋەتنى قوبۇل قىلىشىنى ئاسانلاشتۇرىدىغان يولدۇر. قارشى تەرەپ «دەلىل» سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويغان نەرسىلەرنى ئۇنىڭ زىيىنىغا دەلىل قىلىپ كەلتۈرۈش مۇشۇ تۈردىندۇر. بۇ مۇددىئانىڭ ھاسىل بولۇش ئېھتىماللىقىنى تېخىمۇ ئاشۇرىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، بۇ خىل مۇنازىرىلەر دۈشمەنلىككە ۋە ئۆزئارا ھاقارەتلىشىشكە ئايلىنىپ كەتمەسلىكى كېرەك. چۈنكى، بۇ خىل ئەھۋالدا دەۋەت ئۆز مەقسىتىدىن چەتنەپ، ئۇنىڭدىن مەقسەت قىلىنغان پايدا ھاسىل بولمايدۇ. دەۋەتتىكى مەقسەت چوقۇم ئىنسانلارنى ھەقكە باشلاش بولۇشى كېرەككى، ئۇلار بىلەن بەسلىشىش ۋە ئۇلارنى مەغلۇپ قىلىش قاتارلىقلار مەقسەتلەر ئارىلىشىپ قالماسلىقى كېرەك.

ئىمام ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەقتە شۇنداق دېگەن:

ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا بۇ ئايەتتە دەۋەتنىڭ دەرىجىلىرىنى زىكىر قىلىپ، دەۋەت قىلىنغان كىشىنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن بۇ دەرىجىلەرنى تۆۋەندىكىدەك ئۈچ تۈرگە ئايرىغان:

  1. دەۋەت قىلىنغۇچى ھەقكە ئىنتىلىدىغان، ھەقنى سۆيىدىغان ۋە ھەقنى ئۆگەنگەندە ئۇنى باشقىلارغىمۇ بىلدۈرىدىغان ئادەم بولسا ، بۇنداق كىشىگە ھېكمەت بىلەن دەۋەت قىلىنىدۇ ۋە بۇ چاغدا جېدەل – مۇنازىرە قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق.

2. دەۋەت قىلىنغۇچى ھەقتىن يۈز ئۆرۈگەن، ھەمىشە ھەقنىڭ ئەكسىچە ئىشلارنى قىلىدىغان؛ ئەمما ئۆزىگە ھەق يېتىپ كەلگەندە، ئۇنى تونۇيدىغان ۋە ئۇنى باشقىلارغىمۇ بىلدۈرىدىغان كىشى بولسا، ئۇنىڭغا قارىتا ھەم ھېكمەت بىلەن، ھەم قورقۇتۇش ۋە قىزىقتۇرۇشنى ئارىلاشتۇرغان ئاساستا نەسىھەت قىلىش زۆرۈر.

3. دەۋەت قىلىنغۇچى تەرسالارچە ھەقتىن يۈز ئۆرۈگۈچى بولسا، ئۇنىڭ بىلەن ئەڭ گۈزەل رەۋىشتە مۇنازىرە قىلىنىدۇ. ئەگەر ئۇ ھەقكە قايتسا، تېخى ياخشى! ئەكسى تەقدىردە، ئۇنىڭغا قارىتا جېدەل – مۇنازىرە دەرىجىسىدىن جازالاندۇرۇش دەرىجىسىگە چىقماق لازىم.

مەنبە: «الصواعق المرسلة على الجهمية والمعطلة – ط العاصمة» (4/ 1276).