ئەللامە شەيخ ئەلبانى: سۈننەتنىڭ ئىسلامدىكى ئورنى ـــ ھەدىس ئىنكارچىلىرىغا رەددىيە

ئەڭ شەپقەتلىك، ئەڭ مېھرىبان الله نىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن.

«ئۇيغۇر ئىسلام تورى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

كىرىش سۆز

ھەمدۇ سانا الله قا خاستۇر. دۇرۇت ۋە سالام الله نىڭ رەسۇلىغا، ئۇنىڭ ساھابىلىرىگە ۋە ئۇلارنىڭ يولىغا ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن.
بۇ ھىجرىيەنىڭ 1392 – يىلى مۇبارەك رامزان ئېيىدا قاتارنىڭ پايتەختى دوھادا سۆزلىگەن بىر لېكسىيەمدۇر. مەزكۇر لېكسىيەنىڭ ئىچىدىكى بەزى مۇھىم مەنپەئەتلىك مەزمۇنلار ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ خىل نەرسىلەرگە بولغان ئېھتىياجى تۈپەيلى، بەزى قېرىنداشلىرىمىز بۇ لېكسىيەنىڭ يازما شەكىلدە بېسىپ تارقىتىلىشىنى تەلەپ قىلدى. مەنمۇ بۇ لېكسىيەدىن مەنپەئەت ئالغۇچىلارنىڭ كۆپىيىشى ئۈچۈن ئۇنى نەشر قىلدۇردۇم. ئوقۇرمەنلەرگە قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن، مۇئەييەن بۆلەكلەرنىڭ بېشىغا شۇ بۆلەكنىڭ ئاساسىي مەزمۇنىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان بەزى ماۋزۇلارنى قوشتۇم.
الله عز وجل دىن مېنى دىنىنى قوغدىغان ۋە شەرىئىتىگە ياردەم بەرگەن قۇللىرىدىن قىلىشىنى ۋە مېنى شۇ يول ئۈستىدە سابىت قىلىشىنى تىلەيمەن. شۈبھىسىزكى، ئۇ ياردەم تەلەپ قىلىنغۇچىلارنىڭ ئەڭ سېخىيسىدۇر.
ھىجرىيە 1394 – يىلى مۇھەررەم ئېيىنىڭ 22 – كۈنى، دەمەشىق.
مۇھەممەد ناسىرۇددىن ئەلبانى.

سۈننەتنىڭ ئىسلامدىكى ئورنى ۋە سۈننەتنى قايرىپ قويۇپ قۇرئان بىلەن كۇپايىلىنىشكە بولمايدىغانلىقىنىڭ بايانى
شۈبھىسىزكى، ھەمدۇ سانا الله قا خاستۇر. الله قا ھەمدۇ ئېيتىمىز، ئۇنىڭدىن ياردەم ۋە مەغفىرەت تىلەيمىز. نەپسىمىزنىڭ شەررىدىن، ئەمەللىرىمىزنىڭ يامانلىقلىرىدىن الله قا سېغىنىپ پاناھ تىلەيمىز. الله ئازدۇرغان كىشىنى ھېچكىم ھىدايەت قىلالمايدۇ، الله ھىدايەت قىلغۇچىنى ھېچكىم ئازدۇرالمايدۇ. شۇنداق شاھادەت ئېيتىمەنكى، الله تىن باشقا (ئىبادەتكە لايىق) ھېچبىر ئىلاھ يوقتۇر، ئۇ يېگانىدۇر، ئۇنىڭ شېرىكى يوقتۇر. يەنە شاھادەت ئېيتىمەنكى، مۇھەممەد الله نىڭ قۇلى ۋە ئەلچىسىدۇر.

﴿يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا اتَّقُوا اللَّهَ حَقَّ تُقَاتِهِ وَلا تَمُوتُنَّ إِلاَّ وَأَنْتُمْ مُسْلِمُونَ﴾«ئى ئىمان ئېيتقانلار! الله تىن لايىق رەۋىشتە قورقۇڭلار ۋە پەقەت مۇسۇلمانلىق ھالىتىڭلاردا ۋاپات بولۇڭلار» [سۈرە بەقەرە 102 – ئايەت].
﴿يَا أَيُّهَا النَّاسُ اتَّقُوا رَبَّكُمْ الَّذِي خَلَقَكُمْ مِنْ نَفْسٍ وَاحِدَةٍ وَخَلَقَ مِنْهَا زَوْجَهَا وَبَثَّ مِنْهُمَا رِجَالاً كَثِيراً وَنِسَاءً وَاتَّقُوا اللَّهَ الَّذِي تَتَسَاءَلُونَ بِهِ وَالأَرْحَامَ إِنَّ اللَّهَ كَانَ عَلَيْكُمْ رَقِيباً﴾ «ئى ئىنسانلار! سىلەرنى بىر ئىنساندىن (يەنى ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن) ياراتقان، شۇ ئىنساندىن (يەنى ئۆز جىنسىدىن) ئۇنىڭ جۈپتىنى (يەنى ھەۋۋانى) ياراتقان ۋە ئۇلاردىن (يەنى ئادەم بىلەن ھەۋۋادىن) نۇرغۇن ئەر ـ ئاياللارنى ياراتقان رەببىڭلاردىن قورقۇڭلار، بىر ـ بىرىڭلاردىن نەرسە سورىغاندا نامى بىلەن سورايدىغان الله تىن قورقۇڭلار، سىلە ـ رەھىمنى ئۈزۈپ قويۇشتىن ساقلىنىڭلار. الله ھەقىقەتەن سىلەرنى (يەنى پۈتۈن ئەھۋالىڭلارنى) كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر» [سۈرە نىسا 1- ئايەت].

﴿يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا اتَّقُوا اللَّهَ وَقُولُوا قَوْلاً سَدِيداً (70) يُصْلِحْ لَكُمْ أَعْمَالَكُمْ وَيَغْفِرْ لَكُمْ ذُنُوبَكُمْ وَمَنْ يُطِعْ اللَّهَ وَرَسُولَهُ فَقَدْ فَازَ فَوْزاً عَظِيماً (71)﴾ « ئى مۇئمىنلەر! الله تىن قورقۇڭلار، توغرا سۆزنى قىلىڭلار [70]. الله سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارنى تۈزەيدۇ (يەنى سىلەرنى ياخشى ئەمەللەرگە مۇۋەپپەق قىلىدۇ)، گۇناھلىرىڭلارنى مەغفىرەت قىلىدۇ، كىمكى الله قا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلسا زور مۇۋەپپەقىيەت قازانغان بولىدۇ [71]» [سۈرە ئەھزاب 70 ~ 71 – ئايەت].

يۇقىرىقىلاردىن كېيىن، شۈبھىسىز سۆزلەرنىڭ ئەڭ ياخشى الله نىڭ كالامى، يوللارنىڭ ئەڭ ياخشىسى مۇھەممەد ﷺ نىڭ يولىدۇر. ئىشلارنىڭ ئەڭ يامىنى (دىندا) كېيىن پەيدا بولغانلىرىدۇر. (دىندا) كېيىن پەيدا بولغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى بىدئەتتۇر ۋە ھەرقانداق بىدئەت ئازغۇنلۇقتۇر. ھەرقانداق ئازغۇنلۇق دوزاختىدۇر.
مۇھەققەقكى، مەن بۈيۈك ئالىملار ۋە پەزىلەتلىك ئۇستازلار ئىشتىراك قىلغان بۇ قىممەتلىك مەجلىستە، بۇنىڭدىن بۇرۇن ئۇلار بىلمەي قالغان يېڭى بىر تېمىنى تەقدىم قىلىشنىڭ قولۇمدىن كەلمەيدىغانلىقىنى بىلىمەن.
ئەگەر يۇقىرىقى قارىشىم توغرا بولسا، مېنىڭ بۈگۈنكى بۇ سۆزلىرىمدە الله تەبارەكە ۋەتعالى نىڭ ﴿وَذَكِّرْ فَإِنَّ الذِّكْرَى تَنفَعُ الْمُؤْمِنِينَ﴾«ۋەز – نەسىھەت قىلغىن! ھەقىقەتەن ۋەز – نەسىھەت مۇئمىنلەرگە پايدىلىق» دېگەن بۇيرۇقىغا بىنائەن، نەسىھەت قىلغۇچىلاردىن بولۇشۇم كۇپايىدۇر.
مۇبارەك رامىزان ئېيىنىڭ بۇ مۇبارەك كېچىسىدىكى لېكسىيەمنى مۇرشىد ۋە ۋائىزلارنىڭ ئادىتىدىكىدەك، رامىزان ئېيىنىڭ پەزىلىتى ۋەھاكازالار توغرىسىدا ئەمەس، بەلكى دىنىمىزنىڭ ئۇللىرىدىن بىرى بولغان «ئىسلام شەرىئىتىدە سۈننەتنىڭ ئەھمىيىتى»دىن ئىبارەت ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بىر تېما ھەققىدە سۆزلەشنى لايىق تاپتىم.

سۈننەتنىڭ قۇرئاننىڭ يېنىدىكى ۋەزىپىسى
ھەممىڭلارغا مەلۇمكى، الله تەبارەكە ۋەتعالى مۇھەممەد ﷺ نى پەيغەمبەرلىككە تاللاپ، ئۇنىڭغا كىتابى قۇرئان كەرىمنى نازىل قىلغان ۋە رەسۇلۇللاھقا بۇيرۇغان ئىشلارنىڭ قاتارىدا رەسۇلۇللاھنى ئىنسانلارغا قۇرئاننى بايان قىلىشقا بۇيرۇغان. الله تعالى بۇ ھەقتە شۇنداق دەيدۇ:
﴿وَأَنزَلْنَا إِلَيْكَ الذِّكْرَ لِتُبَيِّنَ لِلنَّاسِ مَا نُزِّلَ إِلَيْهِمْ﴾ «بىز سېنىڭ ئىنسانلارغا ئۇلارغا نازىل قىلىنغان نەرسىلەرنى بايان قىلىپ بېرىشىڭ ئۈچۈن ساڭا قۇرئاننى نازىل قىلدۇق» [سۈرە نەھل 44 – ئايەت].
مەن بۇ ئايەتى كەرىمدە تىلغا ئېلىنغان «بايان» ئىككى تۈرلۈك دەپ قارايمەن:
بىرىنچىسى: قۇرئاننىڭ لەۋزىنىڭ بايانىدۇر. بۇ قۇرئان كەرىمنى الله تعالى رەسۇلى مۇھەممەد ﷺ نىڭ قەلبىگە نازىل قىلغان شەكىلدە بايان قىلىشنى، ئۇنىڭدىن ھېچنەرسىنى يوشۇرماي ئۈممەتكە بىلدۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ. الله تعالى نىڭ تۆۋەندىكى بۇيرۇقىدا مەقسەت قىلىنغان مەنە ئەنە شۇدۇر.
﴿يَا أَيُّهَا الرَّسُولُ بَلِّغْ مَا أُنزِلَ إِلَيْكَ مِنْ رَبِّكَ﴾ «ئى پەيغەمبەر! ساڭا رەببىڭدىن نازىل قىلىنغان نەرسىلەرنى تەبلىغ قىل!» [سۈرە مائىدە 67 – ئايەت].
ھەقىقەتەن، ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە، مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رضي الله عنها : «كىم سىلەرگە مۇھەممەد ﷺ الله ئۇنى تەبلىغ قىلىشقا بۇيرۇغان بىر ئىشنى يوشۇرغان دېسە، بىلىڭلاركى ئۇ الله قا چوڭ تۆھمەت چاپلىغان بولىدۇ» دېگەن ۋە يۇقىرىدىكى ئايەتنى ئوقۇغان. ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان يەنە بىر رىۋايەتتە مۇنداق دېيىلگەن «ئەگەر رەسۇلۇللاھ ﷺ تەبلىغ قىلىشقا بۇيرۇلغان بىرەر نەرسىنى يوشۇرماقچى بولسا ئىدى، الله تعالى نىڭ تۆۋەندىكى سۆزىنى يوشۇرغان بولاتتى (ئەمما، ئۇ ھېچ نەرسىنى يوشۇرغان ئەمەس، ت).
﴿وَإِذْ تَقُولُ لِلَّذِي أَنْعَمَ اللَّهُ عَلَيْهِ وَأَنْعَمْتَ عَلَيْهِ أَمْسِكْ عَلَيْكَ زَوْجَكَ وَاتَّقِ اللَّهَ وَتُخْفِي فِي نَفْسِكَ مَا اللَّهُ مُبْدِيهِ وَتَخْشَى النَّاسَ وَاللَّهُ أَحَقُّ أَنْ تَخْشَاهُ﴾ « ئۆز ۋاقتىدا سەن الله نېمەت بەرگەن، سەنمۇ ئىنئام قىلغان كىشىگە: «خوتۇنۇڭنى نىكاھىڭدا تۇتقىن، الله تىن قورققىن!» دېدىڭ، الله ئاشكارىلىماقچى بولغان نەرسىنى كۆڭلۈڭدە يوشۇردۇڭ، كىشىلەرنىڭ تەنە قىلىشىدىن قورقتۇڭ، الله تىن قورقۇشۇڭ ئەڭ ھەقلىق ئىدى» [سۈرە ئەھزاب 37 – ئايەت].

ئىككىنچىسى: ئۈممەت شەرھلىنىشىگە موھتاج بولغان لەۋز، جۈملە ۋەياكى ئايەتنىڭ مەنىسىنىڭ بايان قىلىنىشىدۇر. بۇنىڭ زور بىر قىسمى مۈجمەل، ئومۇمىي ۋە مۇتلەق شەكىلدىكى ئايەتلەر ھەققىدە بولۇپ، مانا مۇشۇ يەردە سۈننەت ئوتتۇرىغا چىقىدۇ ۋە ئايەتلەردىكى مۈجمەللىكنى ئوچۇق بايان قىلىدۇ، ئام (ئومۇمىي)دىن خاسنى چىقىرىدۇ، مۇتلەق شەكىلدە بايان قىلىنغاننى كونكرېتلاشتۇرىدۇ. پۈتۈن بۇلار رەسۇلۇللاھ ﷺ نىڭ سۆزى بىلەن بايان قىلىنغىنىدەك، ئۇنىڭ پېئىلى ۋە ئېتىراپى (سۈكۈتى) بىلەنمۇ بولىدۇ.

قۇرئاننى چۈشىنىشتە سۈننەتنىڭ زۆرۈرلىكى ۋە بۇنىڭغا ئالاقىدار مىساللار
الله تعالى نىڭ شۇ بۇيرۇقى بۇنىڭغا ياخشى مىسال بولالايدۇ:
﴿وَالسَّارِقُ وَالسَّارِقَةُ فَاقْطَعُوا أَيْدِيَهُمَا﴾
«ئوغرىلىق قىلغان ئەرلەرنىڭ ۋە ئوغرىلىق قىلغان ئاياللارنىڭ قوللىرىنى كېسىڭلار» [سۈرە مائىدە 38 – ئايەت].
بۇ ئايەتتە «ئوغرى» لەۋزى ۋە «قول» لەۋزى مۇتلەق شەكىلدە كەلگەن. سۈننەتتە بولسا، بۇ ئايەتتىكى «ئوغرى» كەلىمىسى «دىنارنىڭ تۆتتىن بىرى (ۋە ئۇنىڭدىن كۆپ نەرسە)نى ئوغرىلىغۇچى» دېگەن شەرت بىلەن كونكرېتلاشتۇرۇلغان. دەرۋەقە، رەسۇلۇللاھ ﷺ شۇنداق دېگەن: «ئوغرىنىڭ قولى پەقەت دىنارنىڭ تۆتتىن بىرى ۋە ئۇنىڭدىن كۆپ نەرسە ئۈچۈن كېسىلىدۇ». بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم ئۆزىنىڭ سەھىھ توپلاملىرىدا بايان قىلغان.
ئايەتتىكى «قول» كەلىمىسىگە كەلسەك، بۇمۇ رەسۇلۇللاھ ﷺ نىڭ پېئىلى، ساھابە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇملارنىڭ پېئىلى ۋە رەسۇلۇللاھ ﷺ نىڭ ساھابىلەرنىڭ پېئىللىرىگە سۈكۈت قىلىشى شەكلىدە بايان قىلىنغان. ھەقىقەتەن، ئۇلارنىڭ ئوغرىنىڭ قولىنى بېغىشتىن كەسكەنلىكى ھەدىس كىتابلىرىدىن مەلۇمدۇر. بۇنىڭدىن سىرت، تەيەممۇم ھەققىدىكى شۇ ئايەتمۇ بۇنىڭغا مىسال بولالايدۇ:
﴿فَلَمْ تَجِدُوا مَاءً فَتَيَمَّمُوا صَعِيداً طَيِّباً فَامْسَحُوا بِوُجُوهِكُمْ وَأَيْدِيكُمْ مِنْهُ﴾
«ئەگەر سۇ تاپالمىساڭلار، پاك تۇپراقتا تەيەممۇم قىلىڭلار. ئۇنىڭ بىلەن قولۇڭلارغا، يۈزۈڭلارغا مەسھى قىلىڭلار» [سۈرە مائىدە 6 – ئايەت].
بۇ ئايەتى كەرىمدە تىلغا ئېلىنغان «قول ۋە يۈزگە تەيەممۇم قىلىش» ئىبارىسى سۈننەتتە «يۈز ۋە ئىككى ئالقان ئۈچۈن قولنى توپىغا بىر قېتىم ئۇرۇش» دەپ بايان قىلىنغان. بۇ ھەقتە ئىمام ئەھمەد، ئىمام بۇخارى، ئىمام مۇسلىم ۋە باشقا مۇھەددىسلەر ئەممار ئىبنى ياسىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلغان[1].

ئەمدى، سۈننەتكە تايانماي تۇرۇپ الله تعالى نىڭ مەقسىتىنى توغرا چۈشىنىش مۇمكىن بولمايدىغان بەزى ئايەتلەرنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمەن:
1. الله تعالى شۇنداق دېگەن:
﴿الَّذِينَ آمَنُوا وَلَمْ يَلْبِسُوا إِيمَانَهُمْ بِظُلْمٍ أُوْلَئِكَ لَهُمْ الأَمْنُ وَهُمْ مُهْتَدُونَ﴾
«ئازابتىن ئەمىن بولۇش ئىمان ئېيتقان، ئىمانىغا زۇلۇمنى ئارىلاشتۇرمىغان ئادەملەرگە مەنسۇپتۇر، ئۇلار ھىدايەت تاپقۇچىلاردۇر» [سۈرە ئەنئام 82 – ئايەت].
بۇ ئايەتى كەرىمدىكى «زۇلۇم» كەلىمىسىنى رەسۇلۇللاھ ﷺ نىڭ ساھابىلىرى (الله ئۇلاردىن رازى بولغاي) «چوڭ – كىچىك ھەرقانداق زۇلۇمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ» دەپ (لۇغەت مەنىسىدە) چۈشىنىۋالغان ھەم شۇ ۋەجىدىن بۇ ئايەت ئۇلارغا ئېغىر كېلىپ، «يا رەسۇلۇللاھ! قايسىمىز ئىمانىمىزغا زۇلۇم ئارىلاشتۇرمايمىز؟[2]» دېيىشكەن. رەسۇلۇللاھ ﷺ بۇنىڭغا جاۋابەن: «بۇ سىلەرنىڭ ئويلىغىنىڭلاردەك ئەمەس. بۇ (ئايەتتىكى) «زۇلۇم»دىن كۆزدە تۇتۇلغىنى شېرىكتۇر. سىلەر لوقماننىڭ ئوغلىغا ئېيتقان سۆزىنى ئاڭلىمىدىڭلارمۇ؟ (لوقمان ھەكىم ئوغلىغا شۇنداق دېگەن)
﴿يَا بُنَيَّ لا تُشْرِكْ بِاللَّهِ إِنَّ الشِّرْكَ لَظُلْمٌ عَظِيمٌ﴾
«ئى ئوغۇلچىقىم، الله قا شېرىك كەلتۈرمىگىن، شېرىك كەلتۈرۈش ھەقىقەتەن چوڭ زۇلۇمدۇر» دېدى» [سۈرە لوقمان 13 – ئايەت].
بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى، ئىمام مۇسلىم ۋە باشقا مۇھەددىسلەر توپلىغان.

2. الله تعالى نىڭ تۆۋەندىكى سۆزىمۇ شۇنىڭغا ئوخشايدۇ:
﴿وَإِذَا ضَرَبْتُمْ فِي الأَرْضِ فَلَيْسَ عَلَيْكُمْ جُنَاحٌ أَنْ تَقْصُرُوا مِنْ الصَّلاةِ إِنْ خِفْتُمْ﴾
«سەپەرگە چىققان ۋاقتىڭلاردا كاپىرلارنىڭ ئۆزۈڭلارغا زىيان ـ زەخمەت يەتكۈزۈپ قويۇشىدىن قورقۇپ، نامازنى قەسرى قىلىپ (يەنى تۆت رەكئەتنى ئىككى رەكئەت قىلىپ) ئوقۇساڭلار سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ» [سۈرە نىسا 101 – ئايەت].
الله تعالى نىڭ يۇقىرىقى سۆزىنىڭ زاھىرىدىن سەپەردە نامازنى (قىسقارتىپ) قەسىر قىلىپ ئوقۇش ئۈچۈن قورقۇنچنىڭ شەرت ئىكەنلىكى كۆرۈلىدۇ. شۇ سەۋەبتىن بەزى ساھابىلەر رەسۇلۇللاھ ﷺ گە «(ھازىر) خاتىرجەملىككە ئېرىشكەن تۇرۇقلۇق، نېمىشقا يەنە نامازنى قەسر قىلىپ ئوقۇيمىز؟» دەپ سورىغان. رەسۇلۇللاھ ﷺ : «بۇ الله نىڭ سىلەرگە بەرگەن سەدىقىسىدۇر. الله نىڭ سەدىقىسىنى قوبۇل قىلىڭلار» دېگەن. بۇ ھەدىسنى ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

3. الله تائالا شۇنداق دېگەن:
﴿حُرِّمَتْ عَلَيْكُمْ الْمَيْتَةُ وَالدَّمُ﴾
«سىلەرگە ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋان، قان … ھارام قىلىندى» [سۈرە مائىدە 3 – ئايەت].
سۈننەتتە بۇ ئايەتى كەرىمدىكى «ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋان»دىن «چېكەتكە بىلەن بېلىق»، «قان»دىن «تال بىلەن جىگەر» ئايرىپ چىقىلىپ، بۇلارنىڭ يۇقىرىقى چەكلىمىلەردىن ئايرىم ھالدا ھالال ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان. ھەقىقەتەن، رەسۇلۇللاھ ﷺ : «بىزگە ئىككى ئۆلۈك ۋە ئىككى قان ھالال قىلىندى. ئىككى ئۆلۈك ـــ چېكەتكە بىلەن بېلىق؛ ئىككى قان بولسا تال بىلەن جىگەردۇر» دېگەن. بۇ ھەدىسنى ئىمام بەيھەقى ۋە باشقا مۇھەددىسلەر مەرفۇئ (تېكىستى رەسۇلۇللاھ ﷺ گە ئائىت ھەدىس، ت) ۋە مەۋقۇف (سۆز ياكى ھەرىكەت ساھابىلەرگە ئائىت بولغان ھەدىس، ت) شەكىللەردە رىۋايەت قىلغان. مەۋقۇف ئىسنادى سەھىھ بولۇپ، مەرفۇئ ھۆكۈمدىدۇر. چۈنكى، بۇ رەي بىلەن ئېيتقىلى بولىدىغان سۆز ئەمەس.

4. الله تعالى نىڭ تۆۋەندىكى سۆزىمۇ مۇشۇ تۈردىندۇر:
﴿قُلْ لا أَجِدُ فِي مَا أُوحِيَ إِلَيَّ مُحَرَّماً عَلَى طَاعِمٍ يَطْعَمُهُ إِلاَّ أَنْ يَكُونَ مَيْتَةً أَوْ دَماً مَسْفُوحاً أَوْ لَحْمَ خِنزِيرٍ فَإِنَّهُ رِجْسٌ أَوْ فِسْقاً أُهِلَّ لِغَيْرِ اللَّهِ بِهِ﴾
«ئېيتقىنكى، ماڭا ۋەھيى قىلىنغان ئەھكاملار ئىچىدە، ئۆزى ئۆلۈپ قالغان نەرسە ياكى ئېقىپ چىققان قان ۋە ياكى چوشقا گۆشى ـــــ چوشقا نىجىس يېمەكلىكلەرگە ئادەتلەنگەنلىكى ئۈچۈن چوشقا گۆشى پاسكىنىدۇر ــ ۋە الله تىن غەيرىينىڭ ئىسمى ئېيتىلىپ بوغۇزلانغان گۇناھ مالدىن غەيرىينى ھەر قانداق ئادەم ئۈچۈن ھارام كۆرمەيمەن» [سۈرە ئەنئام 145 – ئايەت].
بۇ ئايەتتە تىلغا ئېلىنمىغان نۇرغۇن ھايۋانلار سۈننەت ئارقىلىق ھارام قىلىنغان. رەسۇلۇللاھ ﷺ : «مەگەن چىشى بار ھەرقانداق يىرتقۇچ ھايۋان ۋە پەنجىلىك ھەرقانداق يىرتقۇچ قۇشھارامدۇر» دېگەن. بۇ ھەقتە باشقا ھەدىسلەرمۇ بار. يەنە رەسۇلۇللاھ ﷺ خەيبەر كۈنى ئەبۇتەلھە رضي الله عنه غا: «مۇھەققەقكى، الله ۋە رەسۇلى سىلەرنى ئۆي ئېشەكلىرىنىڭ گۆشىدىن چەكلەيدۇ. چۈنكى، ئۇ گۆشلەر نىجىستۇر» دېگەن. بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم توپلىغان.

5. الله تعالى نىڭ تۆۋەندىكى سۆزىمۇ شۇ تۈردىندۇر:
﴿قُلْ مَنْ حَرَّمَ زِينَةَ اللَّهِ الَّتِي أَخْرَجَ لِعِبَادِهِ وَالطَّيِّبَاتِ مِنْ الرِّزْقِ﴾
«ئېيىتقىنكى، الله بەندىلىرى ئۈچۈن ياراتقان لىباسلارنى، شېرىن، پاك رىزىقلارنى كىم ھارام قىلدى؟» [سۈرە ئەئراف 32 – ئايەت].
(بۇ ئايەتنىڭ لەۋزىدىن «زىننەت ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان نورمال بۇيۇملارنىڭ ھەممىسى مۇسۇلمانلارغا ھالال» دېگەن مەنە چىقىدۇ، ئەمما) بۇ ئايەتتىن مۇستەسنا ھالدا، چەكلەنگەن بەزى زىننەت بۇيۇملىرى سۈننەتتە كونكرېت بايان قىلىنغان. رەسۇلۇللاھ ﷺ بىر كۈنى بىر قولىدا يىپەك، يەنە بىر قولىدا ئالتۇن بار ھالەتتە ساھابىلىرىنىڭ يېنىغا چىقتى ۋە «بۇ ئىككىسى ئۈممىتىمنىڭ ئەركەكلىرىگە ھارام، ئاياللىرىغا ھالالدۇر» دېدى. بۇ ھەدىسنى ئىمام ھاكىم توپلىغان ۋە سەھىھ دېگەن. بۇ مەزمۇندا «سەھىھۇل بۇخارى»، «سەھىھۇل مۇسلىم»دا ۋە باشقا ھەدىس كىتابلىرىدا نۇرغۇن ھەدىسلەر بار.

قېرىندىشىم! يۇقىرىدا بايان قىلىنغان بۇ مىساللار سۈننەتنىڭ ئىسلام شەرىئىتىدىكى ئەھمىيىتىنى ئوپئوچۇق ئوتتۇرىغا قويماقتا. بۇ يەردە تىلغا ئالمىغان ئايەتلەرنى دېمەيلا تۇرايلى، يۇقىرىدا مىسال كەلتۈرگەن ئايەتلەردىنلا شۇ نەرسىنى ئېنىق كۆرۈپ يېتىمىزكى، قۇرئان كەرىمنى توغرا چۈشىنىشنىڭ سۈننەتكە مۇراجىئەت قىلىشتىن باشقا يولى يوق.
يۇقىرىدىكى كەلتۈرۈلگەن بىرىنچى مىسالدا، ساھابە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇملار ئايەتتىكى «زۇلۇم» كەلىمىسىنى زاھىرى مەنىدە چۈشىنىشكەنىدى. ئۇلارنىڭ الله رازى بولغان ئىنسانلار ئىكەنلىكىگە ۋە ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئېيتقىنىدەك، «ئۈممەتنىڭ ئەڭ پەزىلەتلىك كىشىلىرى، قەلىبلىرى ئەڭ تەقۋادار، ئىلمى ئەڭ چوڭقۇر ۋە ئىنسانلار ئارىسىدىكى ئەڭ تەكەللۇپسىز كىشىلەر» ئىكەنلىگە قارىماستىن، بۇ ئايەتنى چۈشىنىشتە خاتالاشقانىدى. ئەگەر، رەسۇلۇللاھ ﷺ ئۇلارغا بۇ ئايەتنىڭ توغرا تەپسىرىنى بىلدۈرۈپ، ئايەتتىكى «زۇلۇم»نىڭ «شېرىك»نى كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئۆگەتمىگەن بولسا، بىزمۇ بۇ ئايەتنى ساھابىلەردەك چۈشەنگەن بولاتتۇق. ئەمما، ئۇنداق بولمىدى. الله تەبارەكە ۋەتعالى رەسۇلۇللاھ ﷺ نىڭ يېتەكلىشى ۋە سۈننىتى ئارقىلىق بىزنى بۇ ئايەتنى خاتا چۈشىنىۋېلىشتىن ساقلاپ قالدى.

ئىككىنچى مىسالدا تىلغا ئېلىنغان ھەدىس بولمىسا ئىدى، بىز ئايەتنىڭ زاھىرىدىن كۆرۈنگىنىدەك، نامازنى قەسر قىلىپ ئوقۇش ئۈچۈن قورقۇنچنىڭ شەرت ئىكەنلىكىنى ئويلىۋېلىپ، خاتىرجەم زامانلاردا سەپەردە نامازنى قەسر قىلىپ ئوقۇشتا ئىككىلەنگەن بولاتتۇق. ئەگەر، ساھابە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇملار رەسۇلۇللاھ ﷺ نىڭ (خاتىرجەم زامانلاردىمۇ) سەپەردە نامازلارنى قىسقارتىپ ئوقۇغانلىقىنى كۆرمىسە ئىدى، ئۇلارنىڭ بەزىسى «سەپەردە نامازنى قىسقارتىپ ئوقۇش ئۈچۈن قورقۇنچ شەرت» دەپ ئويلىشى مۇمكىن ئىدى. ئەمما، ساھابىلەر (رەسۇلۇللاھ ﷺ نىڭ خاتىرجەم زامانلاردىمۇ سەپەردە نامازنى قىسقارتىپ ئوقۇغانلىقىنى كۆرۈپ) خاتىرجەم مەزگىللەردىمۇ نامازنى قەسر قىلىپ ئوقۇدى.

يەنە ئۈچىنچى مىسالدا نەقىل قىلىنغان ھەدىس بولمىغان بولسا، بىزگە ھالال قىلىنغان ئۆلۈك چېكەتكە، ئۆلۈك بېلىق؛ جىگەر ۋە تال (نىڭ قېنى) قاتارلىق پاكىز، ھالال رىزىقلارنى ئۆزىمىزگە ھارام قىلغان بولاتتۇق.

تۆتىنچى مىسالدا تىلغا ئېلىنغان ھەدىس بولمىسا ئىدى، الله تعالى رەسۇلۇللاھ ﷺ نىڭ تىلى ئارقىلىق بىزگە ھارام قىلغان يىرتقۇچ ھايۋان ۋە پەنجىسى بىلەن ئوۋ ئوۋلايدىغان يىرتقۇچ قۇشلارنى ھالال دەپ يەۋەرگەن بولاتتۇق.

بەشىنچى مىسالدا تىلغا ئېلىنغان ھەدىس بولمىسا ئىدى، الله تعالى رەسۇلۇللاھ ﷺ نىڭ تىلى ئارقىلىق بىزگە (ئۈممەتنىڭ ئەرلىرىگە) ھارام قىلغان ئالتۇن ۋە يىپەكنى ئۆزىمىزگە ھالال سانىغان بولاتتۇق. ئەنە شۇ ۋەجىدىن، سەلەفتىن بىرى ئېيتقانكى، «سۈننەت، كىتاب (قۇرئان) ئۈستىگە ھۆكۈم قىلىدۇ».

سۈننەتنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، قۇرئان بىلەن كۇپايىلەنمەكچى بولغانلارنىڭ ئازغۇنلۇقى:
ئادەمنى شۇ قەدەر ئازابلايدىغان ئەھۋال شۇكى، بەزى مۇفەسسىرلەر ۋە يېڭى دەۋر يازغۇچىلىرى نوقۇل قۇرئان كەرىمگە تايىنىپلا، ئاخىرقى ئىككى مىسالدا تىلغا ئېلىنغان يىرتقۇچ ھايۋانلارنىڭ گۆشىنى يېيىشنى، (ئەرلەرنىڭ) ئالتۇن ۋە يىپەك بىلەن زىننەتلىنىشنى مۇباھ دېيىشمەكتە. ئەمدىلىكتە بولسا ئاتالمىش «قۇرئانچى» دېيىلىدىغان بىر گۇرۇپ ئىنسانلار سەھىھ سۈننەتنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، قۇرئان كەرىمنى ھاۋايى ھەۋىسىگە تايىنىپلا تەپسىر قىلىشماقتا. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە سۈننەت ئۇلارنىڭ نەپسى خاھىشى بويسۇندۇرۇلىدىغان بىر نەرسىدىن ئىبارەت، خالاس. ئەگەر سۈننەت ئۇلارنىڭ قارىشىغا مۇۋاپىق كېلىپ قالسا، سۈننەتنى تۇتىدۇ. ئەگەر ئۇلارنىڭ قارىشىغا مۇۋاپىق كەلمىسە، ئۇنى دەرھال چۆرۈپ تاشلايدۇ. رەسۇلۇللاھ ﷺ نىڭ تۆۋەندىكى ھەدىسى گويا شۇلاردىن بېشارەت بەرگەندەكلا. رەسۇلۇللاھ ﷺ شۇنداق دەيدۇ: «لا أَلفينَّ أحدكم متكئًا على أريكته يأتيه الأمر من أمري مما أمرت به أو نهيت عنه فيقول: لا ندري، ما وجدنا في كتاب الله اتبعناه»«مەن بىرىڭلارنى مۇنداق ھالەتتە كۆرمەي: ئۇ ياستۇقىغا يۆلەنگەن ھالدا ئولتۇرۇپ، مەن بۇيرۇغان ياكى چەكلىگەن بىر ئىشنى ئاڭلىغاندا: <مەن بۇنى بىلمەيمەن. بىز الله نىڭ كىتابىدا نېمىنى تاپساق شۇنىڭغا ئەگىشىمىز> دەيدۇ» [تىرمىزىي 2663 – ھەدىس].
بۇ ھەدىسنىڭ (ھاكىم، تىرمىزىي ۋە ئىبن ماجە قاتارلىق) باشقا مۇھەددىسلەر رىۋايەت قىلغان نۇسخىسىدا، رەسۇلۇللاھ ﷺ مۇنداق دېگەن:«حرم رسول الله صلى الله عليه وسلم يوم خيبر أشياء، ثم قال: يوشك أحدكم أن يكذبني وهو متكئ يحدث بحديثي فيقول: بيننا وبينكم كتاب الله فما وجدنا فيه من حلال استحللناه وما وجدنا فيه من حرام حرمناه ألا إن ما حرم رسول الله مثل ما حرم الله» «پەيغەمبەر ﷺ خەيبەر كۈنى بىر ئىشنى ھارام قىلىپ بېكىتتى ۋە ئاندىن مۇنداق دېدى:<بىرىڭلار راھەت ياستۇقىغا يۆلەنگىنىچە مېنى (ھەدىسىمنى) ئىنكار قىلىدۇ. ئۇلارغا مېنىڭ ھەدىسىم سۆزلەنسە، ئۇلار «الله نىڭ كىتابى ئارىمىزدا. بىز ئۇنىڭدا ھالال دېيىلگەننى ھالال؛ ئۇنىڭدا ھارام دېيىلگەننى ھارام دەيمىز» دەيدۇ. بىلىڭلاركى، الله نىڭ پەيغەمبىرى ھارام قىلغان نەرسـىلەرمۇ الله ھـــارام قىلغـــان نەرســـىلەر بىـــلەن ئوخشـــاشتۇر».
ئېچىنىشلىق ھەقىقەت شۇكى، خېلى داڭدار يازغۇچىلاردىن بىرى ئىسلام شەرىئىتى ۋە ئەقىدىسى ھەققىدە بىر كىتاب يېزىپ، كىتابىنىڭ مۇقەددىمىسىدە «بۇ ئەسىرىمنى يېنىمدا قۇرئان كەرىمدىن باشقا ھېچقانداق كىتاب (مەنبە) يوق ھالەتتە يېزىپ چىقتىم» دېگەن.
يۇقىرىدا مەن تىلغا ئالغان بۇ ھەدىس شۇنى كەسكىن رەۋىشتە كۆرسىتىدۇكى، ئىسلام شەرىئىتى ھەرگىزمۇ قۇرئاندىن ئىبارەت ئەمەس. بەلكى، ئۇ قۇرئان ۋە سۈننەتتۇر. كىمكى بۇ ئىككىسىدىن بىرىنى تاشلاپ يەنە بىرىگە ئېسىلىمەن دېسە، ئەمەلىيەتتە ھېچقايسىغا (يەنى قۇرئانغىمۇ، سۈننەتكىمۇ) ئېسىلمىغان بولىدۇ. چۈنكى، بۇ ئىككىلىسى بىزنى يەنە بىرىگە مەھكەم ئېسىلىشقا بۇيرۇغان (يەنە بىز قۇرئاندا سۈننەتكە چىڭ يېپىشىشقا، سۈننەتتە قۇرئانغا چىڭ يېپىشىشقا بۇيرۇلغان، ت). دەرۋەقە، الله تعالى شۇنداق دەيدۇ:
﴿مَنْ يُطِعْ الرَّسُولَ فَقَدْ أَطَاعَ اللَّهَ وَمَنْ تَوَلَّى فَمَا أَرْسَلْنَاكَ عَلَيْهِمْ حَفِيظاً﴾
«كىمكى پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىدىكەن، ئۇ الله قا ئىتائەت قىلغان بولىدۇ (چۈنكى پەيغەمبەر الله نىڭ ئەمرىنى يەتكۈزىدۇ). كىمكى (ئى مۇھەممەد!) سەندىن يۈز ئۆرۈيدىكەن، (بىلگىنكى) بىز سېنى ئۇلارغا كۆزەتچى (يەنى ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى كۆزىتىپ تۇرغۇچى) قىلىپ ئەۋەتمىدۇق» [سۈرە نىسا 80 – ئايەت].
يەنە بىر ئايەتتە الله تعالى شۇنداق دېگەن:
﴿فَلا وَرَبِّكَ لا يُؤْمِنُونَ حَتَّى يُحَكِّمُوكَ فِيمَا شَجَرَ بَيْنَهُمْ ثُمَّ لا يَجِدُوا فِي أَنفُسِهِمْ حَرَجاً مِمَّا قَضَيْتَ وَيُسَلِّمُوا تَسْلِيماً﴾
«(ئى مۇھەممەد!) رەببىڭ بىلەن قەسەمكى، ئۇلار ئۆز ئارىسىدىكى دەتالاشقا سېنى ھۆكۈم چىقىرىشقا تەكلىپ قىلمىغۇچە، ئاندىن سېنىڭ چىقارغان ھۆكىمىڭگە ئۇلارنىڭ دىللىرىدىكى قىلچە غۇم بولسىمۇ يوقالمىغىچە ۋە ئۇلار پۈتۈنلەي بويسۇنمىغىچە ئىمان ئېيتقان بولمايدۇ » [سۈرە نىسا 65 – ئايەت].
الله تعالى يەنە شۇنداق دېگەن:
﴿وَمَا كَانَ لِمُؤْمِنٍ وَلا مُؤْمِنَةٍ إِذَا قَضَى اللَّهُ وَرَسُولُهُ أَمْراً أَنْ يَكُونَ لَهُمْ الْخِيَرَةُ مِنْ أَمْرِهِمْ وَمَنْ يَعْصِ اللَّهَ وَرَسُولَهُ فَقَدْ ضَلَّ ضَلالاً مُبِيناً﴾
«الله ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بىرەر ئىشتا ھۆكۈم چىقارغان چاغدا، ئەر ـ ئايال مۇئمىنلەرنىڭ ئۆز ئىشىدا ئىختىيارلىقى بولمايدۇ. كىمكى الله قا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئاسىيلىق قىلسا، ھەقىقەتەن ئۇ ئوپئوچۇق ئازغان بولىدۇ» [سۈرە ئەھزاب 36 – ئايەت].
الله تعالى يەنە شۇنداق دېگەن:
﴿وَمَا آتَاكُمْ الرَّسُولُ فَخُذُوهُ وَمَا نَهَاكُمْ عَنْهُ فَانْتَهُوا وَاتَّقُوا اللَّهَ إِنَّ اللَّهَ شَدِيدُ الْعِقَابِ﴾
«پەيغەمبەر سىلەرگە بەرگەننى ئېلىڭلار، پەيغەمبەر چەكلىگەن نەرسىدىن چەكلىنىڭلار، الله تىن قورقۇڭلار، ھەقىقەتەن الله نىڭ ئازابى قاتتىقتۇر» [سۈرە ھەشر 7 – ئايەت].
بۇ ئايەت مۇناسىۋىتى بىلەن، ئىبن مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ۋە مېنى تولىمۇ سۆيۈندۈرىدىغان بىر ۋەقەنى بايان قىلىشنى توغرا تاپتىم:
بىر ئايال ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يېنىغا كەلدى ۋە ئۇنىڭغا «الله يۈزىنىڭ تۈكلىرىنى يۇلغان، يۇلدۇرغان، خال چەكتۈرگەن ئاياللارغا لەنەت قىلسۇن، دېگەن سەنمۇ؟» دېدى. ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: شۇنداق، دېدى.
ھېلىقى ئايال: مەن قۇرئاننى باشتىن ئاياغ ئوقۇپ چىقتىم،ئۇنىڭدا سەن دېگەن سۆزلەرنى تاپالمىدىم،- دېدى. ئىبنى مەسئۇد: ئەگەر قۇرئاننى تولۇق ئوقۇغان بولساڭ ئۇنى تاپقان بولاتتىڭ. ﴿پەيغەمبەر سىلەرگە بەرگەننى ئېلىڭلار،پەيغەمبەر چەكلىگەن نەرسىدىن چەكلىنىڭلار﴾ دېگەن ئايەتنى ئوقۇمىدىڭمۇ؟- دېدى.
ئۇ ئايال: ھەئە، ئوقۇدۇم،- دېدى.
ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: مەن پەيغەمبەرﷺ نىڭ «الله يۈزىنىڭ تۈكلىرىنى يۇلغان ئاياللارغا لەنەت قىلسۇن» دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانىدىم، دېدى. بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

قۇرئاننى چۈشىنىشتە ئەرەب تىلىنى بىلىشنىڭلا كۇپايە قىلمايدىغانلىقى:
يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان مىساللاردىن شۇ ھەقىقەت ناھايىتى روشەن ئايدىڭلىشىدۇكى، ھېچكىمنىڭ ـــ مەيلى ئۇ ئەرەب تىلى ۋە ئەدەبىياتىغا ئالىم بولسۇن ـــ رەسۇلۇللاھ ﷺ نىڭ سۈننىتىگە مۇراجىئەت قىلماي تۇرۇپ قۇرئان كەرىمنى توغرا چۈشىنەلىشى مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى، بۇنداق بىرىنىڭ ئەرەبچىنى رەسۇلۇللاھ ﷺ نىڭ ساھابىلىرىدىنمۇ ياخشى بىلىشى مۇمكىن ئەمەس. ھالبۇكى، ساھابىلەرنىڭ زامانىدا ئەرەبچىگە باشقا تىللارنىڭ تەسىرى سىڭىپ كىرمىگەن ۋە ئەرەبچىمۇ شۇ سەۋەبلىك بۇزۇلمىغان ئىدى. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، (ئالدىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكىنىمىزدەك) ساھابىلەرمۇ قۇرئان كەرىمدىكى سۆزلەرنىڭ لۇغەت مەنىسىنىلا نەزەردە تۇتقان ۋاقىتتا، ئايەتنى خاتا چۈشىنىۋالغانىدى (يەنى ئايەتتىكى «زۇلۇم» كەلىمىسىنى «شېرىك» دېگەن مەنىدە ئەمەس، لۇغەت مەنىسىدە چۈشەنگەنىدى، ت).
شۇ خۇسۇس ناھايىتى روشەنكى، سۈننەت ھەققىدىكى ئىلمى چوڭقۇر كىشى سۈننەتنى ياخشى بىلمەيدىغان بىرىگە قارىغاندا، قۇرئاننى تېخىمۇ توغرا چۈشىنەلەيدۇ ۋە ئۇنىڭدىن تېخىمۇ توغرا ھۆكۈم ئالالايدۇ. ئۇنداقتا، (ئاتالمىش «قۇرئانچى»لارغا ئوخشاش) سۈننەتكە ھېچ ئېتىبار بەرمەيدىغانلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى ھالى قانداق بولار؟ (يەنى بۇ بىچارىلەر قۇرئاننى قانداقمۇ توغرا چۈشىنەلەر؟؟؟ ت).
ئەنە شۇ سەۋەبتىن، قۇرئاننىڭ قۇرئان ۋە سۈننەت بىلەن، ئاندىن ساھابىلەرنىڭ سۆزلىرى بىلەن تەپسىرلىنىشى ۋە ئىزاھلىنىشى كېرەكلىكى ئىلىم ئەھلى ئىتتىپاققا كەلگەن بىر قائىدىدۇر.
مانا مۇشۇ يەردە كونا – يېڭى كالامچىلارنىڭ ئازغۇن – گۇمراھلىقىنىڭ، فىقھى مەسىلىلەردىلا ئەمەس، ئەقىدە مەسىلىلىرىدىمۇ سەلەف سالىھلارغا قارشى يول تۇتقانلىقىنىڭ سەۋەبى ئايدىڭلىشىدۇ. يەنى، ئۇلارنىڭ ئازغۇنلۇقى، ئۇلارنىڭ سۈننەتتىن ۋە ئۇنى بىلىشتىن ئەڭ يىراق ئىنسانلار ئىكەنلىكى، الله نىڭ ئىسىم – سۈپىتى ھەققىدىكى ئايەتلەرنى ۋە باشقا ئايەتلەرنى چۈشىنىشتە ئەقلىنى، ھاۋايى ھەۋىسىنى ئۆزىگە ھاكىم قىلىۋالغانلىقى سەۋەبلىكتۇر. بۇ خۇسۇستا، ئىبنى ئەبىلئىز رەھىمەھۇللاھ «ئەقىدە تاھاۋى شەرھى» (4 – باسما، 212 – بەت)دە تىلغا ئالغان تۆۋەندىكى قۇرلار نېمە دېگەن گۈزەل:
«ئىسلامنى قۇرئان – سۈننەتتىن ئەمەس، پەقەتلا پالانى – پوكۇنىلارنىڭ سۆزلىرىدىن ئۆگەنگەنلەر قانداقسىگە (تەپتارتماي) دىننىڭ ئۇل ئاساسلىرى ھەققىدە سۆز قىلالايدۇ؟ ئۇلار دىننى الله نىڭ كىتابىدىن ئالغانلىقىنى دەۋا قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، الله نىڭ كىتابىنى رەسۇلۇللاھ ﷺ نىڭ ھەدىسلىرى بىلەن تەپسىر قىلىشمايدۇ. تەلەپچان ئىماملىرىمىز مىڭبىر جاپادا سەھىھ راۋىيلارنى تاللاپ چىقىپ شۇلاردىن ھەدىس رىۋايەت قىلسا، بۇلار يا رەسۇلۇللاھ ﷺ نىڭ ھەدىسلىرىگە، يا ساھابىلەرنىڭ ۋە ئۇلارغا مەھكەم ئەگەشكەنلەرنىڭ ئەسەرلىرىگە قارىمايدۇ. شۈبھىسىزكى، ئۇلار (يەنى ساھابە باشلىق سەلەف سالىھلار) كېيىنكىلەرگە يالغۇز قۇرئاننىڭ ئوقۇلىشىنىلا قالدۇرمىدى. ئەكسىچە، قۇرئاننىڭ ھەم ئوقۇلۇشىنى، ھەم مەنىسىنى ئۆگەتتى. ئۇلار قۇرئاننى بالىلارغا ئوخشاش (قارىغۇلارچە يادلاپ) ئەمەس، بەلكى مەنىسى بىلەن بىرلىكتە ئۆگىنەتتى.
كىمكى ئۇلارنىڭ (يەنى ساھابە باشلىق سەلەف سالىھلار) يولىدا ماڭمىغان بولسا، چوقۇم ئۆزىنىڭ ھاۋايى ھەۋىسى بىلەن سۆزلەيدۇ دېگەن گەپ. شۇنداقلا، كىمكى الله نىڭ كىتابىغا مۇراجىئەت قىلماي تۇرۇپ، ئۆزى «الله نىڭ دىنى» دەپ قارىۋالغان نەرسىلەرنى سۆزلىسە، توغرىنى تاپقان تەقدىردىمۇ گۇناھكار بولىدۇ. كىمكى دىننى قۇرئان – سۈننەتتىن ئۆگەنسە، بىرەر خۇسۇستا خاتالاشقان تەقدىردىمۇ ئەجىر ۋە مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ. ئەگەر توغرىنى تاپسا قوش ئەجىر ئالىدۇ».
ئۇنىڭدىن كېيىن، ئىبنى ئەبىلئىز رەھىمەھۇللاھ (217 – بەت) يەنە شۇنداق دەيدۇ:
«رەسۇلۇللاھ ﷺ گە تولۇق بىر تەسلىمىيەت بىلەن تەسلىم بولۇش، ئۇنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويۇن ئېگىش، رەسۇلۇللاھ ﷺ دىن كەلگەن خەۋەرلەرنى «ماۋۇ ئەقىلگە ئۇيغۇن (ئاۋۇ ئەقىلگە ئۇيغۇن ئەمەس)» دېگەن شەكىلدە باتىل تەسەۋۋۇرلار بىلەن رەت قىلماي، تەستىقلاش ۋە قوبۇل قىلىش ۋاجىبتۇر. شۇنداقلا، رەسۇلۇللاھ ﷺ دىن كەلگەن بۇ خەۋەرلەردە «شەك – شۈبھە» بار دەپ جۆيلۈمەسلىك، پالانى – پوكۇنىنىڭ قاراشلىرىنى ۋە ئەخلەت ئىدىيەلىرىنى ھەدىسنىڭ ئالدىغا قويۇۋالماي، ھەدىسنى تەستىقلاش ۋە قوبۇل قىلىش ۋاجىبتۇر».
خۇلاسە، قۇرئان ۋە سۈننەتكە تەڭ مۇراجىئەت قىلىپ، شەرىئەتنىڭ ھۆكۈملىرىنى ھەر ئىككىسىنىڭ ئۈستىگە بەرپا قىلىش ۋە قۇرئان – سۈننەتنىڭ ئارىسىنى ئايرىۋەتمەسلىك پۈتۈن مۇسۇلمانلارغا ۋاجىبتۇر. شۈبھىسىزكى، بۇ ئۇلارنىڭ تەۋرىنىپ قالماسلىقىنىڭ ۋە ئازغۇنلىشىپ دىنىدىن يېنىپ كەتمەسلىكىنىڭ كاپالىتىدۇر. چۈنكى، رەسۇلۇللاھ ﷺ بۇنى ئوچۇق بايان قىلىپ شۇنداق دېگەن: «سىلەرگە ئىككى نەرسە قالدۇردۇم. بۇلارغا چىڭ يېپىشقان مۇددەتتە ھەرگىز ئازمايسىلەر. بۇلار الله نىڭ كىتابى ۋە مېنىڭ سۈننىتىمدۇر. ئۇ ئىككىسى ھەۋزى كەۋسەرنىڭ بېشىغىچە بىر – بىرىدىن قەتئىي ئايرىلمايدۇ» بۇ ھەدىسنى ئىمام مالىك مۇنقەتى شەكىلدە، ئىمام ھاكىم مەۋسۇل شەكىلدە ھەسەن سەنەد بىلەن رىۋايەت قىلغان.

مۇھىم ئاگاھلاندۇرۇش:
ئەلۋەتتە، ئىسلام شەرىئىتىدە بۇ قەدەر مۇھىم ئورۇن تۇتقان سۈننەت ھەرگىزمۇ تۈرلۈك فىقھى، تەپسىر، تەرغىب – تەنبىھ ۋە باشقا تۈردىكى كىتابلاردا ئۇچرايدىغان ھەدىس ئاتالغانلىكى سۆزلەرنىڭ ھەممىسى ئەمەس، بەلكى رەسۇلۇللاھ ﷺ دىن ئىلمىي يوللار بىلەن، مۇھەددىس ۋە راۋى باھالىغۇچى ئالىملارغا تونۇشلۇق سەھىھ سەنەدلەر ئارقىلىق رىۋايەت قىلىنغان ھەدىسلەردۇر. چۈنكى، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان تۈرلەردىكى نۇرغۇن كىتابلاردا زەئىپ، مۇنكەر، توقۇلما ھەدىسلەر، ھەتتا ئىسلام بىلەن زەررىچە ئالاقىسى يوق ھارۇت – مارۇت ھەدىسى؛ غەرانىق (شەيتاننىڭ سۆزلىرىنىڭ ئايەتكە ئارىلىشىپ كېتىشى) قىسسىسىگە ئوخشاش (ئەپقاچتى) رىۋايەتلەر بار. بولۇپمۇ، مۇشۇ غەرانىق رىۋايىتىنىڭ باتىللىقى ھەققىدە مېنىڭ نەشر قىلىنغان بىر رىسالەم بار. بۇنىڭدىن سىرت، بۇ خىل (زەئىپ – يالغان) رىۋايەتلەرنىڭ نۇرغۇنىنى «سلسلة الأحاديث الضعيفة والموضوعة وأثرها السيئ في الأمة» ناملىق چوڭ ھەجىملىك ئەسىرىمدە تەخرىج قىلدىم. ھازىرغا قەدەر، پەقەت 500ى ئېلان قىلىنغان بۇ زەئىپ ۋە توقۇلما رىۋايەتلەرنىڭ سانى تەخمىنەن 4000 غا بېرىپ قالدى.
ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ، بولۇپمۇ ھۆكۈم ۋە پەتىۋالىرى كىشىلەر ئارىسىدا تارقالغانلارنىڭ ھەدىسنىڭ سەھىھ – زەئىپلىكىنى تەكشۈرمەي تۇرۇپ دەلىل سۈپىتىدە قوللانماسلىقى ۋاجىبتۇر. چۈنكى، ئىلىم ئەھلىگىمۇ ئايان بولغىنىدەك، كۆپىنچە ۋاقىتلاردا فىقھى كىتابلىرىدا نۇرغۇن ئاساسسىز ۋاھى (پەقۇلئاددە زەئىپ) ۋە مۇنكەر ھەدىسلەر ئۇچرايدۇ.
«الأحاديث الضعيفة والموضوعة في أمهات الكتب الفقهية» (ئاساسىي فىقھى كىتابلىرىدىكى زەئىپ ۋە ئويدۇرما ھەدىسلەر) دەپ ئىسىم قويغان ۋە ئۆزۈمنىڭ نەزىرىدە پەۋقۇلئاددە مۇھىم بولغان، شۇنداقلا فىقھى بىلەن مەشغۇل بولغۇچىلار ئۈچۈن ناھايىتى مەنپەئەتلىك بولغان بىر كىتاب يېزىشنى باشلىغانىدىم. بۇ ماۋزۇدىكى «أمهات الكتب الفقهية» (ئاساسىي فىقھى كىتابلىرى)دىن تۆۋەندىكى كىتابلارنى نەزەردە تۇتقانىدىم:
l«ئەلھىدايە» ـــ مەرغىنانىنىڭ ھەنەفىي فىقھى كىتابى.
l«ئەلمۇدەۋۋەنە» ـــ ئىبنۇل قاسىمنىڭ مالىكىي فىقھىغا ئالاقىدار كىتابى.
l«شەرھۇل ۋەجىز» ـــ رافىئىنىڭ شافىئىي فىقھى كىتابى.
l«ئەلمۇغنى» ـــ ئىبنى قۇدامەنىڭ ھەنبەلى فىقھى كىتابى.
l«بىدايەتۇل مۇجتەھىد» ـــ ئىبن رۇشد ئەندەلۇسىنىڭ سېلىشتۇرما فىقھىغا ئالاقىدار كىتابى.
ئەمما، مىڭلارچە ئەپسۇس، بۇ كىتابنى تاماملاش ماڭا نېسىپ بولمىدى. چۈنكى، كۇۋەيتتىكى «ئەلۋايۇل ئىسلامىي» ژۇرنىلى دەسلەپتە بۇ كىتابنى تۈزمەكچى بولغانلىقىمنى ئاڭلاپ ناھايىتى قىزغىن ئىنكاس بىلدۈرگەن ۋە ئۇنى نەشر قىلدۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى. ئەمما، كىتابنىڭ ئۆزىنى كۆرۈپلا يالتىيىۋالدى.
بۇ پۇرسەت قولۇمدىن كەتتى. الله تعالى خالىسا، يەنە پۇرسەت تېپىپ، فىقھى بىلەن مەشغۇل بولىدىغان قېرىنداشلىرىمغا ياردىمى تېگىدىغان ئىلمىي، ئىنچىكە مېتود بىلەن، چوقۇم مۇراجىئەت قىلىنىشى كېرەك بولغان ھەدىس كىتابلىرىدىن پايدىلىنىپ ھەدىسنىڭ (سەھىھ – زەئىپلىك) دەرىجىسىنى بىلىشنى ئۇلارغا قولايلاشتۇرىدىغان؛ شۇ مەنبەلەرنىڭ (مۆتىۋەر ھەدىس كىتابلىرىنىڭ) ئالاھىدىلىكلىرىنى ۋە ئەھمىيەت بەرگەن مۇھىم نۇقتىلىرىنى بايان قىلىپ بېرىدىغان بىر كىتاب تۈزۈپ چىقىشقا مۇۋەپپەق بولالىشىمنى ئۈمىد قىلىمەن. مۇۋەپپەقىيەت الله تىندۇر.

مۇئاز رضي الله عنه غا نىسبەت بېرىلگەن رەي (شەخسىي كۆز قاراش) توغرىسىدىكى ھەدىسنىڭ زەئىپلىكى ۋە مۇنكەرلىكى
بۇ نەسىھىتىمنى تۈگىتىشنىڭ ئالدىدا، كىشىلەر ئارىسىدا مەشھۇر بولغان بىر ھەدىسنى بۇ يەرگە ھازىر بولغان قېرىنداشلىرىمنىڭ سەمىگە سالماقچىمەن. بۇ ھەدىسنىڭ سەنەدىنىڭ زەئىپلىكىگە، شۇنداقلا مەزمۇنىنىڭ مەزكۇر لېكسىيەدە قەيت قىلىنغان «قۇرئان بىلەن ھەدىسنى ئايرىۋېتىشنىڭ جائىز ئەمەسلىكى» ۋە «قۇرئان – سۈننەتنى تەڭ نەزەردە تۇتۇشنىڭ ۋاجىبلىقى»غا زىت بولۇشىغا قارىماستىن، بۇ ھەدىسنى نەقىل قىلمىغان ئۇسۇلى فىقھى كىتابلىرى ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدۇ. بۇ رەسۇلۇللاھ ﷺ مۇئاز ئىبنى جەبەل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى يەمەنگە ئەۋەتىدىغان چاغدا بولۇنغان دىيالوگ مەزمۇن قىلىنغان ھەدىستۇر:
رەسۇلۇللاھ ﷺ مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن «ساڭا بىر مەسىلە ئۇچرىسا، نېمە بىلەن ھۆكۈم قىلىسەن؟» دەپ سورايدۇ.
مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: الله نىڭ كىتابى بىلەن، دەيدۇ.
رەسۇلۇللاھ ﷺ «ئەگەر (ئۇ مەسىلىنىڭ جاۋابىنى) الله نىڭ كىتابىدىن تاپالمىساڭچۇ؟» دەيدۇ.
مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: رەسۇلۇللاھ ﷺ نىڭ سۈننىتى بىلەن، دەيدۇ.
رەسۇلۇللاھ ﷺ «ئەگەر سۈننەتتىنمۇ تاپالمىساڭچۇ؟» دەيدۇ.
مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: رەيىم (كۆز قارىشىم) بىلەن ئىجتىھاد قىلىمەن ۋە قولۇمدىن كەلگىنىنى قىلىمەن، دەيدۇ.
رەسۇلۇللاھ ﷺ «رەسۇلۇللاھنىڭ ئەلچىسىنى رەسۇلۇللاھ خۇش بولىدىغان ئىشقا مۇۋەپپەق قىلغان الله قا ھەمدىلەر بولسۇن» دەيدۇ.
بۇ ھەدىسنىڭ ئىسنادىنىڭ زەئىپلىكىگە كەلسەك، بۇنى بۇ يەردە تولۇق بايان قىلىش مۇمكىن ئەمەس. ئەمما، بۇ ھەدىسنىڭ زەئىپلىكىنى يۇقىرىدا تىلغا ئالغان «سلسلة الأحاديث الضعيفة والموضوعة وأثرها السيئ في الأمة» دېگەن كىتابىمدا ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان شەكىلدە، تولۇق، قانائەتلىنەرلىك ئىزاھلىدىم. مەزكۇر سورۇندا بۇلارنى تولۇق بايان قىلىشقا ئىمكانىيەت بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ھەدىس ساھەسىنىڭ «ئەمرۇل مۇئمىنۇن»ى بولغان ئىمام بۇخارى رەھمەتۇللاھ ئەلەيھىنىڭ بۇ رىۋايەت ھەققىدىكى «بۇ ھەدىس مۇنكەردۇر» دېگەن سۆزى بىلەن كۇپايىلىنىمەن.
ئاندىن، بۇ ھەدىسنىڭ مەزمۇن جەھەتتىكى مەسىلىسىگە كەلسەك، بۇ رىۋايەت ھۆكۈم چىقىرىش خۇسۇسىدا، مۇجتەھىد ئۈچۈن تۆۋەندىكىدەك باسقۇچلۇق مېتودنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بۇ خىل مېتودقا كۆرە، (1) مۇجتەھىد بىر مەسىلىنىڭ ھۆكمىنى قۇرئاندىن تاپالمىسا ئاندىن سۈننەتتىن تېپىپ ھۆكۈم قىلسا بولىدۇ (2) ئەگەر مەسىلىنىڭ ھۆكۈمىنى سۈننەتتىنمۇ تاپالمىسا ئاندىن ئۆزى ئىجتىھاد قىلسا بولىدۇ.
پۈتۈن ئالىملارنىڭ نەزىرىدە يۇقىرىقى ئىككىنچى نۇقتا (يەنى قۇرئان – سۈننەتتىن ھۆكمى تېپىلمىغان مەسىلىلەردە، ئىجتىھاد قىلىشقا بولىدىغانلىقى) توغرا. ئۇلار «ئەسەر كەلگەن ھامان رەي باتىل بولىدۇ» دېيىشىدۇ.
ئەمما، يۇقىرىدىكى بىرىنچى نۇقتا، يەنى بىر مەسىلىنىڭ ھۆكمى قۇرئاندىن تېپىلمىسا، ئاندىن سۈننەتكە مۇراجىئەت قىلىش ئۇسۇلى خاتا. چۈنكى، سۈننەت الله نىڭ كىتابى ئۈستىدە ھۆكۈم قىلىدۇ، ئۇنى ئىزاھلايدۇ. بىز مەزكۇر لېكسىيەنىڭ بېشىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن مىساللاردا كۆرسىتىلگىنىدەك، مۇجتەھىد بىر مەسىلىنىڭ ھۆكمىنىڭ قۇرئاندا بارلىقىنى بىلسىمۇ، سۈننەتتىكى شۇنىڭغا ئالاقىدار ھۆكۈملەرنى ئىزدىشى ۋاجىبتۇر. سۈننەتنىڭ قۇرئاننىڭ يېنىدىكى ئورنى ھەرگىزمۇ رەي (كۆز قاراش)نىڭ سۈننەتنىڭ يېنىدىكى ئورنىغا ئوخشىمايدۇ. ئەكسىچە، قۇرئان – سۈننەتنىڭ ئارىسىنى ئايرىماي، بۇ ئىككىسىگە ئوخشاش بىر مەنبە سۈپىتىدە ئېتىبار بېرىش ۋاجىب. ھەقىقەتەن، رەسۇلۇللاھ ﷺ نىڭ تۆۋەندىكى سۆزلىرى بۇنىڭغا ئىشارەتتۇر «شۇنى ياخشى بىلىڭلاركى، ماڭا قۇرئان ۋە ئۇنىڭ ئوخشىشى بېرىلدى». بۇ يەردە كۆزدە تۇتۇلغىنى سۈننەتتۇر. چۈنكى، رەسۇلۇللاھ ﷺ نىڭ ئېيتقىنىدەك «ئۇ ئىككىسى ھەۋزى كەۋسەرنىڭ يېنىغىچە بىر – بىرىدىن ئەسلا ئايرىلمايدۇ». شۇنداق بولغانىكەن، قۇرئان بىلەن سۈننەتنى بۇ شەكىلدە تەبىقىلەش (يەنى قۇرئاندىن دەلىل تېپىلمىسا، ئاندىن سۈننەتكە مۇراجىئەت قىلىمىز دېيىش) توغرا ئەمەس. چۈنكى، بۇ خىل تەبىقىلەش قۇرئان بىلەن سۈننەتنىڭ ئارىسىنى ئايرىۋېتىشنى تەقەززا قىلىدۇ، بۇ لېكسىيەنىڭ ئالدىدىكى بۆلەكلىرىدە قەيت قىلىنغان مەزمۇنلارغا كۆرە باتىلدۇر.
مانا مۇشۇلار مەن كۆپچىلىكنىڭ سەمىگە سالماقچى بولغان ئىشلار ئىدى. ئەگەر ھەقنى سۆزلىگەن بولسام، بۇ الله نىڭ لۇتفىدۇر. ئەگەر خاتالاشقان بولسام، بۇ ئۆزۈمدىكى مەسىلىدۇر.
الله تعالى نىڭ مېنى ۋە سىلەرنى خاتالىقلاردىن ۋە ئۆزى رازى بولمايدىغان پۈتۈن ئىشلاردىن ساقلىشىنى تىلەيمەن.
دۇئايىمىزنىڭ ئاخىرى «بارچە ھەمدۇ سانا ئالەملەرنىڭ رەببى الله قا خاستۇر».

مەزكۇر رىسالىنى «ئۇيغۇر ئىسلام تورى» ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى.
تور بېتىمىز تەييارلىغان تېخىمۇ سەرخىل دىنىي ماتېرىياللاردىن پايدىلىنىشنى ۋە الله رازىلىقى ئۈچۈن يېقىنلىرىڭىزغا تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇماڭ.

[1]ئەرەبچىدىكى «قول» مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان «اليد» كەلىمىسى قول بارماقلىرىنىڭ ئۇچىدىن مۈرىگىچە بولغان ئەزانىڭ ئىسمىدۇر. ئەمما، بۇ مۇتلەق ئىپادە سۈننەتتە كونكرېنلاشتۇرۇلۇپ، رەسۇلۇللاھ ﷺ ئوغرىنىڭ قولىنى (مۈرىسىدىن ئەمەس) بېغىشتىن كەسكەن.
مائىدە سۈرىسىنىڭ ئالتىنچى ئايىتىدە تىلغان ئېلىنغان «قول» ئەسلىدە بارماقنىڭ ئۇچىدىن جەينەككىچە بولغان ئارىلىقنى بىلدۈرىدىغان ئىبارىدۇر. ئەمما، ئەممار ئىبنى ياسىر رضي الله عنه مادىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ ﷺ ئۇنىڭغا تەيەممۇم قىلىشنى ئۆگىتىپ، تەيەممۇ ئايىتىدە تىلغا ئېلىنغان «قول»نىڭ قولنىڭ بېغىشقىچە بولغان قىسمى ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان ـــ تۈركچىگە تەرجىمە قىلغۇچىنىڭ ئىزاھاتى
[2]يەنى «بۇ كىمنىڭمۇ قولىدىن كەلسۇن؟» دېگەن مەنىدە